ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە


ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى

كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. 

ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك.

 جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ  ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقل

ئانانىزىم ئادىتى ۋە ئۇنىڭدىن قالغان ئاسارەتلەرنى داۋالاش ھەققىدە قىسقى

شەھۋانى تور خۇمارلىقى ۋە قول بىلەن لەزەتلىنىش خۇمارلىقىدىن قۇتۇلۇش

ئانانىزىمدىن قالغان ئاسارەتلەرنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟

جىنسىي ئىستەكنى سۈئىي ئۇسۇللار بىلەن قانائەتلەندۈرۈش زىيانلىقمۇ؟

سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زېيىنى بار؟

ئەرلەردىكى نۇرمالسىز دەپ قارىلىدىغان نۇرمال ئەھۋاللار

.................................................................................

تۆۋەندىكىسى بىر بىمارغا تۈزگەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەم :

  ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دېگەن، مەن ئانانىزىم ئادىتىگە خۇمار بولۇپ قالغىلى 7-8 يىلچە بوپ قالدى، مەن بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم ، ھازىر مەندە مەنى تېز كېتىش ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇرلىنالماسلىق ، جىنسىي ھەۋەس سۇس بولۇش ، زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى ئېقىپ كېتىش ، زەكەر يېگىلەپ قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇش، مەنى چىقماي تۇرۇپ زەكەر بوشاپ كېتىش ، كىچىك تەرەتتىن كېين سۈيدۈك تامچىلاش . قىستاش، پۇراش، بىسىمسىز، بەزىدە رەڭگى ساغۇچ ياكى مايلىق كىلىش، سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلىش ، چات ئارىلىق ، تاشاق، دوۋساق يېقىمسىزلىنىش، قارچۇغۇمدا سارغۇچ سىزىقچىلار بار ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش ، بەل-پۇت تېلىش ھەم ئاغرىش ، پۇت قول، بەل ئىسسىماسلىق ، سوغۇق ھېس قىلىش ، ئۇنتىغاقلىق، زىھنى قۇۋۋەت تۆۋەنلەش قاتارلىق جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار. مۇشۇنداق كۆپ ساقسىزلىقنى ياخشىلاپ ساغلاملىقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نىسبەتەن ماڭا تەپسىلىي يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. ئۆزۈم بىلگەنچە بەزى بىر دورىلارنى يەپ باققانمۇ بولدۇم، لىكىن پايدا قىلغاندەك بىرەر ياخشىلىنىشنى ھېس قىلالمىدىم. ماڭا يۇقۇردىكى ئەھۋاللىرىمنى ياخشىلاش ھەققىدە بىرەر ئۈنۈملۈك رېتسىپ يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز!

 سۇئال سورىغۇچى بىمارغا ئانانىزىم خۇمارىدىن تەل-تۆكۈس قول ئۈزۈپ، ئانانىزىم ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىك توسالغۇلار بىرەر قۇر ھەل بولغاندىن كىيىن جىسمانىي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويچە چارە كۆرىلىدۇ:

1.ئالدى بىلەن سۈيدۈك يولى، مەزى بېزى، بۆرەك-ئۇرۇقدان قاتارلىق ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنى تازىلاپ، توسالغۈلارنى ئىچىش، ياللۇق قايتۇرۇش، خىزمەت فونكىسيەسىنى تەڭشەش ئۈچۈن دورا قىلىنىدۇ. دورا ئىچىش جەريانىدا كۈنىگە ئىمكان بار بىر سائەت بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش(ھېچبولمىغاندا يەڭگىل يۈگۈرۈش ياكى تېز قەدەم بىلەن پىيادە ماڭىدۇ)، دوۋسۇن، چات ئارلىققا مەخسۇس تەييارلانغان دورىلىق مايدا مايلىنىپ ئۈستىدىن شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. يېمەك ئىچمەكتە ئىمكان بار سېڭىشلىق، شورپىلىق تاماقلارنى يەيدۇ،ئۇسسۇلۇققا دورىلىق چېچەك ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئىرىتىپ ھەسەل سۈيى تەييارلاپ ئىچىپ بىرىلىدۇ. ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن، تەستە سېڭىدىغان، زىيادە ئىسسىق، قورۇما تاماقلاردىن - پولو، كاۋاپ، توخۇ قوردىقى، كالا گۆشى قوردىقى، لەڭپۇڭ راڭپىزا، ھەر قانداق سوغۇق ئىچىملىك، قېتىق دېگەندەكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ. بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ.
2.باسقۇچ: بۇباسقۇچتىكى دورىلار 1-باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ۋە بەدەنگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە قاراپ تۇرۇپ بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەرتىپلىك تۈزىلىدۇ. مەزى بېزى ۋە بۆرەك فونكىسيەسىنى تەڭشەيدىغان دورىلاردىن ئالدىنقى باسقۇچتا ئىشلىتىپ زۆرۈرىيىتى بولمىغانلىرى قالدۇرۇلۇپ زورۇر بولغانلىرى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدىغان، بۇزۇلغان خىلىت-ماددىلارنى پۇشۇرۇپ تازىلايدىغان، مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالار فونكىسىيەسىنى ياخشىلايدىغان، قان تومۇرلارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان دورىلار قوشۇپ ئىشلىتىلىپ بىماردىكى مېڭە زەئىپلىكى ۋە روھىي قۇۋۋەتنىڭ كۈچلىنىشىگە ئاساس سىلىنىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرىدۇ. زىيادە ئېغىر ئەمگەك،چارچاش، روھىي بىېسىملاردىن يىراق يۈرۈشى، ساياھەت ۋە باشقا ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مېڭىنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىرىلىدۇ. بەدەن ئورۇق بولسا ئەلا سۈپەتلىك خورما، بادام مېغىزى، ئەنجۈر مۇرابباسى، پاقلان گۆشى شورپىسى، دورىلىق چېچەك ھەسەل ياكى جىگدە چېچەك ھەسىلى قاتارلىقلار موھىم ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ. بىمار سېمىزرەك ياكى بەدەن ئېغىرلىق نۇرمال بولسا ياڭاق مۇرابباسى ياكى ياڭاق مېغىزى، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، كەپتە باچكا شورپىسى، سەۋزە مۇرابباسى جىگدە چېچەك ھەسەل دېگەندەكلەر دورىغا يانداشتۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى دورىلارنىڭ ۋاقتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ 1-2 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ.
3. باسقۇچ: بۆرەك، پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەر قايسى كاناللارنىڭ تۇتۇش، چېقىرىش ئىختىدارنى ياخشىلايدىغان ، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى باسقۇچى بولىدۇ.
بۇ باسقۇچتىمۇ دورىدىن باسقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلار ئاساسەن يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك بولۇپ بەل، بۆرەك ئۇدۇلى، دوۋسۇن، ئەرلىك ئەزا ئەتراپى بوزۇغا مېيى، ئالاھىدە تەييارلانغان زەيتۇن مېيى قاتارلىقلاردا مايلىنىپ ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بىرىنجى باسقۇچتا ئېيتىلغاندەك شور تۇزنى قىززىتىپ مايلانغان ئورۇن ئۈستىگە يېقىلىدۇ. ئەرلىك ئەزا ۋە ئۇرۇقداننى بەكرەك قىززىتىۋېتىشتىن ئىھتىيات قىلىش كېرەك.
4.باسقۇچ: ئانانىزىم ئادىتى سەۋەبىدىن ئەرلىك ئەزا، جىنسىي توقۇلمىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ياكى توقۇلمىلاردا پالەچلىنىش كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن يىتەرلىك قان تولۇپ قايىم بولالمايدىغان، ئەرلىك ئەزا كىچىكلەپ كېتىش، مايماق بولۇپ قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە كۈچسىز بولۇش دېگەندەكلەرگە مەنپەئەتلىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ سېرتىدىن مۇناسىپ مايدا مايلىنىپ بىرىش، ئۇزۇقلۇقنى تەرتىپلەش بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بۆرەك ۋە ئەرلىك ئەزانى سېمىرتىدىغان،مەنىي كۆپەيتىپ ئۇرۇقنىڭ سانى ۋە ھەركەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇ باسقۇچلۇقتىكى دورىلار تەخمىنەن 2 ئاي ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

 ئەسكەرتىش: بىمارنىڭ ھەزىم سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالاردا مەسىلە بولسا ئاۋۋال شۇنىڭغا چارە قىلىش ۋە كىيىنكى داۋالاش جەريانىدىمۇ ئىشلىتىۋاتقان دورىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرىنى ئويلىشىپ جانلىق چارە كۆرۈش كېرەك!




[Birzat بۇنى 2012-01-17 10:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانانىزىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 36 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbirdunya[2012-02-22 06:34 PM | del]
نەقىل مەنبەسى birdunya نەقىل مەنبەسى birdunya
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، اللە رەھمەت قىلسۇن ،ئىشلىرىڭىز بەركەت تاپقاي ، ئانانىزىم ھەققىدە داۋالانماقچى ئىدىم ، داۋالىنىش ئۇچۇن نىمىلەردىن پەرىز تۇتۇشنى تىمىڭىزدىن بىلدىم ، ئەمدى سىز دىن دورا سىتىۋىلىش ئۇچۇن قانداق ئالاقە قىلىشىمىز كىرەك . ئەگەر ۋاختىڭىز چىقسا مىنىڭ بۇسۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرمىغايسىز ! بۇكىسىلىمگە ئاۋال ئۇلۇغ اللە ئاندىن قالسا سىزنىڭ ياردىمىڭىز بىلەن ساقىيىپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ، ھەم ئىشىنىمەن . ماڭىمۇ 7-8 يىل بۇلۇپ قالدى ، روھى كەيپىياتىمنى ئۇزۇم تەڭشەپ كىتىپ بارىمەن ، ھەم بۇئىشتىن قاتتىق ساقلىنىۋاتىمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىلگىرلىتىپ داۋالاش ئىلىپ باراي دىگەن ، چۇنكى يىشىم تويقىلىش يىشىغا يىتىپ قالدى ، پىسخىكامدىن ئىلىپ ئىيىتسام تويقىلىشتىن قورقۇپ كەتمەيمەن ، لىكىن مىنىڭ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىم كوپ بولغاچقا كۇتۇلمىگەن ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى خالىمايمەن ، لىكىن سولتەرەپ بىلىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ ، ئانانىزىمنىڭ بورەك قىسىمىمغا كوپرەك تەسىر قىلدى دەپ ئويلايمەن ، ئوتكەن يىلى بىر ئاي شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ بىردەمدىلا توختاپ قالاتتى ، ئۇچاغدا مەن بىلىمغا سوغۇق ئوتكى زىۋالغان ئوخشايمەن دەپ ئىسسىق ئوتكۇزۇپلا ئانچە ئىتىۋار بەرمەپتىكەنمەن ، شۇڭا داۋالاش ئىلىپ بارايدىگەن ،ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز اللە رەھمەت قىلسۇن بىرزات ئاكا !

سىز قەشقەردىنمۇ بىرزات ئاكا
回复قايتۇرماbirdunya[2012-02-22 06:20 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ، اللە رەھمەت قىلسۇن ،ئىشلىرىڭىز بەركەت تاپقاي ، ئانانىزىم ھەققىدە داۋالانماقچى ئىدىم ، داۋالىنىش ئۇچۇن نىمىلەردىن پەرىز تۇتۇشنى تىمىڭىزدىن بىلدىم ، ئەمدى سىز دىن دورا سىتىۋىلىش ئۇچۇن قانداق ئالاقە قىلىشىمىز كىرەك . ئەگەر ۋاختىڭىز چىقسا مىنىڭ بۇسۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرمىغايسىز ! بۇكىسىلىمگە ئاۋال ئۇلۇغ اللە ئاندىن قالسا سىزنىڭ ياردىمىڭىز بىلەن ساقىيىپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن ، ھەم ئىشىنىمەن . ماڭىمۇ 7-8 يىل بۇلۇپ قالدى ، روھى كەيپىياتىمنى ئۇزۇم تەڭشەپ كىتىپ بارىمەن ، ھەم بۇئىشتىن قاتتىق ساقلىنىۋاتىمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىلگىرلىتىپ داۋالاش ئىلىپ باراي دىگەن ، چۇنكى يىشىم تويقىلىش يىشىغا يىتىپ قالدى ، پىسخىكامدىن ئىلىپ ئىيىتسام تويقىلىشتىن قورقۇپ كەتمەيمەن ، لىكىن مىنىڭ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىم كوپ بولغاچقا كۇتۇلمىگەن ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى خالىمايمەن ، لىكىن سولتەرەپ بىلىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ ، ئانانىزىمنىڭ بورەك قىسىمىمغا كوپرەك تەسىر قىلدى دەپ ئويلايمەن ، ئوتكەن يىلى بىر ئاي شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ بىردەمدىلا توختاپ قالاتتى ، ئۇچاغدا مەن بىلىمغا سوغۇق ئوتكى زىۋالغان ئوخشايمەن دەپ ئىسسىق ئوتكۇزۇپلا ئانچە ئىتىۋار بەرمەپتىكەنمەن ، شۇڭا داۋالاش ئىلىپ بارايدىگەن ،ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز اللە رەھمەت قىلسۇن بىرزات ئاكا !
回复قايتۇرماsultan123[2012-02-12 00:02 AM | del]
مىنىمۇ كۇشۇۋالغان  بولسىلا    چ چ نۇمۇرۇم 1747068810
回复قايتۇرماbimarbala[2012-02-09 12:26 AM | del]
بىرزات ئەپەندىم.... بۇ خىل ئادەت مەندىمۇ بار... لىكىن ئەسلى سەۋەبى مىنىڭ ئەرلىك ئەزايىم سەل كىچىك بولغاچقا، ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇشتىن خىجىل بولۇپ، ئانچە مۇنچە قىلىپ قويىمەن...مۇشۇ ئەرلىك ئەزانى چوڭايتىدىغان دورا ۋە ئۇسۇل بارمۇ؟؟؟؟
回复قايتۇرماarkenlk[2012-02-08 02:46 PM | del]
مەن دىمۇ زەگەر يىگلەش ئەۋالى بار ئىدى بولساقىرىنداشلىرمىز دىگەەندەك رىتسىپنى ئىنىق  كىلىپ يىزىپ  بەرەگەب بولسىلا  ئاللا رەخمەت كىلسۇن!
回复قايتۇرماxamurad007[2012-02-07 04:07 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئۇستام مەن بىر يىل   بولدى  ئانانىزىمگە ئۇگىنىپ قالدىم شۇڭا قانداق كىلسام بۇ كىسەلدىن قۇتۇلگىلى بۇلۇدۇ ماڭا بىر ياردەم كىلسىڭىز بوپتىكەن
回复قايتۇرماtalap[2012-02-05 10:35 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم پىر زات ئەپەندىم ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل ئانالىزىم ھەققىدە ئىزدىنپ بىز ياشلارنى بو نىجىس ئىشتىن يىراق بولۇشقا  ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىگە كوپ رەھمەت . ئەرلىك ئەزانى ياغلادىغا ن مۇناسىپ دورىلار قايسى .بىزگە يېزىپ بەرسىلە بولارمۇ ؟ياكى پوچتىدىن سېلىپ بىرەلەسىىلىمۇ ؟ رەھمەت سىزگە؟
回复قايتۇرماarif[2012-02-05 04:21 PM | del]
رەھمەت
回复قايتۇرماarif[2012-02-05 04:20 PM | del]
ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
回复قايتۇرمائاسمان[2012-02-05 03:04 AM | del]
[quote=]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
回复قايتۇرمائاسمان[2012-02-04 00:39 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟       كوت كوت نومۇرىم  :1535554305
回复قايتۇرماilyar[2012-02-03 03:31 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ياخشىمۇسىز ~؟
مەن باشقا يۇرۇتتا بولغاشقا سىز بىلەن كورۇشۇپ دورا ئىلىشقا ئامالسىز .پوچتىدىن دورا سىلىپ بىرەلەسىلە مۇ ؟قاغان گەپلەنى  2507419346 چ چ ...دىيىسسەك .
回复قايتۇرماnureli[2012-02-02 06:25 PM | del]
قېرىنداشلار  ئەگەر ئانانىزىمنى تاشلىماقچى بولساڭلا بۇنداق ئىشلارنى بىلۋېلىڭلار !
1.كەچتە كۆپ تاماق يىمەڭلار (بولسا يىمىسەڭلار تېخى ياخشى) پەقەت ئانانىزىمنى تاشلىغۇچە.چۈنكى توقىلىقتىن شوخلىق چىقىدۇ ئەمەسمۇ. قۇرساق ئاچ بولسا باشقا خىياللارنىڭ كىلىشى ناتايىن.
2.يېتىشتىن بۇرۇن30نى يەر بېغىرلاڭ، ھەم كۈندە5 تىن قۇشۇپ قىلىڭ. بولسا قانچە كۆپ قلىسىڭزى شۇنچە ياخشى.
3. ئەتىگەندە بالدۇر قۇپۇڭ. چۈنكى ئەتگىنى بالدۇر قوپقاندا كەچتە ئۇيقۇبەك كىلىدۇ، كۆپۈنچەيلەن ھەقچان كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ئانانىزىم قىلىسىلەرغۇ دەيمەن.
4. ئارلاپ-ئارلاپ رۇزا تۇتۇڭ! چۈنكى ئادەم رۇزا تۇتقاندا بەدىندە ئازتۇلا ئۆزگىرىش بۇلىدۇ،  شەيتان نىڭ ئازدۇرىشىدىنب قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ.
بۇلار مەن  سىنىغان ئانانىزىمنى تاشلاشنىڭ ئادەتتىكى ئۇسسۇللىرى، ئەڭ مۇھىمى زادى ئىرادە ئىرادە چىڭ بولمىسا يەنە باشلاپ قالدىغنا ئىش چىقىدۇ.
ئاللا بۇ مەرەز ئادەتنى بىزدىن يىراق قىلسۇن ئامىن
بۇ مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم: 534962951
回复قايتۇرماTORDAX[2012-02-02 05:26 PM | del]
ھۇرمەتلك  تورداشلار ؛ انانېزم  كېسەللېكې ۇچۇن وزېگلارغا قانداق دورېلارنې قلېپ  باقتېگلار ،             مەن بېلەن الاقېلېشېشنې  ونتۇپ قالماڭلار   ،،،،،چ  چ   2639557373
回复قايتۇرماensap[2012-02-01 09:51 PM | del]
ئەسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم . سىلىدىن سورايدىغان مەسلھەتىم بارئىدى .بىلوگ ئىشلىتىشنى ياخشى بىلمەيمەن شۇڭا مالال كۆرممەي چ چ نۇمۇرۇمنى قوشۇۋالسىلا بوپتىكەن. 2427285953.ئاللاھ سىلىگە ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلسۇن
回复قايتۇرماensap[2012-02-01 09:31 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىزات ئەپەندىم سىلىدىن سورايدىغان مەسلەھەتىم بار ئىدى         بىلوگ ئشلتشنى ياخشى بىلمەيمەن . مالال كۆرمەي   چ چ نۇمۇرۇمنى قوشۋالسىلا بوپتىكەن.  2427285953 . ئاللاھ سىلىگە ئەجىر ئەزىم ئاتاقىلسۇن
回复قايتۇرماtordax[2012-02-01 08:43 PM | del]
ھۇرمەتلېك   بېرزات   ۇسـتاز   ؛    111   زۇپتې-رۇمې   بېلەن  زۇپتې   دېگەن  سوز  بېر  گەپمۇ  .      كېتاپلارنې  كورسەم   زۇپتې  دېگەن  دۇرا   نەچچە  خېل  بۇلېدغان   وخشايدۇ،     ،       222  .   رۇمې   دېگەن  سۇز   بېر  قانداق دورېلارنې  قوشقاندېن  كېيېن  زوپتې -رومې دەپ ېشلتلەمدۇ.     ھەقېقې ۇنۇملۇك  زوپتې  رۇمېنې  قانداق كۇرۇپ بېلگېلې  بۇلامدۇ..،،   بۇ  دۇرا  قانداق  شەكېلدە  بۇلېدۇ .   يېلېمسېمان  شەكېلدېمۇ  ياكې  قاتتېق  شەكېلدېمۇ  ،       ومومې  باياننې   سېلې  ناھايتې   ياخشې  يېزېپلا ،رەخمەت ،        يېمەكلېك   جەھتتە  وزەمگە  قاتتق  تەلەپ  قويساممۇ     لېكن  زەكەرگە   ېشلتېش  ۇچۇن  دورېلارنې  تاپالماي   بەكمۇ  قېينالدېم   . ياردەم  قلسېلا  بوپتكەن ،  سېلې  قانداق  چاغدا   تورغا  چېقېلا،،    مېنېڭ  كۇ كۇ  نۇمۇرۇم    2639557373
回复قايتۇرماmaddina[2012-01-29 05:04 PM | del]
بىرزات مەن جىددى ياردەم سورىمماقچى ئىددىم سۇئالىمنى جاۋاپسىز قالدۇرمىغايسىز ئۇلۇغ ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن مەن تۇنجى بالامدىمۇ شۇنداق تۇغۇپ بىر يىلدىن كىيىن ئاددەت كورگەن ئىددىم ماننا خازىر ئىككىنچى بالامغا ئون ئايلىق بولدى يەننا ئاددەت كورمۇددۇم بەززىلە بۇننى نورمال ئەھۋال دەيدۇ يەننە بەززىللە داۋالان مىسساڭ بومماي دۇ دەيدۇ ھەم 15 كۇنچە بوپقالدى كىچچىك ئىشلاگىممۇ چىچچىلىددىغان بوپ قالدم سىللىننىڭچە كەيپىيياتتىم بىللەن ئاددىتتىم مۇنناسىۋۋەتلىكمىددۇ ئاددات كەلتۇررىددىگان ئۇننۇملۇك دورا بامىددۇ ئىغىر كورمەي مەسلىىەت بەرگەن بولسىللا ئاللا ئەجىرلىررىننى بەرسۇن  مىننىممۇ چچ لىرىغا قوششىۋالغان بولسىللا 1505755503
回复قايتۇرماnorway[2012-01-28 06:39 AM | del]
hata yiziwap ma   bir  zat ka      253620905
回复قايتۇرماnorway[2012-01-28 06:36 AM | del]
ئەسسالامۇئەليكۇم،ھومەتلك بىرزات ئەپەندىم.مەن  يىراق   يەردە  .مىنى كۇشىۋالغان بۇلسىڭىز.253620908چ چ
回复قايتۇرماabdikiramjan[2012-01-27 02:30 AM | del]
ئەسسالامۇئەليكۇم،ھورمەتلك بىرزات ئەپەندىم.مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم نى قاچىلىۋالسىڭىز          مەسلىھەت سورايدىغان گەپ بار ئىدى      1356146117           879535562      بولام دۇ
回复قايتۇرمائارمان[2012-01-26 09:25 PM | del]
ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياشىمۇسىز ئاكە!
  مەن ئۆزۇم گۇاڭ جوۋدا ئىشلايدىغان ياش،توي قىلمىدىم...يېقىنقى ئىككى ئاي جەريانىدا يالغۇزلۇق سەۋەبىدىن يوقاردا  ئېيتىلغان ڭشلارنى كۆپ قېتىم قىلىپ سالدىم...ھازىر مەندە كۆرۈلگەن ئەھۋال، يات جىنىس بىلەن بىرگە بولسام ئاسان مەنى كېتىدىغان،شۇنداق ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان،روھسىز،بېلىم ئولتۇرساممۇ تېلىپ ئاغىردىغان،يەنە جىسى ئەزايىم تۇرۇپ ئاغىردىغان،كىچىكلەپ قالغاندەك بۇلۇپ كالدى...يېقىندا بىر توستۇم مۇشۇ تور ئادىرسىنى ئېيتىپ بەرگەن ئېدى،مۇشۇ سەۋەپ بىلەن بىر ياردەم قىلسىكەن دېگەن ئۈمىددە خەت قالدۇردۇم...بىر ياردەم كۇلىڭىزنى سۇنۇپ ،كېسىلىمگە داۋا قىلسىڭىز...
يېشىم:22،بويۇم:180،ئېغىرلىقىم:64kg,ئىشتاھاىم ياخشى ئەمەس...
ئالاقە:
e-mail:salam_0714@yahoo.com
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.