سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەر بەدەننى ئ‍اجىزلىتامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئ‍ۆتكەن قېتىملىق ”ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش “ توپىدا بىزدىكى “ سوغۇقلۇق قىلىشتىن قورقۇش كېسىلى“ ھەققىدە ئ‍انچە-مۇنچە بەھىس يۈرگۈزۈپ سۇ سوغۇق كىلىدۇ دېگەن قاراش بويچە پات-پات يۇيۇنۇشنى ئ‍ېغىر ئ‍ىلىش مەسىلىسى دېگەندەك تازىلىق، ساقلىققا مۇناسىۋەتلىك ئ‍ىشلار ھەققىدە پاراڭ قىلغان ئ‍ىدىم.
بۈگۈن ”سازتەن 30 “ ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش پروگراممىمىزغا مۇناسىۋەتلىك، ئ‍ىنتايىن موھىم بولغان تۆۋەندىكى قاراشلار ھەققىدە سىلەر بىلەن ئ‍ورتاقلىشىمەن. كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ”سوغۇقلۇق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەر بەدەننى ئ‍اجىزلاشتۇرىدۇ“ ، دەيدىغان قاراش ئ‍ۈستۈن ئ‍ورۇندا بولۇپ بۇ ھەقتە توغرا چۈشەنچە كەمچىل بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئ‍وزۇقلىنىش ئ‍ادىتىدە مەسىلىلەر ساقلانغان.
بىز مىزاج ھەققىدىكى بايانلىرىمىزدا پەرقلىق مىزاجدىكى ئ‍ادەملەرنىڭ يېمەك-غىزالىرىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا پەرقلىق بولۇپ، ھەر كىم ئ‍ۆزىنىڭ مىزاج-تەبئىتىگە ئ‍ۇيغۇن، ياقىدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلىپ، شۇ ئ‍اساستا ئ‍وزۇقلىنىش ئ‍ادىتى يېتىلدۈرەلىسە ئ‍ۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تولىمۇ ئ‍ەھمىيەتلىك بىر ئ‍ىشنى قىلغان بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ئ‍ىدىم.
خوش، ئ‍ۇنداقتا تېمىمىزغا قايتىپ كىلەيلى. راستىنلا سوغۇقلۇق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەر بەدەننى ئ‍اجىزلىتامدۇ؟
مەيلى سوغۇق ياكى ئ‍ىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەر بولسۇن ھەر قايسىسىنىڭ ئ‍ۆزىگە خاس ئ‍وزۇقلۇق، قۇۋۋەت تەركىبلىرى بولۇپ بۇ پەقەت ئ‍ىستىمال قىلغۇچىنىڭ مىزاجىغا، شۇ يېمەكلىكنى يېگەن ۋاقىتتىكى بەدەن ئ‍ىھتىياجى، بەدەن شارائىتىغا ماس كىلىش-كەلمەسلىك يەنى يېقىش-ياقماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئ‍ىسسىق مىزاج ئ‍ادەم ”سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەر بەدىنىمنى ئ‍اجىزلىتىدۇ“ دېگەن قاراش بىلەن ئ‍ىسسىقلىق، كۈچلۈك دەپ قارالغان يېمەكلىكلەر، دورا-دەرمەكلەرنى ئ‍ىستىمال قىلىشنى ئ‍ادەت قىلسا بەدىنىدە دەررۇ كۈچلۈك ئ‍ىنكاس كۆرۈلمىگەن بىلەن بارا-بارا ئ‍ۇنىڭ بەدىنىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈك ، ئ‍ومومىي بەدەن ھالسىراپ جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ ئ‍ىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئ‍اجىزلىتىۋېتىشى مومكىن. بەلكىم ھاياتىغا خەۋپ كەلتۈرىدىغان كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مومكىن.
تەبئىتى ئ‍ىسسىق مىزاجلىق ئ‍ادەم قۇۋۋەتلىك، ئ‍ىسسىقلىق تاماقلار بىلەن غىزالىنىپ ئ‍ادەتلەنگەن بولسا ، كىيىن توساتتىن مىزاجىمغا ئ‍ۇيغۇن غىزالىناي دەپ سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرگە بىراقلا يۆتكەلسە، ئ‍ۇزاق ئ‍ۆتمەي بەدەندە سوغۇقلىقى ئ‍ىشىپ كەتكەندەك – ئ‍ۇيقۇ جىقلاپ قالغاندەك، شەھۋېتى ئ‍ۇرغۇپ تۇرمايۋاتقاندەك، بەل-پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ قالغاندەك ئ‍ىنكاسلار كۆرىلىشى مومكىن. بۇ خىل ئ‍ەھۋال ئ‍ىنتايىن نۇرمال ئ‍ىش بولۇپ بۇ بەدەننىڭ ئ‍اجىزلاپ، قۇۋۋەت كەملەپ كەتكەنلىكتىن ئ‍ەمەس، بەلكى ئ‍ەسلى ئ‍ادەتلەنگەن بەدەننىڭ ئ‍ۆزگىرىشكە نىسپەتەن قايتۇرغان ئ‍ىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىسقا ۋاقىتلىق بەدەننىڭ كۆنەلمەسلىكىدىن كىلىپ چىققان ئ‍ەھۋال بولۇپ بىر پۈتۈن ئ‍ۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن پايدىلىق ئ‍ەھۋالدۇر. مىسال ئ‍ۈچۈن: خوتەنلىك كىشىلەرنىڭ ئ‍ەسلى تەبئىتى كۆپۈنچە قۇرۇق ئ‍ىسسىققا مايىل بولسىمۇ يەپ ئ‍ادەتلەنگەنلىكى ئ‍ۈچۈن قۇرۇق ئ‍ىسسىقلىقى يۇقۇرى بولغان گۆشگىردىنى ئ‍ەتىگىنى ئ‍اچ قورساققا ، تونۇر بېشىدا ئ‍ولتۇرۇپ قومۇرۇپ يەۋەرسىمۇ بەدىنىدە ئ‍الاھىدە بىر ئ‍ىنكاس بولمايدۇ. قەشقەرنىڭ ئ‍ادەملىرى ئ‍ادەتتە ئ‍ەتىگەنلىرى پولۇ، سامسا دېگەندەك قۇرۇق ئ‍ىسسىق تەبىئەتتىكى غىزالارنى يېمەكچى بولسا ئ‍اۋۋال بىر پىيالە چاي ياكى بىرەر تىلىم قوغۇن-تاۋۇز ، بىرەر بۇردا نان بىلەن ناشتا قىلىۋەتكەندىن كىيىن يەيدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت ئ‍اشۇ كۈچلۈك تاماقلار سەپراغا تېگىدۇ، دېگەن قاراشتىن بولغان. ئ‍ەمەلىيەتتىمۇ بەزىدە ناشتىغا ئ‍اچ قورساق قورىما ياكى پولۇ، كاۋاپ، قىززىق سامسا ھەتتاكى تونۇردىن ئ‍ەمدىلا قومۇرغان ناننى يەپ ئ‍اغرىپ قالىدىغان ئ‍ىشلار بولىدۇ. بۇنى ئ‍ادەتتە ”قوقاق تەگدى“، ”سەپراغا تەگدى“، دەپ ئ‍اتايمىز. بۇ خىل قوقاققا تېگىشنىڭ ئ‍الامىتى ئ‍ومومىي بەدەن يېقىمسىزلىنىپ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. باش يەڭگىل ئ‍اغرىپ، يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىپ ئ‍وكسىگىن يېتىشمەيۋاتقاندەك سېزىم بولىدۇ. ئ‍ېغىرراق بولغاندا يۈرەك ئ‍ېغىپ بەدەن ھالسىزلىنىدۇ. جاقىلداپ تىترەپ توڭۇپ، ئ‍ىسسىيالمايدۇ. ئ‍ۈستى-ئۈستىلەپ قىلىن يوتقانلارنى يېپىپمۇ ”قوقاق“ تەككەن ئ‍ادەمنى ئ‍اسان ئ‍ىسسىتقىلى بولمايدۇ. بۇ ئ‍ەھۋال بەزىدە زۇكام ئ‍ارىلاشمۇ كۆرىلىدۇ.
بۇ بەدەن مىزاجىغا قارىمۇ-قارشى تەبىئەتتىكى يېمەك-غىزالارنىڭ بەدەندە كۆرىلىدىغان تېز ئ‍ىنكاسى بولۇپ بۇ خىل ئ‍ەھۋال بەدىنى سوغۇقجان، بەدەننىڭ ئ‍ىممۇنېت كۈچى ئ‍اجىزلاپ قالغان كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. يەنى بۇ قۇرۇق ئ‍ىسسىق مىزاجدىكى يېمەكلىكلەر ئ‍ەسلىدە ئ‍ىسسىقجان كىشىلەرگە دەررۇ زەرەر قىلماي ، سوغۇقجان كىشىلەردە كۈچلۈك ئ‍ىنكاس پەيدا قىلىشى يېمەك-ئىچمەكتىكى ئ‍ادەتلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئ‍ىش.
ئ‍ىچكىردىكى دېڭىز بويىدا چوڭ بولغان بىرەيلەن خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن خوتەنگە كىلىپ ئ‍ەتىسى تۇنجى كۈنى خىزمەتداشلىرىنىڭ يەرلىك ئ‍ۇسۇلدا مىھماندوستلۇق يەتكۈزىشى بىلەن تونۇر بېشىدا پۈۋلەپ ئ‍ولتۇرۇپ گۆشگىردە يەپ ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆتمەيلا مىجەزى يوق بولۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا سەككىز كۈن ياتقانلىقىنى، ئ‍ۇ ئ‍ۆزىنى يېمەكلىكتىن زەھەرلەندىم، دەپ قاراپ ئ‍ەرز قىلماقچى بولغاندا بىللە گۆشگىردە يېگەن خىزمەتداشلىرى ئ‍ۆزلىرىنىڭ ھېچنىمە بولمىغانلىقى، بۇ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئ‍ەمەس، گۆشگىردىنىڭ ئ‍ۇنىڭ بەدىنىگە كۈچلۈك كىلىپ، ماس كەلمىگەنلىكىنى دەپ چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن بولدى قىپتۇ.
تەبئىتى ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئ‍ادەم بەدىنىگە ناتونۇش، كۈچلۈك قۇرۇق ئ‍ىسسىق تەبىئەتتىكى گۆش گىردە يېگەندىن كىيىن ئ‍اشۇنداق كۈچلۈك ئ‍ىنكاس پەيدا بولغان.
ئ‍ەمەلىيەتتە سوغۇق مىزاج ئ‍ادەم سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىپ ئ‍ادەتلەنسە دەمال ئ‍ىنكاس كۆرۈلمىگەن بىلەن ئ‍ۆمۈرلۈك ساغلاملىقى ۋە بەدىنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى جەھەتتىن ئ‍ويلاشقاندا سوغۇقلۇق بەدەننى تېز قىرىتىدۇ. بەدەندە ھارارەت سوۋۇپ كۈچ-قۇۋۋىتى بالدۇر ئ‍اجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئ‍ىسسىقلىق غىزالارنى كۆپرەك ئ‍ىستىمال قىلىش، بەدىنىنى ئ‍ىسسىقلىق مايلاردا مايلاپ تۇرىشى، بەدىنىنى ئ‍ىسسىق تۇتۇشنىڭ ئ‍ەھمىيىتى چوڭ!
ئ‍ىسسىق مىزاج ئ‍ادەم ئ‍ىسسىقلىق تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ ئ‍ادەتلىنىپ دەماللىققا ئ‍الاھىدە ئ‍ىنكاس كۆرۈلمىگەن بىلەن بارا-بارا قاننى كۆيدۈرۈپ بەدەننى زەئىپلەشتۈرىدۇ. جىگەر، ئ‍ۆت، يۈرەك، بۆرەك، قان-تومۇرلاردا كېسەللىك كۆرىلىشى ۋە بالدۇر قېرىتىۋېتىشى مومكىن. شۇڭا بۇ مىزاجدىكىلەر بەدەن قۇۋۋىتىنى ئ‍ۇزاققىچە ساقلاپ، بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئ‍الدىنى ئ‍ىلىش ئ‍ۈچۈن سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر بىلەن بەدەن ھارارىتىنى، مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرىشى كېرەك.
سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەر بەدەننى ئ‍اجىزلىتىدۇ دېگەن قاراش پەقەت نىسپىي بولۇپ ھەممە ئ‍ادەملەرگە ماس كەلمەيدۇ.
”سازتەن 30″ ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش پروگراممىسىنى دەسلەپتە بىر باسقۇچ ئ‍ىجرا قىلغاندا سالات-كۆكتاتلار، مېۋىلەر بەك سوغۇق كەلگەندەك تۇيۇلۇپ ئ‍ۇيقۇ ئ‍ېغىرلاپ، قۇلىقىم غوڭشىيدىغان بولىۋالدى. لىكىن بەدەن ئ‍ېغىرلىقىمنىڭ چۈشۈشى، كەيپىياتىمنىڭ ياخشى بولىشى، زىھنىمنىڭ سۈزۈلۈپ مېڭىشى مېنى رازى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرگە قارشى ئ‍انچە-مۇنچە باچكا شورپىسى، قوي پاچىقى، ئ‍ىسسىقلىق دورا-دەرمەك سىلىپ شورپا قاينىتىپ، قۇلاق ئ‍ەتراپىنى مايلاپ، قوينىڭ قۇيرۇق مايلىرىنى ئ‍ىرىتىپ تاماققا سىلىپ ئ‍ىشلىتىپ يۈرۈپ مىزاجىمنى تەڭشىۋالدىم. بۇ قىتىم بۇ پروگراممىنى باشلاپ كۈندە بىر ۋاخ كۆكتات سالات، لىمون چاي ئ‍ىستىمال قىلساممۇ ھېچقانداق سوغۇق كىلىش ئ‍الامىتىنى، بەدىنىمدە ئ‍اجىزلاپ قالغاندەك ئ‍الامەتلەرنى ھېس قىلمىدىم. شۇنىڭغا قاراپ بەدىنىمنىڭ ھۆل ئ‍ىسسىق مىزاجىغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈرگەن بولدۇم.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
تېلىفۇن ۋە ئۈندىدار ئۈچۈن: 13565662787
«سازتەن30»ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش ئ‍ۈندىدار توپىدىكى پاراڭلاردىن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...