بۇ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﺏ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﺷﺎﺭﭼﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﻳﯧﺴﯩﺰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ( ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ)ﺗﺮﺍﺧﻮﻣﺎ ﺧﯩﻼﻣﺪﻳﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯦﺌﺎﻧﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻣﯩﻜﻮﭘﻼﺯﻣﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺯﻯ ﺳﻮﻳﯘﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻜﺮﻭﭖ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭘﻼ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺳﯚﺯﻧﻪﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ: ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ:
ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯘﭼﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺳﯧﻴﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﺵ، ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺳﻪﻝ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﯧﻴﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﺗﯧﻤﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﺵ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ، ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﻥ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ، ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ( ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ-ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ.)
ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ:
ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺩﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﭗ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰ ﺗﯘﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ، ﭘﯩﯟﻩ ، ﻛﻮﻻ، ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻳﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﭼﯜﭼﯜﻙ ﻳﯩﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﭘﻪﺭﮬﯩﺰ ﺗﯘﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻦ :ﺋﻪﺭﻗﻰ ﻛﺎﺳﯩﻨﻪ. ﺋﻪﺭﻗﻰ ﺋﻪﻧﮕﯜﺭ ﺷﯩﭙﺎ، ﺋﻪﺭﻗﻰ ﭼﯚﭘﯩﺠﯩﻦ ، ﻣﻪﺟﯜﻧﻰ ﭼﯚﭘﯩﺠﯩﻦ، ﻗﯘﺭﺳﻰ ﻛﺎﻛﯩﻨﻪﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﺎﺭﺍﺳﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺟﯜﻧﻰ ﻟﯘﺑﯘﺑﻰ ﻛﻪﺑﯩﺮ، ﻣﺎﺩﺩﯨﺘﯩﻞ ﮬﺎﻳﺎﺕ، ﮬﻪﺑﺒﻰ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻗﻰ...ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ : ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰﻯ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺮﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻳﯘﻗﻤﯩﻐﺎﻱ. ﻳﯘﻗﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻠﻰ....
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ: مۇھەممەت تۇرسۇن (ﺑﯩﺮﺯﺍﺕ)
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، پۈتۈنلەي توخۇ تۇخۇمىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمى توخۇ تۇخۇمىدىن چوڭ، شاكىلى قېلىش.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB، ۋىتامىنB2، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ھەمدە تۆمۈر، كالتىسىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
ئۆردەك تۇخۇمى سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ھەم قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ مەنپىيىلىكىنى تولۇقلاش، ئۆپكىنى تازىلاش، تولغاقنى توختىتىش رولى بار. يەنە چىش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ زەئىپلىشىشنى كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش ، مەنپىيىلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى تولۇقلاش،ئۆپكىنى سىلىقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۆردەك تۇخۇمى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن ئىسسقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنى ئوبدان پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك، چۈنكى خام ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ بەزىلىرىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
تورت، بولكا پىشۇرۇشتا ئۆردەك تۇخۇمى ئىشلىتىكە بولمايدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەبئىتى سوغۇققا مايىلراق، شۇڭا تال مۇسبەتلىكى يېتەرسىز، سوغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدىكى خولېستېرول مىقدارىمۇ يۇقىرىراق، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى،جىگەر كېسىلى،بۆرەك كېسىلى بارلار ئۇنى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم.
كەرەپشە(چىڭسەي) ئەسلى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى سازلىق رايۇنلاردىن چىقىدۇ، ئېلىمىزدە كەرەپشە ئۆستۈرۈش تارىخى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ.
كەرەپشە جۇڭگو تىپلىق(يەرلىك) ۋە ياۋرۇپا تىپلىق( غەرىپنىڭ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.غەرىپ كەرەپشىسىنىڭ يوپۇرماق ساپىقى توم، يەرلىك كەرەپشىنىڭ ساپىقى ئىنچىكە بولىدۇ.كەرەپشىنى ھەم قورۇپ، ھەم سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار كەرەپشىنىڭ ناھايىتى ياخشى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بىرخىل ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەرەپشە تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2،ۋىتامىن،ۋىتامىنC،ۋىتامىنpشۇنىڭدەك كالتىسي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۆل؛چەشكە ئاساسلانغاندا،ھەر100گرام كەرەپشە تەركىبىدە8.5مىللىگرام كالتىسي،61 مىللىگرام فوسفور،8.5 مىللىگرام تۆمۈر بولىدۇ. بۇلاردىن تۆمۈرنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىدىن 20 ھەسسىچىلىك كېلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ،ئىچكى ئەزالارنى ئىللىتىدۇ،ھۆللۈكىنى يوقىتىدۇ، يۈرەك قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ تىت-تىت بولۇشنى تۈگىتىدۇ، قېيىپ قالغان قاننى تارقىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، تالنى كۈچەيتىپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسقنى ياندۇرۇپ،جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، نەم ئىسسقنى تۈگىتىش، ئىششقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، باش قېيىشنى توختىتىش ئۈنۈمى بار.
كەرەپشىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە تىنىچلاندۇرۇش ۋە قان تومۇرلارنى ئاسراش رولى بار، ئۇ يەنە سۆڭەكنى كۈچەيتىپ، بالىلار كۆمۈرچەك كېسىلىنىڭ ئالىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.
كەرەپشىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈچەي تازىلاش رولى بار بولۇپ، ئۈچەيدىكى سۇ ۋە ئارلاشما ماددىلارنى شۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار،ھەتتا راك پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.شۇڭا كەرەپشە ئورۇقلىتىش، ھۆسۈن تۈزەشتىكى خاسىيەتلىك بويۇم دەپ قارىلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى، غولى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماددىلار بولۇپ،ئۆزگىچە خۇش پۇراق تارقىتىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، كەرەپشە شىرنىسىنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار،يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمى بار.
كەرەپشە ئادەمنىڭ جىنسىي قوزغىلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەرپلىكلەر ئۇنى«ئەر- خۇتۇن كۆكتاتى»دەپ ئاتايدۇ، يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى، كەرەپشە قەدىمكى گرېتسىيىدە راھىبلارنىڭيېيىشى مەنئىي قىلىنغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، تايلاندىكى بىر تۈلۈك تەتقىقاتتا،دائىم كەرەپشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندەئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقى، شۇڭا كەرەپشىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكى بايقالغان.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىپ،پەقەت غولىنىلا ئىستېمال قىلىشىغا ئادەتلەنگەن، بۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كاروتىن ۋە ۋىتامىنCغولىدىكىدىن كۆپ،يوپۇرمىقى تەركىبىدە تۆمۇرنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول.
كەرەپشىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، شۇڭا قان بىسىمى تۆۋەنرەك كىشىلەر كەرەپشە ئىستېمال قىلىشتا ئىھتىيات قىلىشى لازىم.
ئەرلەرنىڭ بۆرىكى يۈرەككە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ھەرخىل دورىلار ئارقىلىق بۆرىكىنى ئاسىراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئەرلەر ئۈزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق سەۋەبىدىن ئۈزىنىڭ بۆرىكىگە زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلىقىغا ئانچە دىقەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا سىز بۆرىكىڭىزنى ئاسىرىشىڭىزدا چۇقۇم يىمەك-ئىچمەك ۋە ناچار تۇمۇش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزدىن باشلشىڭىز كىرەك .
1. پىۋا ئىچىشكە ئامراق بۇلۇش
بۆرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ، كۆپ مىقتاردا پىۋا ئىچكەندە ،چۆكمە پەيدا قىلىش ، ھەتتا بۆرەك كىچىك تۇمۇرلىرى تۇسۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى ؛ ئەگەر قاننى تەكشۈرتكەندە بۆرەكتە مەسلە بارلىقى بايقالسا ،بۇ بۆرەكتىكى مەسلىنىڭ يەڭگىل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۆرەكتىكى كىسەللىكنى بىلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرتىشتىن باشقا يەنە قەرەللىك ھالدا سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك ،سۈيدۈك تەكشۈرتۈش بۆرەكنى تەكشۈرتۈشتىكى ئەڭ ئاددى،ئەڭ تىز ئۇسۇلدۇر.
2.سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنمەسلىك (تازىلانغان سۇ ياكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ)
كۆپلىگەن ئەرلەر سۇ ئىچىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا سۇنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەنلىكتىن ناھايتى ئاسانلا كىسەلگە گىرىپتار بۇلىدۇ.بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىرىكسىز نەرسىلەرنى ئاساسلىقى جىگەر ۋە بۆرەك تازلاپ بىرتەرەپ قىلىدۇ. ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1%گە توغرا كىلىدىغان بۆرەك پۈتۈن بەدەندىكى يۈرەكتىن كەلگەن قاننىڭ تۆتتىن بىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ھەر مىنۇتىغا 1لىتىردىن 2لىتىرغىچە قان بۆرەكتىن ئېقىپ ئۈتىدۇ ، شۇڭا بۆرەكنىڭ بەدەندىكى كىرەكسىز نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا كۆپ بۇلىدۇ.بۆرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقتارىنى تەڭشەش ۋە قاندىكى كىرەكسىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ سۈيدۈك خالتىسىغا چىقىرىش ، ئەمما بۆرەك مۇشۇنداق مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغاندا كۆپ مىقتاردا سۇ تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بۇلىدۇ .
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : كۆپ سۇ ئىچىشكە ئادەتلىنىپ بۆرەكنى چايقاپ تۇرۇش ، سۈيدۈكنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،بۆرەكتە تاش بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .
3.كالى تەركىبى مول بولغان سەي -كۆكتات ،مىۋە يىمەسلىكى كىرەك
كۆكتات ۋە مىۋە يىيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق ،بۇ ئۇقۇمنى ئادەتتىكى كىشلەرمۇ بىلىدۇ .ئەمما ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشلەر دائىم سەي -كۆكتات ،مىۋىلەردە تەبى ھالدا قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بىردىغان كالى مىقتارى بار دەپ قارىشىدۇ. كالىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئەكسىنچە بۆرەك ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .بۆرەك ئىقتىدارى ناچار كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،كالىنى ئىستىمال قىلىش بۆرەك ئىقتىدارىغا بەك زىيانلىقتۇر.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:ئاستا خاراكتىرلىق بۆرەك ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچۇرغان كىشلەر سەي -كۆكتات ،مىۋىلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ ، بۆرىكىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك .كالىمىقتارى زور بولغان مىۋە ، سەي كۆكتاتلارنىيىمەسلىك ،يىسىمۇ ئاز ئىستىمال قىلىش.بەك قۇيۇق مىۋە شەربىتىنى ئىچمەسلىك، خوگو يىمەسلىك ، سەي شورپىسى ئىچمەسلىك .ئىچىملىك ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك .
80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەييارلاپ يوللىغۇچى:ئاقسۇدىن تورداش-قىزىققۇچى
تۇرۇپ(لوبو)نىڭ ئاق پوستىلىق، قىزىل پوستىلىق، كۆك پوستىلىق، قىزىل ئەتلىك قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بار. تۇرۇپ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈنۈش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم باھاسى ئەرزان. ئېلىمىز تۇرۇپنىڭ يۇرتى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈش، ئىستېمال قىلىش تارىخى ئۇزۇن.
تۇرۇپنى قورۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.مېۋە ئورنىدا خام يېيىشكىمۇ، چىلىغان سەي قىلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىنتايىن ياخشى ئىستېمال قىلىش، دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ. «قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل ئىستېمال قىلساڭ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بولار سەن ساغلام، ئامان» دېگەن تەمسىل بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تۇرۇپ تەركىبىدە ۋىتامىنB1،ۋىتامىنB2،ۋىتامىنB6، ۋىتامىنC، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار بار.
تۇرۇپنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىقراق تاتلىق بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش،بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسقنى قايتۇرۇش، يەلنى ماڭدۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىك، تۇرۇپ تەركىبىدە كراخمال فېرمېنتى بار كۆكتات بولۇپ، خام يېسە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تۇرۇپ ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ،شۇڭا ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۇرۇپ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
ھەمشە تۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلانى يۇمشىتىدۇ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلى، ئاتېرىيە قېتىشىش، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تۇرۇپ ئورۇقلاشقا پايدىلىق
ئىستېمال قىلشىتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تۇرۇپنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى(ھەر100گرامدا20~30مىللىگرام بولىدۇ)، ۋىتامىنCيۇقىرى تېمپېراتۇردا ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تۇرۇپ تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ماددىلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تۇرۇپنى يەنىلا خام يېگەن ياخشى. ئەلۋەتتە،خام يېيىشتىمۇ تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۇرۇپنى پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
تۇرۇپنىڭ ۈرى كۆپ، خام يېيىشتە شىرنىسى كۆپ ئاچچىق تەمى ئازراق كەلگەنلىرى ياخشى بولىدۇ، ئادەتتە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياقتۇرمايدىغانلار تۇرۇپنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، تۇرۇپنى گۆش بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرسىمۇ، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
تۇرۇپ تەبىئىت سوغۇق كۆكتات بولغاچقا ، مەنپىيىلىك ئېشىپ كەتكەن سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر، تال- ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، نوقۇل قالقانسىمان بەز ئىششىش، ئالدىن بىشارەت بولغان بويىدىن ئاجراش، بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار تۇرۇپنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.
تۇرۇپنى مېۋە-چېۋە بىلەن بىللە يېمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئەگەر تۇرۇپ ئاپېلسىن بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، قالقانسىمان بەز ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇرۇپ ئىچىنى سۈرگۈزىدۇ، سەۋزە بولسا قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئەگەر بىللە ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرسا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
خام تۇرۇپ ئادەمگىياھ، ئامىرىكا ئادەمگىياھى بىلەن دورىلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە قارىشى بولۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالماي قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار
كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80خالتا بلوگى ئۈچۈن-بۈۋىخەدىچە
قەدىمكى تېبابەتتە "بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش" تىكى "بۆرەك" پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى . "بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .
مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش
بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:
كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش
كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .
ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش
ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:
كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:
بالدۇر ئاجىزلىشىش
ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .
چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرغا قويغان ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇقۇمى بولسا: ساغلاملىق دېگىنىمىز-كېسەلگە گىرىپتار بولمىسلا ساغلام بولۇپ قالماستىن،بەلكى پسخىك ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك،ساغلاملىق روھىي،جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ساغلام بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ئەرلەرنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان تۆۋەندىكى ئون ئۆلچەمنى بەلگىلىدى:
1.تولۇپ تاشقان كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان،كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ھەمدە ھەددىدىن تاشقىرى جىددىيلەشمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغانلار.
2.ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش،ئىشلارنى چوڭ-كىچىك دەپ تاللىماستىن خۇشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش.
3.دەم ئېلىشقا ماھىر بولۇش،ياخشى ئۇخلاش،بېشى ياستۇققا تېگىش بىلەن ئۇخلاش،چاقىرسىلا ئويغىنىش.
4.ئۆزگىرىشكە ماسلىششچانلىقى كۈچلۈك بولۇش،يەنى سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش.
5.ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرالايدىغان بولۇش.
6.بەدەن ئېغرلىقى مۇۋاپىق بولۇش، بەدەن تەكشى بولۇش، تۇرغاندا ياش، مۈرە، دۈمبە قىسىملىرى ماسلاشقان بولۇش.
7.كۆزى روشەن بولۇش، كۆز قاپىقى ئاسان ياللۇغلانماسلىق، ئىنكاسى تېز بولۇش.
8.چىشى پاكىز،چىشنى قۇرت يېمىگەن بولۇش، چىشى ئاغرىماسلىق؛ چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى نورمال، قاناش ئەھۋاللىرى بولماسلىق.
9.چاچلىرى پارقىراق، كېپەك بولىمىغان بولۇش.
10.مۇسكۇللىرى تولغان،تېرىلىرى ئەۋرىشىم بولۇشتىن ئىبارەت.
ئولتۇرغۇچ نېرىپ ياللۇقىغا قەلەمپۇر مېيىدىن باشقا يەنە قانداق دورىلار ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن 2008-يىلى قەشقەر ھېتتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇش جەريانىدا سىرتتا قېلىپ پۇتۇم ۋە يانپاشقا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەنتى. ھازىر سوغۇق مۇھىتتا تۇرسام بەك ئاغرىپ كېتىدۇ. .ئولتۇرسام كاسا قىسممىم بەك بىئارام بولىدۇ. سىلنىڭ قېشلىرىغا بارسام ئولتۇرغۇچ نىرىپقا سوغۇق ئۆتۈپ كېتپتۇ دەپ (قەلەمپۇريېغى) بەرگەنتىلە . ئازراق ئۈنۇمى بولغانتى. مەن يەنە قايسى دورىلارنى يىسەم بولىدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.؟؟؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
قەلەمپۇر يېغىنى داۋاملىق ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ئىچكى تەرەپتىن مەجۈنى سۆرۈنجان، ماددەتۇل ھايات، بۇزۇرى شەربىتىنى 15كۈن ئەتراپىدا ئىستىمال قىلسىڭىز بەدەندىكى سوغۇق يەللەرنى ۋە بوغۇم، نېرىپلاردىكى ياللۇغلىنىشنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان باش ئاغرىش، روھىي كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆت يىل بولدى بېشىم ئاغرىيدۇ . ئىككىنجى دوختۇرخانىدا CT ئاپاراتىدا تەكشۈرتسەم چاتاق يوق ئىكەن. دوختۇرنىڭ دىيىشچە نېرۋام زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان كېسەل ئىكەن . دېمىسىمۇ ئۆزۈم قاتتىق ئاچچىقلانسام ، بىرەر ئىش كاللامغا بەك تەسىر قىلسا ياكى بىرەر ئىشنى بەك ئويلۇنۇپ كەتسەم ئاغرىپ كېتىدۇ. كىشلىك تۇرمۇشتا خاپلىقتىن خالى بولغىلى بولمايدىكەن ، كەسپىم سىرچىلىق، كۈندە ئەتىگىنى ئۇيقىدىن ئويغانسام بېشىم بەك ئاغرىيدۇ ، كېچىچە چۈش كۆرۈپ چىقىمەن ، مىنىڭ بۇ كىسلىمگە مەسلىھەت بەرسىڭىز !
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ سەۋدا، سەپرا خىلىتلىرىنىڭ غالىپلىقىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىقى بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبچىسى يۇقۇردا ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك زىيادە روھىي بېسىم ، غەم-قايغۇ، خىزمەت ، ئۈگۈنۈش سەۋەبىدىن كۆپ چارچاش، تەبئىي قۇۋۋەتنىڭ كەملىكىدىن مېڭىگە ئوزۇقلۇق، قان يېتىشمەي نېرۋا ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دە ئاسان ئاچچىقلىنىش، زىھنى قۇۋۋەت چېكىنىش، ئۇنتۇغاقلىق، باش ئاغرىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل جىسمانىي ھەم پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بىر-بىرسى بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىڭىز سىرچىلىق ئىكەن، ھەر خىل خېمىيەلىك پۇراقلارنىڭ سەزگۈر نېرىپلارغا تەسىر كۆرسىتىشىمۇ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا ئاۋۋال روھىي جەھەتتە كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ساپ ھاۋالىق ، تېنىچ ، گۈزەل جايلاردا سەيلى - ساياھەت قىلىش، ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇش، كەچتە بالدۇرراق ئۇخلاش، مۇۋاپىق بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش، ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە ئاكىتىپ قاتنىشىپ يالغۇز ، بىكىنمە بولغان تۇرمۇش موھىتىنى ئۆزگەرتىپ خىيالى ، مەۋھۇم دۇنيادىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئەمەلىي ئىشلارغا، رىئاللىققا خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىش زۆرۈر.
ئوزۇقلۇق-غىزالىنىشتا ئەتتىگەنلىك ناشتىنى سۈپەتلىك قىلىش - ھەسەل، سۈت، بادام، ياڭاق مېغىزى، سېڭىپ پىشقان بۇغداي نېنى، پاقلان شورپىسى دېگەندەك ئوزۇقلىقى مول يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش، ناشتا قىلمايدىغان سالامەتلىككە زىيانلىق ئادەتتىن ساقلىنىش، ئەتتىگەندە قورۇما تاماق، گۆشلۈك پولۇ، كاۋاپ دېگەندەك تەستە ھەزىم بولىدىغان ئېغىر تاماقلاردىن ساقلىنىش.
كەچلىك تاماقنى سۈيۈق-سەلەڭ، سېڭىشلىق قىلىپ بالدۇر - يەنى ئۇخلاشتىن 2-3 سائەت بالدۇر غىزالىنىش لازىمدۇر.
ئۇخلاشقا ياتقاندا كۆپ خىيال قىلىشتىن ساقلىنىپ ئىمكان بار يېتىپلا ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش زۆرۈر. بۇنىڭغا كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ياكى زەپە، لاچىندانە، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بىلەن تەڭشەلگەن خۇشپۇراق چايلىقلاردىن دەملەپ چاي ئىچىپ بىرىشمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن :
_____________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
تامام
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ياخىشمۇ سىز؟
سىزنى ئەۋارە قىلدىغان بۇلدۇم. كەچۇرۇڭ!
ئەگەر بۇ دۇرىنىڭ راستىنلا شۇنداق پايدىلىق رۇلى بۇلسا سىز ياساپ بىرەرلەرسىزما؟
جاۋاب:
سىز دېگىنىڭىز تۆۋەندىكى رېتسىپ بولسا كېرەك:
ئەپلاتۇننىڭ سۇلتان ئىسكەندەر ئۈچۈن تەييارلىغان دورىسىنىڭ تەركىبى
سېرىق ھېلىلە پوستىدىن ئىككى پەيسە( بىر پەيسە 50 گىرامدىن كۆپرەك) ، ئامىلە پوستىدىن ئىككى يېرىم پەيسە ، زەنجىۋىل ئالتە پەيسە ، پىلپىل ئۈچ پەيسە ، سىيادان ئالتە پەيسە ، كاۋاۋىچىن ئىككى پەيسە ، قاقىلە ئىككى يېرىم پەيسە ، سامساق ئۈچ يېرىم پەيسە ، شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ . ئاندىن دورىلار سۇقۇپ تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ . ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ .سۇقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ ، 360 پارچىغا بۆلۈنىدۇ . ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ . بۇ دورىنى يىيىش جەريانىدا ھەرگىز سوغوق سۇ ئىچمەيدۇ .
بۇ دورىنىڭ خاسىيىتى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلىدۇ : بىرىنچى ئايدا ، ئاق چاچلار قارىيىدۇ ، قارا چاچلار ئاقارمايدۇ ؛ ئىككىنچى ئايدا ، كۆزنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ ، ھەتتا كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرۈش مۈمكىن ؛ ئۈچىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ سۆزلىرى پاساھەتلىك (چىرايلىك ۋە راۋان ) ۋە تۇلۇق ، مۇكەممەل بۇلىدۇ ؛ تۆتىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ تومۇرلىرى ئېچىلىپ قانلىرى راۋانلىشىدۇ ؛ بەشىنچى ئايدا ، غەم-قايغۇلىرى كۆتۈرۈلۈپ ، كۆڭۈل خۇشاللىقى يۈز بىرىدۇ ؛ ئالتىنچى ئايدا ، بەدەنگە چىققان ھەر قانداق چاقا-جاراھەتلەر ساقىيىدۇ ؛ يەتتىنچى ئايدا ، خاتىرىسى كۈچىيىدۇ ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئاشىدۇ ؛ سەككىزىنچى ئايدا ، بوۋاسىر كېسىلى سەللىمازا ساقىيىدۇ ؛ توققۇزىنچى ئايدا ، نېمىنى ئاڭلىسا شۇ پېتى ئېسىدە قالىدۇ ، ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى قايتا ئېسىگە كىلىدۇ ؛ ئونىنچى ئايدا ، بەدەندىكى ھەرقانداق كېسەل-دەرد تۈگەيدۇ ؛ ئون بىرىنچى ئايدا ، جىنسىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچىيىدۇ ؛ ئون ئىككىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ يۈزلىرى پارقىراپ ، نۇرلىنىدۇ . بۇ ھال ئۇنىڭ ياشلىقىدىمۇ كۆرۈلمىگەن بولۇشى مۈمكىن .
مۇشۇ رېتسىپنى ئىلگىرى بىر-قانچە كىشى ياسىتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارمۇ مەندىن - بۇ رېتسىپ راستىنلا ئاشۇنداق ئۈنۈم بىرەرمۇ دەپ سورىغان ئىدى. مېنىڭچە بۇنىڭدا سەل مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەن تەرەپلىرى بار. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەر خىل خېمىيلىك بۇلغۇنۇش، يېمەك-ئىچمەك كۆپ خىل، قۇۋۋەتلىك بولسىمۇ ساپلىقى يۇقۇرى بولماسلىق ، ھاۋانىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھەركەت ئاز بولۇش، ھورۇنلۇق دېگەندەك سەۋەپلەردىن بىزنىڭ بەدەن ساپايىمىز بىلەن ئەپلاتون، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ زامانىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسىدا پەرق ئاز بولمىسا كېرەك. شۇڭا رېتسىپتا ئېيتىلغاندەك ئۈنۈم بىرىپ كېتىشى ناتايىن ، لىكىن ئۇ رېتسىپتا ئېيتىلغان دورا ئەشيالارنىڭ خاسىيەتلىرى ئاز ئەمەس.