ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ كونا-يېڭى ئەزىز مىھمانلىرى، بلوگىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىگە مەرھابا، خۇش كەپسىلەر! سەھىيە مېنىستىرلىكى 23 - ئىيۇن تور بىكىتىدە <ئىنتېرنىت تورى تىببىي ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى> نى ئېلان قىلغان بولۇپ شۇ < چارە > سەۋەبلىك بىز كونا بەتتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ۋاقتىنچە تاقاپ قويۇپ تۇردۇق. تور بېتىمىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن كېتەرلىك رەسمىيەتلەرنى تولۇق بىجىرىپ بولغاندا ئاندىن ئەسلى بەتتىكى بارلىق سەھىپىلەرنى ئىچىشنى قارار قىلدۇق. ۋاقىپ بولغايسىلەر!!!
ناۋادا بۇ سىزنىڭ بلوگىمىز يېڭى نەشىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال بلوگقا تىزىملىتىپ ئەزا بولغايسىز! بۇنداق بولغاندا بەزى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى نورمال زىيارەت قىلالىغاندىن سېرت يوللانغان تېمىلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىڭىزنى كەڭ-كۇشادە بىرەلەيسىز! رەھمەت!!!
ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ، ﻏﯩﺰﺍ، ﭘﻪﺭﮬﯩﺰﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺭ
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
ئىستىمالىمىزدىكى چاي-دەرمەكلەرنىڭ بەزى تىللاردىكى ناملىنىشى ۋە سۈرەتلە
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

تۆۋەندىكى تېزىملىك بويچە تەپسىلىي توختىلىمەن.
زەپە ، 1.قەھۋە ؛ 2.زاراڭزا چېچىگى؛ 3.قىزىل گۇل ؛ 4.جىگدە چېچىگى؛ 5.رەيھان؛ 6.پىننە؛ 7.يالپۇز؛
8.لاچىندانە؛ 9.ئارپابەدىيان؛ 10.قەلەمپۇر؛ 11.پىل-پىل؛ 12.سانا؛ 13.ئانار چېچىگى؛ 14.كاسىنە؛
80خالتا ھەققىدە-مەريەم ساقىم
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن
مەريەم ساقىم
مەن 1990 - يىلدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى تىبابەت ساھەسىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانىدىم. ياپونىيە تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ، دورىلىق ئۆسۈملۈك - ياپونىيە ئەنئەنىۋى تىبابىتى تەتقىقات ئىشخانىسىدا ياپونىيە ئەنئەنىۋى تېبابىتى بىلەن ئۇچراشتىم ۋە دۇنياۋى ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى تىبابەت سىستېمىسى سېلىشتۇرما تەتقىقات بىلىملىرى بويىچە ئىزدەندىم. بۇ ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى تىبابەت سىستېمىسى:
خەتكۈش: 80خالتا
ئەنئەنىۋى نانلىرىمىزنىڭ بېرى - كۆمەچ
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

كۆمەچ — ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ خوتەننىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى نان .
خوتەنلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمەچ تۈرلىرى : قىيما كۆمەچ ( سوقتا كۆمەچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، پېتىر كۆمەچ ۋە قازان كۆمىچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
خەتكۈش: كۆمەچ
يەنە كولا ئىچەمسىز؟ - ئەرلەر ساغلاملىقى ۋە كولا
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

كىشلەرنىڭ كولانى ياقتۇرپ ئىچىشى كولانىڭ ئۆزىگە خاس تەمگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى .بىراق كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە كولا ئەرلەنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرىدىغان قاتىل بولۇپ ،ساغلامىققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور ئىكەن . يىقىندىن بېرى كىشىلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ ،بۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئامېرىكا ھەجۋىي پەن – تېخنىكا ژۇرنىلى "مومكىن بولمايدىغان ھەقىقەت دوكلاتى" دا باھالاپ چىققان "ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى " 2-چېسلا خارۋېرد ئۈنۋېرىستىتىدا تارقىتىلغان بولۇپ ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار يەنە بىر قېتىم يېڭى ۋە غەلتە تەتقىقات تېمىلىرى ئارقىلىق كىشلەرنى كۈلدۈرگەن ۋە ئويلاندۇرغان .
"ئىككىنچى خىل نوبېل مۇكاپاتى " تەسىس قىلىنغىنىغا 18يىل بولغان بولۇپ دائىم ھەريىللىق نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە تارقىتىلىدۇ . ئامېرىكا سىرتىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ .بۇ يىلقى يېغىنغا 1000دىن ئارتۇق ئالىملار قاتناشقان .
ئەرلەر ئايالى بىلەن دائىم بىرگە ياتسا...
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

تةتقصقاتتصن بايقصلصشچة ،ئةرلةر جۈرصسص بصلةن بصرياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصغاندا كاشصلصغا ئۇچرايدصكةن ،مةيلص يصقصنچصلصق قصلسۇن ياكص قصلمصسۇن ،ئةتصسص رۇيص ھالصتص بصنۇرمال بۇلۇپ ،چوڭ مصڭصسصنصڭ ئصنكاسص تۈۋةنلةپ كصتصدصكةن ،«يصڭص ئصلصم-پةن »ژۇرنصلصنصڭ ئةڭ يصڭص بصر سانصدا بصسصلغان تةتقصقاتتا دصيلصشصچة ،ئاياللار بۇخصل كاشصلصدصن مۇستةسنا ئصكةن ،ئاياللار ئةرلةرنصڭ ئةكصسچة بصرياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصسا تصخصمۇ بةھۇزۇر ئارام ئالالايدصكةن ،چۈنكص بۇخصل ھالةت ئاياللارنص غةرصق ئۇيقۇ ھالصتصگة كةلتۈردصكةن.
ۋصنا ئۇنۋصرسصتصتصنصڭ پصرۇفصسۇرص خارصت.كارۇچ يصتةكچصلصكصدصكص بصر تةتقصقات گۇرپصسص پةرزةنصت كۈرمصگةن 20نةچچة ياشلصق قصزيصگصتلةر جۈرصلةر ئۇستصدة تةتقصق ئصلصپ بارغان ،تةتقصقاتچصلارئۇلارنص 10كصچة بصر ياستۇققا باش قۇيۇپ ئۇخلصتصپ ،كصيصن يةنة 10كصچة ئايرصم ئۇخلاتقۇزغان .تةتقصقاتچصلار ئۇلارنصڭ ئۇيقۇ ھالصتصنص جةدصۋةللةشتۈرۈش ۋة قۇل بصلةن باشقۇرۇش كۈزتصش ئةسۋابص ئارقصلصق باھالصغان ،ئةتصسص يةنة ئۇلاردصن ئاددص ئةقصلص سصناق ئالغان ھةمدة ئۇلارنصڭ جصددصيلةشتۈرگۈچص ھۇرمۇن سةۋصيسصنص تةكشۈرگةن ،ئةرلةر جۈرصسص بصلةن بصر ياستۇققا باش قۇيغاندا تصخصمۇ بةھۇزۇر ئۇخلايدصغانلصقصنص ئصيصتقان بۇلسصمۇ ئةمصلصيةتتة ئۇنداق بۇلمصغان ، دصمةك ئۇلارنصڭ چوڭ مصڭصسص ئۇيقۇ جةريانصدا كاشصلصغا ئۇچرصغان .
ۋاھالةنكص ئاياللار جۇپتص بصلةن بصر ياستۇققا باش قۇيغاندا ،ئۇيقۇ سۈپصتص تصخصمۇ ياخشص بۇلغان ،ئةرلةرنصڭكصگة ئۇخشاش ئصنكاس كۈرۈلمصگةن ،ئۇلار ئادةتتة ياستۇققا باش قۇيشص بصلةنلا ئۇيقۇغا كةتكةن ،ئةرلةرگة قارغاندا ئۇيقۇغا تصخمۇ تصز غةرصق بۇلۇپ ،يالغۇز ئۇخلصغانغا قارغاندا تصخمۇ راھةتلةنگةن .
كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

ئىلمىنت بەلگىسى : K
تۈرى ماكرو ئىلمىنت
قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش : كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35تىن%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇ مۇسكۇل ، نىرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ سۆڭەك مۇسكۇلى ، نىرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسۋىتى زىچ ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېنىرال ماددىدۇر .
كولانى كۆپ ئىچكۈچىلەردە قاندىكى كالىي كۆپ مىقداردا خورايدۇ.
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، كۈندە كۆپ مىقداردا كولا ئىچىدىغانلاردا مۇسكۇل كېسەللىگى، يۈرەك سوقۇش نورمالسىزلىشىش، ھەتتا پالەچ بوپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى كولانى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى كالىي كۆپ مىقداردا خوراپ كىتىدىكەن.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە 2 لىتىردىن 10 لىتىرغىچە كولا ئىچكۈچىلەردە قاندا كالي كەم بولۇش ئۈنۋىرسال كېسەللىگى پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كولا قاتارلىق ئىسپىرىتسىز گازلىق ئىچملىكلەر نۆۋەتتە كوپ كۆرۈلىدىغان چىش كېسەللىكلىرى، سۆڭەك يۇمشاش، مىتابولىزم ئۈنۋېرسال كېسەللىكى ۋە دىيابىت قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى ھىساپلىنىدىكەن.
كاۋاپ يېگەندە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

كاۋاپ بىلەن كولانى بىللە ئىستېمال قىلغاندا كولا تەركىبىدىكى كوفېئىن كاۋاپ تەركىبىدىكى كاربوننىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ ، بەدەندىكى كالتىسىيىنىڭ كۆپ مىقداردا خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن خورىغان كالتىسىيىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زور مىقداردا سۆڭەك ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ خىل نورمالسىزلىق ئاسانلا سۆڭەك راكىنى پەيدا قىلىدۇ .
كاۋاپنى يېڭى كۆكتاتلار ۋە مېۋە – چېۋىلەر بىلەن ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . كۆكتاتلاردىن پالەك ، كەرەپشە ، كاۋا ؛ مېۋىلەردىن : ئالما ، مايمۇن شاپتۇلى ، لىمۇن قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B ، ۋىتامىن C لار راك ھۈجەيرىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ئۇيغۇر كاۋاپلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى (ھۈنەر)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

تونۇر كاۋىپى
ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
يۇرتۇمنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى) يۇرتۇم قەشقەردە، بولۇپمۇ قەشقەر كونا شەھەر، يېڭى شەھەر ناھىيلىرىنىڭ جەنۇبى يىزىللىرىدا، يېڭىسار، ئاقتۇ ناھىيلىرىدىكى يىزىلاردا كەڭ ئېتىلىدىغان بىر تۇرلۇك ئەنئەنىۋى تاماق تۇرىدۇر. يومداننىڭ تارىخى 500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تاماق تۇرى بولۇپ، تەييارلىنىشى، خۇرۇچقا قويغان تەلىۋى ئاددى، شىپالىق رولى چوڭ تاماقتۇر. ئادەتتە ھەر قايسى نوپۇزلۇق تېببى ئورۇنلار ئادەتتىكى ئوزۇقلىنىشقا دورىلۇق ئورنىدا بۇيرۇيدىغان، ئەتىۋارلىق تاماقتۇر. ئومۇمى شەكلى خۇيمىيەن بىلەن ئوخشاش.
شىپالىق رولى:
ئسسىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ۋە بەدەندىكى ماينى سېرىش، قەۋزىيەت، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بەدەندىكى ئاغرىقلارنى تۇگۇتۇپ ھاردۇق چىقىرىش، ئىشتاھا ئېچىش رۇلىغا ئىگە.
ئۇيغۇر گۈرۈچ تائام تۈرلىرى ۋە ئېتىش ئۇسۇللىرى (ھۈنەر)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

گۆشلۈك پولۇ
گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
خوتەنگە سەپەر (خوتەن ھەققىدە خاتىرىلەر)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-02

ئامرىكىدا شۆھرەت قازانغان « شۆھرەت مۇتەللىپ »، « ئەركىن سىدىق » ، « رېشات ئابباس » قاتارلىق دۇنياۋى ئالىملىرىمىزدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىش ، سۆيۈنۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ئۇلار دىيارىمىزغا كەلگەن پەيتلەردە دىدارلىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. خەيرىيەت، مانا بۈگۈن ئامرىكا ئالى ئوقۇللاردا فىزىكا ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوستىمىز تۇرسۇنجان ( Jeck بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ) خوتەنگە قايتىپ يېڭى بىر ھاياتنى باشلىماقچى - توي قىلغىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئاغىينىمىزنىڭمۇ نامى چىقىپ مەشھۇرلاردىن بولۇپ بولغۇچە تويىغا تەكلىپ قىلغان مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشۇش ، توي خۇشاللىق دەقىقىلىرىنى بىرگە قۇتلۇقلاش ئۈچۈن خوتەندە 2-3 كۈنلۈك ( 6-ئاينىڭ 6-7-8-كۈنلىرى ) سەپەردە بولۇپ قالىدىغان بولدۇم. خوتەنگە بارمىغىلىمۇ بىرەر يىلدىن ئىشىپتۇ. تېبابەت يۇرتى ، قاشتىشى، گىلەم ، يېپەك - ئەتلەس ماكانى نامى بىلەن مەشھۇرخوتەن دىيارىنى 2 - يۇرتۇم دېسەممۇ بولىدۇ. تېبابەت كەسپىنى ئۈگەتكەن ئۇستازىم، ھەمساۋاق ئاغىينىلىرىم بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ياشىغان ئىدىم. خوتەننىڭ تۇزىنى يېگەن ، يورۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن، چۈمۈلگەن. خوتەندىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئاغىينىدارچىلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلغان. ئۇلارغا ھۆرمىتىم ۋە تەشەككۈرۈم بار. خوتەنلىكلەرنىڭ تەبئىتىدىكى مىھرىبانلىققا تولغان تولىمۇ ئاددا-ساددا ، تۈز مېجەزىنى ، ھېچ مۇددىئاسىز قىرىنداشلىق يەتكۈزىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى، جاھىل ئۆز سۆزلىكىنى سېغىندىم.
خوتەن ئاجايىپ سىر ھېكمەتكە تويۇنغان شەھىدانە يۇرت. بۇ يەردە كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك ئىستىدات ئىگىلىرىدىن قەدىمدە پەلسەپە ، ئىلىم - ئىرپان ئوچىقى ھېسابلانغان يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتونغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ھۆكىما ، « 312 ماددىلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى » نى تۈزۈپ ئىنسانىيەت دورىگەرلىك تارىخىغا ئۇل - ئاساس سالغان غازى باينى تېلغا ئالساق
يېقىنقى زامانغا تەۋە ئالىم -ھۆكۈمالاردىن ئىمام ئالاھىدىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقسارايى، ھىندىستان تېببى ئۇنۋېرسىتىتلىرى ۋە دۆلەتلىك دوختۇرخانىلىرىدا كاتتا ئىززەت - ئىكرام بىلەن تېبابەتتىن دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ، ئىلىمدە كامالەت تاپقان ، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغان ، ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى ياراتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مەنسۇر ھاجى، تۇدى ھاجى ، ئەمەتھاجى، ئابلىمىت يۈسۈپ ھاجى...بىز ئىسمىنى ئاتاشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان شۇ قەدەر كۆپ كاتتىلار ياشاپ ئۆتكەن ئەزىز دىيار بولشىغا قارىماي كۈنىمىزگىچە جاھالەت ، نادانلىققا پېتىپ ياشاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەستۇر.
خەتكۈش: خوتەن
ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدىنىيتى ھەققىدە
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01

تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغىندەك ، سىزمۇ ئاشۇ ئالى مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە خاس ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللانغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن.
مەيلى قانداق تەدبىر قوللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، كۈندىلىك تۇرمىشىڭىزدا چۇقۇم چاي ياكى چاي دورىسىدىن ئايرىلالمايسىز.
ئەمگەكچان ،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىزنىڭ چايخۇمارلىقى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ بىر تۇرى ھىساپلىندۇ. خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان چاي دورىللىرىنىڭ خاسىيىتى
خەتكۈش: چاي دورا-دەرمەك
ھويلا-ئاراملىرىڭىزغا قانداق گۈللەرنى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01
مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە << بۇ يىل نېمە تېرىشنى ئويلاۋاتىسىز ؟ >> دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ دىھقانلىرىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە تورداشلار ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى، مەنمۇ ئۆز نۆۋېتىدە ئۇيغۇر تېبابەت ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھەققىدىكى چالا خىياللىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلىغان ئىدىم. زىيارەتچىلىرىمىزنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم.
دېھقانلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ تۇپرىقىغا ماس كىلىدىغان، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان دورا -ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىلقى بازار باھاسىنى بىر نېمە دېمەك تەس بولسىمۇ ئۈمۈد يەنىلا زور، مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا جەنۇبىي ئوتتۇر جوڭگۇدىكى نۇرغۇن دىھقانلار دورا ماتىرياللىرنى تېرىپ كۆپلەپ پايدا ئىلىۋېتىپتۇ. دىيارىمىزنىڭ تۇپراق، ھاۋا كىلىماتى كۆپلىگەن دورا-ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كىلىدۇ ھەم بازاردىكى ئىھتىياجمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. چۈچۈكبۇيا يېلتىزى، زېرە، قىزىل گۈل....دېگەندەك بەزى دورا ماتېرياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.
مەشھۇرلار ھەققىدە تاغدىن -باغدىن پاراڭلار
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01

مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯛﻣﭽﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻛﻜﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﻛﯩﺮﺳﻪﻡ، ﺋﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، ﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺗﻮﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ -ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺯﯗﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻤﻪﻥ. ﺗﻮﺭ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻢ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺋﯧﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻢ ﻳﻮﻗﺎﭘﻼ ﻛﯧﺘﺘﻰ، ﺗﻮﺭﻏﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻛﯧﺸﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ:
1. ﺋﯩﺴﻼﻣﺠﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﭗ
2. ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎﻥ ﺳﺎﯞﯗﺕ
3. ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻏﯧﻨﻰ
4. ﻏﯧﻨﻰ ﺳﻪﻣﻪﺕ
5. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﻪﻳﻴﯘﻡ ﺋﯧﻤﯩﻦ
6.ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ
مەسئۇلىيەت زادى كىمدە؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-07-01

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﮬﻪﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺩﻭﺭﺍ-(ﺋﻮﺕ-ﭼﯚﭖ، ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭ،...ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ، ﻛﯚﺯﯛﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ (ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ) ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯦﺮﯨﻴﻪ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 4-5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﯩﻖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﻩﻟﯩﻞ-ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺗﻮﻟﯘﻕ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﻣﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺯﯦﺖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ، ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﺎﺧﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ <<ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ>> ﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، كىتابنى تۈزۈپ گۈچىلەرمۇ ياكى خىرىدار بولغۇچىلارمۇ؟ كاللىنى سىلكىۋېتىپ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغان يەرگە يەتتى.
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﻘﯘﺩﻩﻙ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
1. <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ <<ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯦﺘﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﺘﻰ، ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
2. ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻣﻪﻣﺘﺎﺟﯩﻢ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯦﺘﻠﯩﻘﻼﺭ ، ﺧﺎﺗﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻣﻪﻣﺘﺎﺟﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ -<<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ >> ، <<ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ >> ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯦﺖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺟﻪﺩﯞﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﻪﻡ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﮬﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻻﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ)
ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﮬﺎﺟﻰ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ >> (ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﻪﻥ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﯞﯦﻨﯩﯔ
485-ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺳﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ <<ﻳﯧﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ >> (ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺏ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﻪﻥ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 63-ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ.
بلوگنىڭ يېشىل رەڭلىك ئۇسلۇبى يارىشىپتىمۇ باللا؟!!
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
قۇمغا كۆمۈلۈش ھەققىدە پاراڭلار
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30

ئىزدىنىش تورىدا بىر قىز تورداشلاردىن تۇرپانغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلمەكچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ جەرياندا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كىرەكلىكى ھەققىدە يول كۆرسىتىشنى سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا تۇرپان-پىچانلىق ھەم باشقا جايلاردىن شۇ ياقلارغا بىرىپ قۇمغا كۆمۈلۈپ تەجىربىلىك بولۇپ قالغان تورداشلار كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ ھەقتە تورداش تەكلىماكان10 نىڭ بايانى:
قۇمغا كۆمۈلۈپ بولغاندىن كىيىن مونچىغا چۈشمەڭ،ئۆزىڭىزنى ھەرگىز شامالغا تۇتماڭ،يېڭى ئۇزۇن مايكا كىيىپ يۈرۈڭ.
ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ يېغدۇرۋىتەيما؟!!!
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
ئىنگىلىز تېلى ئۈگەنگەننىڭ پايدىسى-تاققا-تۇققا پاراڭلار
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30

كونا بويۇملارنى يېغىپ ساقلاپ ساتقۇچى دۇكاندار قوشنام بىر تال كونا تەخسىسىگە كۆزى چۈشكەن ئامرىكىلىق ساياھەتچىگە گېپىنى ئۇقتۇرالماي ، ئۇكام بىر ياردەم قىلغان بولسىلا، دەسلاپ قىلمىغىلى خىلى كۈنلەر بولاپ كەتتى... مۇشۇ تەخسىنى بولسىمۇ ساتساق بولاتتى دەپ دۇكانغا يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ. خوشنا تۇرۇپ سالام -سەھىتىنىڭ تايىنى يوق بىر ئادەم ئىدى. ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا چىقتىم. ئۇ ساياھەتچى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى ئوتتۇردا تەرجىمانلىق قىلىپ سودىسىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئۇ ساياھەتچى ئۇ تەخسىنىڭ قانچىنجى يىللارغا تەۋە بويۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى سىتىۋالغاندىن كىيىن ئىنگىلىزچە ئىسپات يىزىپ تامغا بىسىپ بىرەلەيدىغان، بىرەلمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئۇنداق قىلىپ بىرەلمىسەك ئۇنى سىتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ok دېدىم. شۇنىڭ بىلەن سودا پۈتۈپ بىر تال تەخسىنى 300 ئامرىكا دوللىرىغا ساتتۇق. كىيىن ئاڭلىسام 60 يۈئەنلىك تەخسە ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن قوشنامنىڭ سالام - سەھىتى باشقىچە بولۇپ كەتتى.
دۇكانغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كىرسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى، چاي، دورا-دەرمەكلەر بىلەن مىجەز تەڭشەش ئالاھىدىلىكىمىزنى بايان قىلىپ خىلى يامان ئەمەس سودا قىلىپ قويىمەن. ۋاقتى كۆپرەك بەزى ئەزمىلىرى چاي دەملەپ بەرسەم لەۋلىرىنى يالاپ ئولتۇرۇپ ئىچىپ كېتىدۇ. پىراكتىس قىلىۋالغاچ چاي-پاي راسلايدىغان گەپ.
باشقىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق دۈشمەنلىك قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯦﻴﯩﯧﯟﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﺗﯧﭙﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﺧﺘﯘﻟﯘﭖ ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ.
ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯟﯦﺘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩﻙ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻗﯘﻟﻘﯩﻤﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:
ﺑﯩﺮ ﻳﯧﮕﯩﺖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺯ -ﺗﻮﻻ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ، ﻳﯜﺯ-ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﻗﯩﺰ ﺩﻩﺳﻼﭘﺘﺎ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ). ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﮕﯩﺖ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯘ ﻳﯧﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ، ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ (ﺋﯚﺯﯨﭽﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﻰ) ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺭﻩﺱ (ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ) ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ، (ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ). ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﻳﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻟﯟﯗﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺳﯧﺮﺗﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﭺ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﭘﺘﯘ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﺎﻗﻘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ 3-4 ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻳﯧﻴﺸﯩﭙﺘﯘ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ، ﭼﺎﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﮔﺎﯕﭙﻪﻥ ( ﻣﯘﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﯛﻳﻤﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ) ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭘﺘﯘ.( ﺯﻭﺭﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ) . ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﻨﻰ ﺳﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﺎﻡ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﮕﯜﺯﯛﭘﺘﯘ. ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺘﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭙﺘﯘ. ﻛﻪﭼﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯦﭙﻰ ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﺎﯞﺍﭘﻨﻰ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﻟﯜﭘﺘﯘ.>>
قەۋرىستانلىقتا چايان تۇتۇش
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﯜﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﯧﺮﯨﭗ ، << ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ>> ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ << ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﺕ >> ﻗﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﭼﺎﭘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻤﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯜﭼﯜﻧﺠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﭖ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭ - ﻣﯜﺷﻜﯜﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﯧﻤﺘﺎﺱ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺟﯧﺴﻤﯩﻢ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺘﯩﺮﻩﭖ ﺭﻭﮬﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﺴﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﻣﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﻗﺎﭼﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺎﻳﻘﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯜﻟﻜﻪﻡ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ...ﺋﯜﭼﯜﻧﺠﻰ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻡ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 30-40 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺩﻩﺭﻳﺎﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻤﻪﻥ.
خەتكۈش: چايان قەررىستانلىق
بىخۇتلۇقنىڭ زېيىنىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30
ﻳﯜﺭﯛﻛﯜﻡ ﺋﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. 16 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻗﺎﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﺪﻯ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺱ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺭﺍﻥ 3 ﻛﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﭘﺘﯘ. ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﯕﻼﺭ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ.

ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ: ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺟﯩﻢ (ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ) ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪﯗ. بەزىدە تۇرۇپلا بۇرنى قانايدۇ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﯦﻤﺎﺗﯩﺰﯨﻢ ، 4-5 ﻛﯜﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯞﻩﺗﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﺎﺳﺘﯘﺭﻟﯩﺪﯗ. 3 ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻳﺎﻗﻤﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﯟﯨﭙﻘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯧﯟﯨﭙﻤﯘ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺑﺎﺭ ، 100 ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﭘﯘﺕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﮬﺎﺟﯩﻼﺭ ﻗﺎﻳﺘﺎﺷﯩﺪﺍ ﺳﻪﺋﯘﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، 35 ﻛﻮﻳﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻛﯘﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ. 2 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ:
ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ، ﺗﯧﯟﯨﭙﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ....ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻻﭘﺘﯘ. ﺋﺎﭘﻼ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﺩﺍ 3000 ﺟﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﯩﻠﯩﻤﯘ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﯩﯔ، ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻪﻣﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻱ. ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ﺋﻪﻣﺴﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﺗﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
سەكسەن خالتا دۇككىندىكى كۈندىلىك خاتىرىلەر
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-30

مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﯜﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﻳﺘﺎﯞﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﻪﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺳﻪﯞﻳﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﻳﯧﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛﻡ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ - ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ -ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ.
ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯧﻴﯩﻨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﺮﺍﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
بوھران (ھېكايە)
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-29

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﺮﻣﺎﭖ ﯬﻗﻠﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺯ ﺭﯨﯫﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮﻣﯩﻐﺎﻥ ﯪﺟﯩﺰ ﺗﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﯩﯖﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ. ﯬﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯩﻜﺮﻭﺏ ﻛﻪﺑﻰ ﻳﺎﻣﯩﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻘﺎ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺭﻭﻫﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻝ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻫﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﯮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﯪﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﺎﭘﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺪﻯ. ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ - ﻗﺎﺭﺍﺵ ﯲﺯﮔﻪﺭﺩﻯ. ﭘﯜﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﻰ. ﻛﻪﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﻗﺎ -ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﯰﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ.
ﯬﻟﻘﯩﺴﺴﻪ، ﯬﻣﺪﻯ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﯰﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻨﻰ ﯪﺟﯩﺰﻻﭖ، ﻣﻪﺟﺮﯗﻫ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻤﯩﺰ! ﯰﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﻼ ﻫﻮﺯﯗﺭﯗﯕﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﻐﺎﻳﻤﻪﻥ.
خەتكۈش: بوھران، ئانانىزىم، شائىر، ئەيدىز
ئوغلۇم مىتال پارچىسى يۇتۇۋاپتۇ
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2009-06-29

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
يېقىندىن بۇيانقى بەزى ئىشلار مېنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. ئالدىدا 4 ئايلىق بولغان ئوغلۇم ئۆمەر بىر پارچە مىتال پارچىسىنى يۈتۈۋېلىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى ساراسىمىگە سىلىۋەتتى. قەشقەر 1- (كېرەمباغ ) دوختۇرخانىىغا ئىلىپ بارسام رېنتېگىن بۆلىمىگە يوللاپ بەردى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بالىنىڭ قورسىقىدا ساقال تېغى بار ئىكەن دەپ بىر ئىشخانىدىكى ھەممىسى دېگۈدەك ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. رەسىمنى قولۇمغا تۇتقۇزغان تەكشۈرگۈچى خادىم- 4 ئايلىق بولغان بۇ بالا ساقال تېغىنى قانداق يۇتىۋىتەلىدى؟ بالا دېگەننى مۇشۇنداق باقامدۇ؟ دەپ سۆزلەپلا كەتتى. راس دېگەندەك سايلەندۈرۈلگەن رەسىمدىكى مىتالنىڭ شەكلى بەئەينى بىر تال ساقال تېغىغىلا ئوخشايتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ، ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ سەل ئېغىر كەلدى. ئۇ خادىمغا چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئاكامنىڭ 6 ياشلىق قىزى ئۇ مىتال پارچىسىنى ئېغزىدا شۈمۈپ ئويناپ يۈرۈپتىكەن، ئۇكىسىنىڭ ۋېلىقلاپ كۈلگىننى كۆرۈپ مەستلىكى كىلىپ قالغان چېغى ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ سۆيۈپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇ قىز بالىنىڭ ئېغىزىدىكى مىتال پارچىسى ئوغلۇمنىڭ ئېغزىغا كىرىپ كېتىپتۇ، ئۇ نەرسە ئېغىر بولغاچقا تېزلا يۇتۇپ سالغان بولسا كېرەك، بۇ قىز ئۇنى ئىلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئۇ ئاداش گېپىمگە ئىشەنمىگەندەك رەسىمنى دوق قىلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئانام ، ئايالىمدىن بۇ نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى يەنە قايتا سورىدىم، ئۇلار جىيەن قىزىمنىڭ ئۇ مىتال پارچىسىنى ئويناپ يۈرگىنىدە كۆرگەنلىكىنى، بالا يۈتۈۋالغان نەرسىنىڭ ئىنىقلا شۇ مىتال پارچىسى ئىكەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىشتى. بالىنى تۆمۈر-تەسەك يېگۈزۈپ بەلەن باقىدىكەنسىلە -، ئاچچىقىمدا شۇنداق دېگەچ رەسىمنى ئىلىپ دوختۇرغا ئىلىپ چىقتىم. بالىلار بۆلىمىدىكى خەنزۇ دوختۇر-سىستىرالار رەسىمنى كۆرۈپ چۇقۇرشۇپ كېتىشتى. بىر مۇنچە سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى. ئوغلۇمغا ئىچ ئاغرىتقان نەزەردە قارىسا ماڭا گۇناھكارنى ئەيىپلىگەن نەزەردە قاراپ كېتىشتى. ئۇنىڭغىچە مەسئۇل ئايال دوختۇر كۆرۈپ بالىنى جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ چىقىڭلار ، بەلكىم ئوپراتسىيە قىلىشى مومكىن ياكى باشقا چارە قىلىپ قالار، بۇ چاققا بۇ << دوۋپېر >> بالىنىڭ ئىچىنى زەخمىلەندۈرۈپ بولغان بولىشىمۇ مومكىن، دېۋىدى. بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولاپ كەتتىم. تۆت ئايلىق بولغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلىمىز دەيدا ما خەق دەپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭاي دەۋاتسام ئانام بىلەن ئايالىممۇ ئارقامدىن ئەگىشىپ كېرىپتىكەن، ئوپراتسىيە، ئىچكى ئەزا زەخمىلىنىشى مومكىن... دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپلا ئانام يېقىلىپ قالدى، ئوغلۇمنىڭ ئانىسىمۇ ئولتۇرۇپلا قالدى. ھەي بىچارە ئانام، باللىرىڭغىمۇ تويمايتتىڭ، ئەمدى نەۋرەڭگىمۇ تويماي شۇنچە ئازابلىنىپ كېتىۋاتىسەن!!! سەل بەردەمرەك بولۇڭلار ھە دەپ قويۇپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپلا جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ ماڭدىم. ئۇلارنىڭ ئوغلۇمنى ئوپراتسىيە قىلىشىغا ئىشەنمەيتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭمۇ گېپىنى ئاڭلىۋېتىپ ئامالنى ئۆزۈم قىلاي دەپ كاللامدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئويلىغاچ ماڭدىم. ئوغلۇمغا قارىسام ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز يەنە ۋېلىقلاپ كۈلىۋېتىپتۇ. سەن نېمە ئويدا ، بىز نېمە كويدا دەپ ئەركىلىتىپ مەڭزىگە سۆيدۈم. رېنتىگىن بۆلىمىدە ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغاندا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ ماڭا قاراپ ئاشۇنداق ۋېلىقلاپ كۈلۈپتى ئىچىم كۆيۈپ ئالدىغا بارسام ھېچقاچان قىلمىغان بىر ئىشنى-ئېڭىكىمنى سىلاپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئانام نېمە ئىشلارنى ئويلىدىكىن ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.

يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرسىتىش
















