80 خالتا بلوگى
ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى
كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ.
ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك.
جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ  ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقل
ئانانىزىم ئادىتى ۋە ئۇنىڭدىن قالغان ئاسارەتلەرنى داۋالاش ھەققىدە قىسقى
شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش
ئانانىزىمدىن قالغان ئاسارەتلەرنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جىنسىي ئىستەكنى سۈئىي ئۇسۇللار بىلەن قانائەتلەندۈرۈش زىيانلىقمۇ؟
سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟
ئەرلەردىكى نۇرمالسىز دەپ قارىلىدىغان نۇرمال ئەھۋاللار
تۆۋەندىكىسى بىر بىمارغا تۈزگەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەم :
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن، مەن ئانانىزىم ئادىتىگە خۇمار بولۇپ قالغىلى 7-8 يىلچە بوپ قالدى، مەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم ، ھازىر مەندە مەنى تېز كېتىش ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇرلىنالماسلىق ، جىنسىي ھەۋەس سۇس بولۇش ، زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى ئېقىپ كېتىش ، زەكەر يېگىلەپ قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇش، مەنى چىقماي تۇرۇپ زەكەر بوشاپ كېتىش ، كىچىك تەرەتتىن كېين سۈيدۈك تامچىلاش . قىستاش، پۇراش، بىسىمسىز، بەزىدە رەڭگى ساغۇچ ياكى مايلىق كىلىش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىش ، چات ئارىلىق ، تاشاق، دوۋساق يېقىمسىزلىنىش، قارچۇغۇمدا سارغۇچ سىزىقچىلار بار ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش ، بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش ، پۇت قول، بەل ئىسسىماسلىق ، سوغۇق ھېس قىلىش ، ئۇنتىغاقلىق، زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش قاتارلىق جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار. مۇشۇنداق كۆپ ساقسىزلىقنى ياخشىلاپ ساغلاملىقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نىسبەتەن ماڭا تەپسىلىي يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. ئۆزۈم بىلگەنچە بەزى بىر دورىلارنى يەپ باققانمۇ بولدۇم، لىكىن پايدا قىلغاندەك بىرەر ياخشىلىنىشنى ھېس قىلالمىدىم. ماڭا يۇقۇردىكى ئەھۋاللىرىمنى ياخشىلاش ھەققىدە بىرەر ئۈنۈملۈك رېتسىپ يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز!
سۇئال سورىغۇچى بىمارغا ئانانىزىم خۇمارىدىن تەل-تۆكۈس قول ئۈزۈپ، ئانانىزىم ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك توسالغۇلار بىرەر قۇر ھەل بولغاندىن كىيىن جىسمانىي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويچە چارە كۆرىلىدۇ:
1.ئالدى بىلەن سۈيدۈك يولى، مەزى بېزى، بۆرەك-ئۇرۇقدان قاتارلىق ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنى تازىلاپ، توسالغۈلارنى ئىچىش، ياللۇق قايتۇرۇش، خىزمەت فونكىسيەسىنى تەڭشەش ئۈچۈن دورا قىلىنىدۇ. دورا ئىچىش جەريانىدا كۈنىگە ئىمكان بار بىر سائەت بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش(ھېچبولمىغاندا يەڭگىل يۈگۈرۈش ياكى تېز قەدەم بىلەن پىيادە ماڭىدۇ)، دوۋسۇن، چات ئارلىققا مەخسۇس تەييارلانغان دورىلىق مايدا مايلىنىپ ئۈستىدىن شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. يېمەك ئىچمەكتە ئىمكان بار سېڭىشلىق، شورپىلىق تاماقلارنى يەيدۇ،ئۇسسۇلۇققا دورىلىق چېچەك ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئىرىتىپ ھەسەل سۈيى تەييارلاپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، تەستە سېڭىدىغان، زىيادە ئىسسىق، قورۇما تاماقلاردىن - پولو، كاۋاپ، توخۇ قوردىقى، كالا گۆشى قوردىقى، لەڭپۇڭ راڭپىزا، ھەر قانداق سوغۇق ئىچىملىك، قېتىق دېگەندەكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ.
2.باسقۇچ: بۇباسقۇچتىكى دورىلار 1-باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ۋە بەدەنگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە قاراپ تۇرۇپ بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەرتىپلىك تۈزىلىدۇ. مەزى بېزى ۋە بۆرەك فونكىسيەسىنى تەڭشەيدىغان دورىلاردىن ئالدىنقى باسقۇچتا ئىشلىتىپ زۆرۈرىيىتى بولمىغانلىرى قالدۇرۇلۇپ زورۇر بولغانلىرى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىغان، بۇزۇلغان خىلىت-ماددىلارنى پۇشۇرۇپ تازىلايدىغان، مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالار فونكىسىيەسىنى ياخشىلايدىغان، قان تومۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان دورىلار قوشۇپ ئىشلىتىلىپ بىماردىكى مېڭە زەئىپلىكى ۋە روھىي قۇۋۋەتنىڭ كۈچلىنىشىگە ئاساس سىلىنىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرىدۇ. زىيادە ئېغىر ئەمگەك،چارچاش، روھىي بىېسىملاردىن يىراق يۈرۈشى، ساياھەت ۋە باشقا ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مېڭىنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىرىلىدۇ. بەدەن ئورۇق بولسا ئەلا سۈپەتلىك خورما، بادام مېغىزى، ئەنجۈر مۇرابباسى، پاقلان گۆشى شورپىسى، دورىلىق چېچەك ھەسەل ياكى جىگدە چېچەك ھەسىلى قاتارلىقلار موھىم ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ. بىمار سېمىزرەك ياكى بەدەن ئېغىرلىق نۇرمال بولسا ياڭاق مۇرابباسى ياكى ياڭاق مېغىزى، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، كەپتە باچكا شورپىسى، سەۋزە مۇرابباسى جىگدە چېچەك ھەسەل دېگەندەكلەر دورىغا يانداشتۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ۋاقتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ 1-2 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.
3. باسقۇچ: بۆرەك، پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەر قايسى كاناللارنىڭ تۇتۇش، چېقىرىش ئىختىدارنى ياخشىلايدىغان ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى باسقۇچى بولىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ دورىدىن باسقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلار ئاساسەن يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك بولۇپ بەل، بۆرەك ئۇدۇلى، دوۋسۇن، ئەرلىك ئەزا ئەتراپى بوزۇغا مېيى، ئالاھىدە تەييارلانغان زەيتۇن مېيى قاتارلىقلاردا مايلىنىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بىرىنجى باسقۇچتا ئېيتىلغاندەك شور تۇزنى قىززىتىپ مايلانغان ئورۇن ئۈستىگە يېقىلىدۇ. ئەرلىك ئەزا ۋە ئۇرۇقداننى بەكرەك قىززىتىۋېتىشتىن ئىھتىيات قىلىش كېرەك.
4.باسقۇچ: ئانانىزىم ئادىتى سەۋەبىدىن ئەرلىك ئەزا، جىنسىي توقۇلمىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ياكى توقۇلمىلاردا پالەچلىنىش كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن يىتەرلىك قان تولۇپ قايىم بولالمايدىغان، ئەرلىك ئەزا كىچىكلەپ كېتىش، مايماق بولۇپ قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كۈچسىز بولۇش دېگەندەكلەرگە مەنپەئەتلىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ سېرتىدىن مۇناسىپ مايدا مايلىنىپ بىرىش، ئۇزۇقلۇقنى تەرتىپلەش بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بۆرەك ۋە ئەرلىك ئەزانى سېمىرتىدىغان،مەنىي كۆپەيتىپ ئۇرۇقنىڭ سانى ۋە ھەركەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچلۇقتىكى دورىلار تەخمىنەن 2 ئاي ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: بىمارنىڭ ھەزىم سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالاردا مەسىلە بولسا ئاۋۋال شۇنىڭغا چارە قىلىش ۋە كىيىنكى داۋالاش جەريانىدىمۇ ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرىنى ئويلىشىپ جانلىق چارە كۆرۈش كېرەك!
باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە نەشىنىڭ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچسە يۇقۇرى قان بىسىمنى چۈشۈرىدۇ دەيدۇ.  بىرزات ئۇستامدىن سوراپ باقسام، نەشە ئۇرۇقى بىلەن قان بېسىمنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ قان بىسىمغا يەنە قانداق نەرسىلەر پايدا قىلىدۇ؟
قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان نەرسە كۆپ ، لىكىن قان بېسىم دېگەن بىر قېتىم چۈشۈرۈپ قويغانغا جايىدا جىم تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا قان بېسىمنى تىزگىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولۇشى، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەنلەرنى تەرتىپلىك ئىلىپ بىرىش كېرەك. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۇرىقىنىڭ قان بېسىمىنى مۇئەييەن چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. لىكىن بۇنى ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىغا باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. قان بىسىمغا دورا ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە رېتسىپلىق دورا ئىچىپ بىرىشى كېرەك. قان بىسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئادەتتە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان، ئۆزى ئەرزان، تېپىشقا ئاسان نەرسىلەردىن لىمون (تىلىپ قايناق سۇغا سىلىپ ئىلىدۇ)، قوناق ساقىلى (چاي دەملەپ ئىچىدۇ)، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇر، تۇرۇپ، قارا ئۈرۈك، گىلاس، تاۋۇز، ھەسەل، چىلان، قېتىق قاتارلىقلار.
يۇقۇرى قان بىسىم بىمارلىرى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى: يۇقۇرى قان بىسىم كۆپ ھاللاردا تۇراقسىز بولۇپ يۇقۇرى ھالەتنى ساقلاۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا بېسىم چۈشۈپ ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ساقلانغان ئەڭ زور خاتا قاراش شۇكى سوغۇقلۇق يېمەك-ئىچمەك قان بىسىمنى چۈشۈرىدۇ، يۇقۇرى قان بىسىمغا پايدىلىق دەپ قاراپ كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىدىغان ۋە ياكى بۆرەك زەئىپلىشىپ كاردىن چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى قان بىسىمنى داۋالاشتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىلىپ تۇرۇشى، قەرەللىك تەكشۈرتۈش قىلىپ تۇرۇشى، ئوزۇقلىنىشتا ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە سوغۇقلۇق قوغلىشىپ قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشتىن ئۆزىنى تارتماسلىقى، مىزاجغا مۇناسىپ تەڭشەپ ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كېرەك.
______________ بىرزات
ھازىر يۇقۇرى قان بىسىم كېسىلى بولغانلار ھەر بىر ئائىلىدىن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە يۇقۇرى قان بىسىم كېسەللىكى ئىنتايىن ياشلىشىپ ماڭماقتا. شۇڭا تورداشلار بۇ تېمىدا يۇقۇرى قان بىسىم كېسەللىكىنى ئائىلىدە كۈتۈش توغرىسىدا ئۆز-ئارا تەجىربە بايان قىلىشساق دەيمەن.
بۈگۈردىن بىرزات شور كۆرپىسى سېتىۋالماقچى بولغانلار بۈگۈردىكى ئەخمەتجان بىلەن ئالاقىلاشقاي: 13779646657
بىرزات شور كۆرپىسى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:
80halta.com/article/587.htm
ھاياتلىق لىنيىسى خەۋىرى: كونىلاردا:«تاماقتىن كېيىن 100 قەدەم ماڭساڭ، 99 ياشقا كىرىسەن» دەيدىغان سۆ بار. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىش ياخشى ئادەت بولسىمۇ ئەمما بارلىق كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىۋەرمەيدىكەن، قېرىلار تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدىكەن.
شىئەن شەھەرلىك جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدىكى رېن دوختۇر تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىپ بېرىشنىڭ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئادەتتە ھەرىكىتى ئاز، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان، نىسبەتەن سېمىز، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى، ئاشقازان، ئۈچەي ھەزم قىلىش سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. رېن دوختۇر:«ئەمما قېرىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغانلىقتىن، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىشقا ماس كەلمەيدۇ» دېگەن. قېرىلار تاماق يېگەندىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاشقان ئۈچەيدە توپلىنىدىغان بولغاچقا، ھەزىم قىلىشقا نىسبەتەن كۆپ قان سۇيۇقلىقىنىڭ ياردىمى كېتىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا پىيادە ماڭسا، بىر قىسىم قان سۇيۇقلىقى تۆۋەنكى مۈچىلەرگە كېتىپ، ئاشقان ۋە ئۈچەيگە قان تەمىنلەش كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش قاتارلىق كېسىلى بار قېرىلار تاماقتىن كېيىنلا پىيادە يول يۈرمەسلىكى كېرەك، تاماقتىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشى كېرەك. رېن دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قېرىلارنىڭ قان بېسىمى تاماقتىن كېيىن تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىدىكەن، تاماقتىن كېيىن پىيادە يول ماڭىدىغان بولسا يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن، ھەتتا ھوشسىزلىنىپ يىقىلىش خەۋپى كېلىپ چىقدىكەن. رېن دوختۇر:«بۇنىڭدىن سىرت، ئاشقازىنى تۆۋەنلىگەن، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان بىمارلارمۇ تاماقتىن كېيىن پىيادە يول يۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن بىر پەس ئارام ئېلىپ ئاندىن پىيادە سەيلە قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ» دېگەن.
نەپرەت تەرجىمە قىلدى
چامغۇر شورپىسى
ياش پاقلان گۆشىدىن 300 گىرام، يۇمشاق پىشىدىغان چامغۇر 300 گىرام، سۇغا 8 سائەت چىلانغان نوقۇت بىر پىيالە، قاقىلە بىر تال، گۈرۈچ ئوتتۇرا پىيالا، شوخلا يىرىم تال، تۇز، ئاقمۇچ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا سىلىنىدۇ.
تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلى:
1.ئاۋۋال گوشنى چالا پۇشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. 2. نوقۇت، چامغۇرنى گۆشنىڭ شورپىسىغا سىلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىپ ئاندىن گۈرۈچنى سالىمىز. 3.گۈرۈچ ئىتىلىپ پىشقاندا توغراپ تەييارلانغان گۆشنى سىلىپ تۇز، ئاقمۇچ، قاقىلە سىلىپ تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
بۇ غىزا رېتسىپىنىڭ خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى پارقىرتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكىنى ياشارتىش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ شورپا زېققە بىمارلىرىنىڭ دائىملىق ئوزۇقلىقى قىلىنسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر
80خالتا رېتسىپى-شىپايى نەپەس قايناتمىسى
كەپتەر شورپىسىنى تاييارلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى قايسىدۇ؟
ﭼﺎﻣﻐﯘﺭنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ (شىپالىق گېياھلار)
ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمى ئالىي دەرىجىلىك زەيتۇن مېيى، قەلەمپۇر مېيى، سىيادان، كۈنجۈت، قۇيرۇق ماي، يەرلىك توخۇ تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلاردىن تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ رېماتىزىم، بەل - پۇت ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇقى، نىقرەس، بەل-بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈپ قالغانلار، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، پەي-بوغۇملاردا بولىدىغان تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ھەر خىل زەخمىلەر، ئاق كېسەل بىمارلىرىغا ماس كىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە سوغۇق ئەڭگىزى ئاشقان، پۇت-قولى ئىسسىمايدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان، كېچىل بالىلاردىكى سوغۇق ئەڭگىزدىن بولغان كېچىسى سىيىپ يېتىش قاتارلىقلارغا ماس كىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سېرتتىن يەرلىك ئورۇنغا ياكى پۈتۈن بەدەنگە سۈركىلىدۇ. مايلىنىپ بولۇپ يەڭگىل ئۇۋلاپ قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ياكى فىزىكىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىلسە ئۈنۈمى تېز ۋە كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
مەلھەمنى ئىشلىتىپ تېرىگە سىڭدۈرۈلگەندىن كىيىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان غەيرى پۇراق پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك بۇ مەھسۇلات ۋە ئورالمىسى ئىنتايىن سۈپەتلىك تەييارلانغان بولۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىق ھەم سوۋغاتلىق قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
پارچە سېتىش باھاسى: بىر قۇتىسى 22 يۈئەن/ 45گىرام.
قەشقەردىكى توپ ۋە پارچە ساتقۇچى: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت دورا-دەرمەك دۇكىنى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
0998-2820877
13565662787
يىللاردىكىدەك بۇ يىلمۇ يەنە ئۇيغۇر بلوگلىرىنى باھالاش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. ئىلگىركىسىگە ئوخشىمايدىغىنى بىلەت تاشلاش ھەر قايسى مۇنبەرلەردە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولۇپ ئاشۇ مۇنبەرلەرگە ئەزا بولغانلارلا بىلەت تاشلىيالايدۇ. 80خالتا بلوگى بۇ پائالىيەت باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىزچىل قاتناشقان ھەم تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇدا 1-لىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىل رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن. ھازىرقى تاشلىنىۋاتقان بىلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا 80خالتا بلوگى، ئالىم ئەھەت بلوگى، جېك بلوگى، تورخۇمار بلوگى قاتارلىق نامدار بلوگلارنىڭ بىلەت سانى بەيگىگە چۈشكەن ئاتلاردەك بىر-بىرىدىن قىلىشماي ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. بىلەت تاشلاش ۋاقتى بەكلا قىسقا بولۇپ مۇشۇ يىل چىقىپ كەتكۈچە بولىدۇ. تورداشلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارغا بىلەت تاشلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.( 80خالتا بلوگى يەنە 1-بولالارمۇ؟) تۆۋەندىكى مۇنبەرلەردىن قايسىغا ئەزا بولغان بولسىڭىز شۇنىڭغا كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بلوگقا بىلەت تاشلاپ قويۇڭ!
بىلەت تاشلىنىۋاتقان سورۇنلار:
ئىزدىنىش مۇنبىرى،
مىسرانىم مۇنبىرى،
بىلىك مۇنبىرى،
نۇرقۇت مۇنبىرى،
كروران مۇنبىرى
بۇرۇن ياللۇقى چېيى: زوپا، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، ئەنجۈر قېقى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، گۈل بىنەپشە، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، گاۋزىبان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشە باھار ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇقىدىكى بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇن ئۇچى قىزىرىش، چۈشكۈرۈش، تولا زۇكام بولۇش قاتارلىقلاردا مەنپەئىتى بولىدۇ.
ھازىرقى بازار باھاسى-  ھەر 100 گىرامى : 20 كوي تەييار بولىشى مومكىن.
ئۆت ياللۇقى چېيى: كاسىنە يېلتىزى، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي يېلتىزى، گاۋزىبان، ئەنگۈر شىپا، كاكىنەچ، يالپۇز،  پىننە، لاچىندانە، ئوغرىتېكەن، چىڭسەي ئۇرۇقى 10 گىرامدىن؛ سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىل گۈل، زېرىق قاتارلىقلاردىن 5 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇ چايلىقنى داۋاملىق ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن ئىچىپ بەرسە ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئىچىپ ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. بۇ ھەر قانداق مىجەزدىكى ئۆت خالتا ياللۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىستىمال قىلىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
بازار باھاسى: ھەر 100گىرامى 20 يۈئەن تەييار بولىشى مومكىن.
زېققە چايلىقى: خەشخاش ئۇرىقى، بىخ بەدىيان، بىخكەرەپشە، بىخسۇس مۇقەششەر، بىخسەۋسەن، ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، تۇخۇمى كەرەپشە 10گىرامدىن؛ پوستىخەشخاش 15گىرام؛ زۇپا ھىندى 30گىرام؛ پىرسىياۋشىيان 30گىرام؛ نىلوفەر 15گىرام؛ گۈلبىنەپشە 30گىرام ئىلىپ چايلاپ تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قايناتقان چايغا ئىككى قوشۇق قىزىل گۈلقەنت سىلىپ ئىچىلىدۇ.  زېققە، ئۆپكە-كاناي شاخچىلىرىدىكى ھەر خىل ئىللەتلەر ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، دەم سىقىلىش، قىزتما ، يۆتەل، زۇكام قاتارلىقلاردا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت بىرىدۇ.
بىر نۇسقا چايلىق رېتسىپى - 45 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.
سۈت كۆپەيتىش چايلىقى: سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيان، سېرىق چېچەك، زېرە قاتارلىقلار 10 گىرامدىن. قورۇغان نۇقۇت تالقىنى ئىككى قوشۇق، ياڭاق ئىككى دانە.
نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرىنى بىر چىنىگە سىلىپ باشقا خۇرۇچلاردا تەييارلىنىپ دەملەنگەن قىززىق چاينى ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. (قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ)
سۈتى ئاز تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەت بولىدۇ، سۈتىنى تېز كۆپەيتىدۇ. سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
300 گىرامى 40 كوي ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.
ئەتتىگىنى ئېغىز پۇراپ قېلىشقا پايدىلىق چايلىق: لاچىندانە، يالپۇز، پىننە، جىگدە چېچىگى، قەلەمپۇر، زىرە، ئاپلىسىن پوستى، ئاقمۇچ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سوقۇپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ بۇزۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ. ئاشقازان، ئۆت خىزمىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرامى: 20يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن
قەۋزىيەت چايلىقى: يالپۇز، سانا، ئارپا بەدىيان، زاراڭزا چېچىگى، لاچىندانە. چاي دەملەپ سەل سوۋۇتۇپ ئاندىن بىر پىيالە چايغا بىر قوشۇق يانتاق ھەسىلى سىلىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. داۋاملىق ئىچىشنى ئادەت قىلسا ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100گىرام چايلىق 20 يۈئەن ئەتراپىدا تەييار بولىشى مومكىن.
ئىشتەي ئىچىش چايلىقى: زېرە، جۇۋۋىنە، پىننە، لاچىندانە، بەدىيان، قەلەمپۇر. چاي دەملەپ بىر پىيالىغا بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قۇيۇپ ئىچسە ئاشقازاننى ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئىچىپ قورساقنى ئاچۇرىدۇ. تاماق سىڭدۈردۇ.
سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان 100 گىرام چايلىق 12 يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.
مەزى بېزى ياللۇقى چايلىقى: ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بىنەپشە، شاھتەررە، كاسىنە 15 گىرامدىن، نلوپەر، كاكىنەچ، چۆپىجىن، ئەنگۈر شىپا 30 گىرامدىن، بەدىيان، بەدىيان يېلتىزى، چىڭسەي ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىدىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تامچىلاش، بىسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ ياللۇق قايتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىشنى پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
ھازىرقى بازاردا سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان بىر نۇسقا چايلىق 20يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.
دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چايلىقلار:
1.رېتسىپ: سۆئلەپ مىسىرى30 گىرام، شاقاقۇل 30 گىرام، قىزىلگۈل6 گىرام، ياڭاق مېغىزى 60 گىرام، ئادەمگىياھ 6 گىرام.
ياڭاق مېغىزىنى ئايرىم تالقان قىلىۋېلىپ ، قالغان خۇرۇچلاردىن چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ھەر قېتىملىق چايغا ياڭاق مېغىز تالقىنىدىن بىر قوشۇقتىن سىلىپ ئىچىپ بىرىلىدۇ.
تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسق.
قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. دىئابىد بىمارلىرىنىڭ ۋە باشقا بەدىنى ئاجىزلاپ قالغانلارنىڭ دەملەپ ئىچىپ بىرىشىگە ماس كىلىدۇ.
2.رېتسىپ: سۆئلەپ، شاقاقۇل، قىزىلگۈل، ياڭاق پاسىلى 10 گىرامدىن، بادىرەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس30گىرامدىن ئىلىپ چايلىق سوقتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، بكرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ھازىرقى بازاردا سۈپىتى ياخشى ماتېرياللار بىلەن تەييارلانغان بىر نۇسقا چايلىق 35 يۈئەن بىلەن تەييار بولىشى مومكىن.
بۇ چايلىق نۇسقىلار ئۆزىمىز ئۇزۇن يىللاردىن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن نۇسقىلار بولغاچقا ھەر بىر رېتسىپتا 2-3 خىل خۇرۇچنى يوشۇرۇپ قويدۇق. ئىھتىياجلىقلار لازىم قىلسا ئايرىم يوللاپ بىرىلىدۇ. زاكاس قىلغۇچىلار بولسا چايلىقلارنى تەييارلاپ رېتسىپقا قىستۇرۇپ قويغان باھادا ئەۋەتىپ بىرىمىز.
بىرزات
سېنگاپور سەھەر بىرلەشمە گېزىتى ساغلاملىق سەھىپىسى خەۋىرى: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دائىم ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىينىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، قىسمەن بىمارلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان ئۈچىيى بىئارام بولۇش، چىشى ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىش، سەمىرىش، ئاق خۇن كۆپىيىش ۋە ھەيز نورمالسىزلىشىش قاتارلىق كسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەنە ئەمچەك راكى، بالياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاساسلىق رولى تۇخۇم چىقىرىشنى چەكلەش ھەمدە بالياتقۇ بوينى يېپىشقاق سۇيۇقلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىسپىرمىنىڭ ئۆتىشىنى تەسلەشتۈرىدۇ، ياكى بالياتقۇ بېزىنىڭ گلوكوگىن ئىشلەپ چىقرىشىنى ئازلىتىپ، خالتىلىق تۆرەلمىنى ياشىيالماس قىلىپ قويىدۇ، ياكى بالياتقۇ ۋە ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ پائالىيەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىدىن كۆپ قولايلىق، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، ئەمما قايسىلا خىلدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسۇن، ئاياللارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنداقتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ قانداق زىيانلىرى بار؟
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيانلىرى ئاساسلىقى ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، ئاشقازان ئۈچىيى بىئارام بولۇش، باش ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى سەل ئېشىپ كېتىش، نېرۋىسى جىددىيلىشىش، كەيپىياتى سۇسلىشىش، ھەيز نورمالسىز بولۇش، تېرىسىدە ئاسانلا قارا داغ ۋە دانىخورەك قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەنە ئەمچەك راكى، بالياتقۇ بوينى راكى، جىگەر بېزى ئۆسمىسى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەيز نورمالسىز بولۇشنى ئادەتتە نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس ھەمدە تۇخۇمدان، بالياتقۇنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر قىزلار ئىچكى ئاجراتما، كۆپىيىش سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلگەن چاغدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېسە، ئۇلارنىڭ تۇخۇمدىنى، بالياتقۇسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇخۇمدان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا تۇخۇمدانغا كاشىلا قىلىدىغان بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىشنى چەكلەش ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇشنى توسايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت يېگەندىن كېيىن، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىشىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېيىشتە ئېھتىيات قىلىش، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاساس قىلىش، مېڭە قان تومۇر ياكى يۈرەك تاجىسىمان تومۇرى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ساقايمىغان، دىئابىت كېسى ھەمدە قان تومۇرىدا چاتاق بارلار، 35 ياشتىن يۇقىرى ھەمدە تاماكا چېكىدىغانلار، ھامىلىدار بوپ بولغانلار ياكى ھامىلىدار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلار، جىگەر كېسىلى، ئۈچىيىنىڭ سۆمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان ئاياللار ھەرگىزمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېمەسلىكى كېرەك. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان (شەقىقە)، ھەيز ئاز، خامۇشلۇق كېسىلى بارلار زۆرۈرىيىتى بولمىسا ئامال بار يېمەسلىكى كېرەك.
يۇقىرىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ زىيىنى تونۇشتۇرۇلدى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتمەكچى بولغان ئاياللار ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ بەدەن تەكشۈرۈتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشى كېرەك. ھەمدە دورىنىڭ چۈشەندۈرىشىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىستىمال قىلىشى، يېيىش ئۇسۇلى ياكى مىقدارىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
______ 80خالتا بلوگى ئۈچۈن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
80خالتا بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسىتىمىزسىز كۆچۈرۈش كويىدا بولماڭ!