جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ  ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقل


80خالتا بلوگىدا ئانانىزىم ھەققىدە تېمىلار يېزىلغان ھەم تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا يېزىلغان جاۋابلار يوللانغاندىن كىيىن ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئوخشاشلا ھاياجانلىنىش، مەنىي چىقىرىپ بوشىش جاريانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئانانىزىمنىڭ قانداقلارچە زىيانلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنەلمەي مەندە چۈشەنچە تەلەپ قىلغانلار كۆپ بولغان. يەنە تۈنۈگۈن بىر تورداش تۆۋەندىكى سۇئالنى سوراپتۇ:
ئانانىزىم بىلەن ئادەتتىكى نورمال جىنسىي  مۇناسىۋەتنىڭ  ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىدە قانداق پەرىقلەر بار ، ئەجىبا يول ئوخشىمىغان بىلەن مەنزىل بىرغۇ ؟
نەچچە ۋاقىتتىن يىزىلغان بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ يەنىلا قانائەتلىنەرلىك بولمىغانلىقى ھەم بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىش پەيتى كىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك <<ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ  ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقلىق تەسىرلىرى >> دېگەن سىلىشتۇرما ماقالىنى يېزىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم. تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
___________________ بىرزات

جىنسىي مۇناسىۋەت-فىزئولوگىيلىك تەن ۋە پىسخىكىلىق كەيپىياتنىڭ يۇغۇرلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ،ئوخشىمىغان ئىككى جىنسى ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ نازۇك ھەم سېھرىلىك رەۋىشتە ئىلىپ بىرلىدىغان ،مۇھەببەت ۋە قوشۇلۇشنى ئىنتايىن گۈزەل شىرىنلىك ئىچىدە داۋام ئەتتۈرىدىغان بۈيۈك پائالىيەتتۇر. ياراتقۇچى ئۇنىڭغا ئىنسان تەسەۋۋىرىغا تالىق مول مەزمۇنلارنى ئاتا قىلغان. ھاياتلىق شۇنىڭ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ بۇ قوشۇلۇش ئەڭ تەبئىي رەۋىشتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىنىتىلىش ، تەقەززالىق دېگەندەك كۈچلۈك مۇھەببەتلىك جىنسىي ئىستەك-خاھىشلىرىنى ھېسيات ۋە جىسمانىي ئەزالارنىڭ يېقىشىپ جىپىسلىشىشى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇپ نېرىپلارنى ئارام تاپتۇرىدۇ. قۇترىغان جىنسىي تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى جىنىسنىڭ ئۇچرىشىشى، بىرىكىشى ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق كاپالەتكەن ئىگە بولىدۇ. ئائىلە ۋە جەمئىيەت مەۋجۇت بولىدۇ.

 ئانانىزىم بولسا تەسەۋۋۇر كۈچىنى زور دەرىجىدە يېغىپ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنىشى ۋە يات جىنىستىكىلەرنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى خىيال قىلىش ياكى شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش، ئاڭلاش ئارقىلىق جىنسىي ئىستەكنى ئويغۇتۇش؛ قول ياكى باشقا ئۈسكۈنە-سايمانلار بىلەن بىلەن جىنسىي ئەزانى غىدىقلاش، بولدۇرۇش ۋە ئاخىرىدا تېزلا بوشۇشۇش ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغان، يەككە جىنسىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن ھوزۇر ئىلىشنى كۆڭۈل خاھىشى قىلىپ تۇرۇپ ئىلىپ بىرىلىدىغان بىر تۈرلۈك - شەكىل ۋە ماھىيەت ئۆزگەرگەن جىنسىي پائالىيەت.  ئانانىزىم قىلغۇچى قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلىرىنى بىسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە ئۆز-ئۆزىنى ھېسياتلاندۇرىدۇ، يەككە ھالەتتە ئۆزىدىكى جىنسىي سەزگۈ-ئەسەبلەرنى قوزغاتماقچى بولىدۇ. ئانانىزىم ئاخىرلىشىپ نېرىپلار زىيادە جىددىيلىكتىن بوشاشقاندىن كىيىن  ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى خورىلاش، يالغۇز-غىرىپلىق، پۇشايمان، ئۆزىدىن سەسكىنىش دېگەندەك مۇرەككەپ پىسخىك ھېسياتلاردا بولىدۇ. جىسمانىي جەھەتتە ئومومىي بەدەن خاراكتېرلىك چارچاش، پۇت-قوللار بوشۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش كۆرىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى يازما-ماقالىلەردە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئانانىزىم ئادەتلىنىپ قىلىش، خۇمار قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ كىرىشىپ قالغان ئادەم ئاسان قول ئۈزەلمەيدۇ. ھەر قېتىم ئانانىزىم قىلىپ بوشاشقاندىكى پۇشايمانلىق كەيپىياتتا <<كىلەر قىتىم قىلمايمەن>> بىلەن ئۆزىنى ئالدايدۇ. بۇ ئادەت ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىپ پىسخىك ۋە جىسمانىي نۇرمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يۇقۇردا نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنى ئويناش (ئانانىزم)نىڭ پەرقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى بۇ ئىككىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پەرقلىق تەسىرلىرى ھەققىدە بايان ئىلىپ بارىمىز:
ۋاقىت، سان-سۈپەت جەھەتلەردە نۇرمال بولغان، چەكتىن ئاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت سەپرانى كىسىپ يۈرەك-مېڭە ۋە ئومومىي بەدەن قان-تومۇرلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ.
نۇرمال بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت بەدەندە توپلىشىپ قالغان بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلاپ ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ماددىلارنىڭ زاپاس ئورۇنباسارلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەدەننى ئوزۇقلىنىشقا، يېڭى قان ئىشلەپ چىقىرىشقا ۋە ماددا ئالمىشىشقا تەييارلايدۇ. غەشلىك، ئىچى سىقىلىش، دېققەت چېچىلىشنى بېسىقتۇرۇپ روھىي كەيپىياتنى نۇرماللاشتۇرىدۇ ۋە ئۇرغۇتۇپ كۆڭۈلدە خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ. روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە لەززەت ۋە قانائەت پەيدا قىلىپ نېرۋىدىكى سەپرالىق، چاچقۇنلۇق، ئىچى سىقىلىشلارنى يوقىتىدۇ. پىسىخك ساغلاملىقنى تەڭشەپ بۇرۇقتۇرمىلىقتىن كىلىپ چىققان ئەسەبىي ئوي-خىيال، بۇزۇق خاھىش، نۇرمالسىز سەۋدا قاتارلىقلارنى يوقىتىدۇ. روھنى تېتىك، تەننى ساغلام قىلىدۇ. ئايالى بىلەن نۇرمال رەۋىشتە جىما قىلىش ئەزالاردا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىپ مىزاجنى ياخشىلايدۇ. تەن قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇق سۈمۈرۈپ ئەزالارنى كۈچلەندۈرگەنلىكتىن سەرىپ بولۇپ چىقىپ كەتكەن مەنى كۆپ بولسىمۇ بەدەنگە ۋە جىنسىي ئەزالارغا يامان تەسىرى بولمايدۇ.
ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قىلىش قىز-يىگىتلەرنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا ئوخشاش بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىكار قالسىلا شەھۋانىي ئوي-خيالنىڭ ئىسكەنجىسىگە كىرىپ قالىدۇ. كۈندە ياكى بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا شۇ ئىشنى قىلمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان، ئىچى سىقىلىپ مىجەزى ئوساللىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەرلەردە جىنسىي ئەزا تەبئىي چوڭىيىشتىن توختايدۇ. قان تومۇرلار كېڭىيىپ يەرلىك ئورۇندا ماددا ئالمىشىش ۋە ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىغاچقا ئەرلىك ئەزا بوشاپ ئاجىزلىشىپ، باش تەرىپى توم، تۈۋى ئىنچىكە ھەم سىڭايان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي بەزلەر بارغانسىرى يېگىلەپ كېتىدۇ. جىنسىي ھالەت بەك سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا مەنىي تېز كېتىدىغان، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن لەززەت ئالالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە ئەرلىك ئەزا قاتماي تۇرۇپلا مەنىي ئېقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، چات ئارىلىق تەرلەش، مەزى سۇيۇقلىقى كىلىش، سۈيدۈكتە نۇرمالسىزلىقلار كۆرۈلۈش دېگەندەك ساقسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. روھىي ھالىتى سۇلغۇن، چىرايى خۈنۈك، نۇرسىز، كۆز ئاستى ئېرىقچە بولۇپ قارامتۇل ھالەتتە كۆرىنىدۇ. ئۇنتىغاقلىق، زىھنى چېچىلىش، جىمغۇرلىشىپ كېتىش، توي قىلىشتىن قورقۇش، توي قىلسىمۇ جىنسىي تۇرمۇشتىن كۆڭۈلدىكىدەك لەززەت ئالالماسلىق دېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ. ئېغىرلىرىدا تويدىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق، ئۇرۇق پۈچەك بولغان سەۋەبلىك پەرزەنتلىك بولالماسلىق كۆرىلىدۇ. بۇھەقتە ئالدىمغا ھال ئېيتىپ كىرگەنلەر ھەم يىراقتىن تېلفۇن قىلىپ يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئەھۋال ئېيتقانلار ئاز ئەمەس. مەن ئۇچراتقان ئەڭ ئېغىرراق مەسىلىدىن بىر قانچىنى مىسال ئالاي:

1.يىراقتا ياشاۋاتقان بىر يېگىتنىڭ تېلفۇندا يىغلاپ تۇرۇپ توي قىلغىلى 8 ئاي بولغان بولسىمۇ ئايالىنىڭ تېخىچە قىز پېتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۆزىنىڭ 6-7 يىللىق ئانانىزىم تارىخى بارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىچىنىپ تۇرۇپ ئېيتقاندا شۇنداق بىئارام بولۇپ كەتتىمكى شۇ ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇمنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.

(2). 80خالتا بلوگىدىكى ئوقۇرمەن بىر ئايال ماڭا ئۇچۇر يېزىپ ئۆزىنىڭ توي قىلغىلى 5 يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە قىز ئىكەنلىكىنى ۋە تۇرمۇشىدا بەزى بىر مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ يازغان بىر پارچە خىتىنى كۆرگەندە ئاۋۇ ئايالنىڭ نالىسىگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەپمۇ ئۇ ئەر ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغان ھەم تويدا ئايالىغا يېقىن كىلەلمىگەن. تويدىن كىيىنمۇ ئانانىزىم بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بىرىپ ياشىغان. بۇ ئايالنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇر مەزمۇنى مۇنداق:

مەن ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ 29 ياشتا يۇرتتىن يىراق بىر جايدا توي قىلدىم. يولدىشىم بىلەن ئىلگىرى بىر بىرىمىزگە ئاشىق بولۇشۇپ، بىر قانچە يىل يۈز كۆرۈشمەي توي قىلغان. بىراق، توي كۈنىدىن باشلاپ تاكى بىر ئىككى يىلغىچە يولدىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن (بالا ئالدۇرىۋېتىشىڭىز سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق، شۇڭا ھازىرچە بالا بولماسلىقى ئۈچۈن بىللە ياتمايلى دېگەنتى)، بىز ئەر-خۇتۇنلۇق تۇرمۇشنى ئۆتكۈزمىدۇق، ھەتتا ئايرىم ئۆيدە ياتتۇق. مەن توينىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر ئاز ھاياجان بىلەن نىپىز كىيىم كىيگىنىمدە يولدىشىمدىن ئىزا ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن، گەرچە بىرگە بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلساممۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىن كەلمىدىم... كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتتى. توي قىلىپ 2 يىلدىن كېيىن بىرگە بولايلى دېگەن ۋاقتىمىزدا يولدىشىم «بولالمىدى». دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ: قىزلىق پەردىسى قېلىن ئىكەن، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتەيلى دېدى. ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر ئەركىشى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن قوشۇلمىدىم. ئاساسىي سەۋەپنىڭ يولدىشىمدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. يولدىشىمنى داۋالىنىڭ دەپ ھېرىپ كەتتىم، ئۇ بەك گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس. ئاتا-ئانامدىن يىراقتا بولغانلىقىم، يېنىمدا يولدىشىمدىن باشقا ھەمراھىم بولمىغانلىقى ھەم بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئىشلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى (زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ دۇچ كەلگەن بۇ ئىمتىھانغا)، مەن جۇپلىشىش ئۈچۈنلا بىر يەرگە كېلىدىغان ھايۋان ئەمەس ... دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بېرىپ سەۋرى قىلدىم. مانا ھازىر بىز توي قىلغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. مەن ھازىرغىچە شۇ ق.. پېتى تۇرۇپتىمەن. باشقا ئاياللارنىڭ كىچىك ئوماق بالىلىرىنى كۆرسەم، ھەۋەسلىنىپ تۇرالماي قالىمەن. بىر پەرزەنتىم بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىمەن. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم، يولدىشىم ئىمانى بار بىر مۇسۇلمان. مەن يولدىشىمنىڭ نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىرزات ھەكىم سىلىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ يەتتىم. ئۇ ئەسلى ئۇزۇن يىل قولدا لەززەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قاپتىكەن. ئەمدى 35 ياشقا كىرگەن يولدىشىم بەك تۇلا ئىھتىلام بولىدۇ، سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە ئامراق. مەن نەسىھەت قىلىيۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم. سىلىنىڭ ئانانىزىم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى ئوقۇتقان ئىدىم، ھازىر ئانانىزم قىلىشتىن بىرئاز توختىغاندەك. باشقىلار يولدىشىمغا «نېمىشقا بالاڭلار بولمايدۇ؟ بەك بولمىسا نەيچە ئارقىلىق ھامىلىلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭلار» دەپ يول كۆرسىتىپتىكەن، ئاياللار توغۇت بۆلۈمىگە باردۇق. دوختۇر ئايال مېنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يولدىشىمنىڭ تەكشۈرتۈشى كېرەكلىگىنى، ئىسپىرما، ھورمۇن قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىسپىرمىسى ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە نورمال، ئەرلىك ھورمۇن يېتەرسىز... دېگەندەك دىئاگنۇز قويۇلدى. مەن سۇنئى ھامىلىلەندۈرۈشكە قوشۇلمىدىم. چۈنكى بۇنداقتا ئىقتىسادىي چىقىم كۆپ بولۇپ كەتسە، مەن بالا بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئىشلىيەلمىسەم، يالغۇز يولدىشىمنىڭ كىرىمى بىلەنلا بۇ ئائىلىنى قامداش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە بۇنداق ياشاش ئازابلىق بولسىمۇ مەن يەنىلا سەۋر قىلىمەن. ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم: سىلىدىن سورايدىغان سۇئالىم، بۇ يەردە سىلى دېگەن ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. كەپتەر، قۇشقاچ گۆشلىرىنى يېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئەرلىك ئەزا يىگىلەش، مەنى بالدۇر كېتىش، ھىسسىيات بولماسلىقنى تەبىئىي ئۇسۇلدا يەنە قانداق داۋالاش مۇمكىن؟ ئاخىرىدا سىلىنىڭ ئانانىزم توغرىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ بىزگە كۆپ پايدىسى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش، يېڭى توي قىلغانلارنىڭ بىزدىن ئىبرەت ئېلىشى، پەرزەنتلىك بولۇش توغرىسىدا قورقماي ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  بۇخەتنى ئوقۇپ لەرزىگە كەلدىم، ئەركەكلەرگە، يوقىلىۋاتقان ئەركەكلىككە شۇنداق نىدا قىلدىم: ئانانىزىمدەك بولمىغۇرلۇقلار بىلەن ئەرلىك ھاياتى كۈچىڭىزنى بىر پۇل قىلىپ سۆلىڭىز قالمىغاندا بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلىدىغان، سىزگە بارلىقىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىرىڭىزنى سىلىپ گاھى ئىچىڭىزگە تىنىپ زەئىپانا بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرسىڭىز، گاھى سەپرالىشىپ ئۇرۇشۇپ يۈرسىڭىز - قېنى سىزدىكى ئەرلىك كامالەت، ئۇرغۇپ تۇرغان قۇۋۋەت، ئوتلۇق مۇھەببەتلەر؟ قېنى سىزنىڭ ئايالىڭىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، ئۇماق پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدىكى سۈلكىتىڭىز؟!!!
ئاياللىرىڭلارنى ئۇنداق تاشلاپ قويماڭلار، بىچارە مەزلۇمە سۈيى يوق كۆلدەك قاغجىراپ يېرىلىپ ئۆتۈپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭمۇ ياشلىق گۈللىرى تولۇق پورەكلىسۇن، كۈچتۈڭگۈر، پالۋان كەبى ئەرلىرىدىن زوقلىنىپ، پەخىرلىنىپ ياشىسۇن!!! باغرى قانسۇن!!

(3)رەڭگى سېرىق، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا گۇمانسىراپ قارايدىغان، ئۇنىڭ دورىسىنى يەپتىم، پالانى دورىنى يەپتىم، پالانچى مۇنداق دورا يېسەڭ ساقىيسەن دېگەن، ھەممىسى ئوغرى ئىكەن دەپ  3 يىلدىن بىرى پات-پات دۇكىنىمغا كىرىپ توختىماي ئۇنى-بۇنى سوراپ تۇرىدىغان ھەممە دوختۇر، تېۋىپنى تىللاپ چىقىدىغان  بىر كىشى بار. بۇكىشى توي قىلغاندىن كىيىن تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ئاڭلىغانلىكى <<ياخشى>> دورىلارنى يەپ كۆرگەن، باشقىلار ماختىغانلىكى دوختۇر، تېۋىپلارغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئەھۋالدا ھېچقانداق ياخشىلىش بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئەھۋالى بارغانچە يامانلىشىپ سەۋدا خىلىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان روھىي كېسەل مالۇخۇلىيا كىلىپ چىققان. بۇ بالىدىكى ئوخشاش سەۋەب يەنە شۇ ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىم بىلەن مەشغۇل بولۇپ روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خوراتقان. ﻣﺎﻟﯩﺨﯘﻟﯩﻴﺎ ئوﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ، سەۋەبسىز ﻏﻪﻡ ئەﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ئۆﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻫﯩﻲ كېسەللىككە ئېيتىلىدۇ. مالۇخۇلىيانىڭ ئالامەتلىرى ئاساسلىقى: ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻜﻪ ﻣﺎﺱ ﻫﺎﻟﺪﺍ ئاﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﻛﯚﭖ ئوﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ئەﻧﺴﯩﺮﻩﺵ، ﺑﺎﺵ - ئاﺧﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺵ،ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ئوﺭﯗﻧﺴىﺰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗىﻠﯩﺶ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ئوﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ئاﻏﺮﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ئاﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ئۆﻟﯜﻡ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﺳﺘﻪ ﯰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ئەﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

 ئاياللاردا ئانانىزىم ئادىتىگە ئۈگۈنۈپ قىلىش سەۋەبلىك بالياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ساغلاملىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئاق خۇن كۆپ كىلىش، بەل تېلىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىز ھەم سوۋۇش يۈز بىرىدۇ. جىنسىي يول كېڭىرىپ كېتىدۇ. روھىي كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ ئۇنتىغاق بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، چىرايى نۇرسىزلىنىش، قورۇق چۈشۈش، كۆز ئاستى قارىداش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش دېگەندەك بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. توي قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەرلەرنى يامان كۆرىدىغان پىسخىك نۇرمالسىزلىق كۆرىلىدۇ.

ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ كىرگەن بىر ئايالنىڭ شۇ ھەقتىكى كەچمىشلىرى

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن بىر يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئاخىرىدا ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۈرۈمچىدە توي قىلدىم. توي كېچىسى ئۇ مەست كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەتگىنى مەستلىكى يېشىلىپ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. نېمە ئىشلىقىنى بىلەلمىدىم. 2-كۈنى يەنە شۇنداق مەست كىرىپتۇ. بىز يەنىلا ھېچ ئىش قىلمىدۇق. بۇ ئىشلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. مەن ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان يېگىتىم-ئىرىمنىڭ توي قىلىپلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئارىدا ھاراق ئىچمەي كىرگەن كۈنلىرى ئەركىلەپ، يېقىنچىلىق قىلغان بولساممۇ ھېچقانداق <<سادا>> بولمىدى. مەنمۇ بۇ ئىشلارغا ئەمدى رەسمى ھەيران قالدىم. ئۇنى داۋالىنىپ بېقىش ھەققىدە گەپ قىلساملا ماڭا ئاچچىقلاپ چېچىلىدىغان، يامان گەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بولىۋالدى. ئۆيگە ئۇخلاش ئۈچۈن، تاماق يېيىش ئۈچۈنلا كىرىدىغاندەك ، كۆپۈنچە ۋاقىتتا كۆرمەيمەن. مەن بۇ ھەقتە - تۇرمۇشتىكى سىقىنچىلىقلىرىمنى يا تۇققانلىرىمغا بىلدۈرمەي يا دوستلىرىمغا ئېيتالماي بىرەر يىلنى ئۆتكۈزدۈم. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ چالا مەست ھالەتتە كىرىپ ئالدىمدا يىغلاپ ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى كەچۈرۋىتىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ يالۋۇردى. مەن ئۇنىڭ باش كۆزلىرىنى سىيلاپ ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ مەنمۇ يىغلىدىم. كىيىن ئۇ بىر قانچە قىتىم سىناپ باققان بولسىمۇ <<ئىش>> تۈزۈك بولمىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنى كېچىدە ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرگەندەك بىر ھالەتتە تاتلىق سىزىم بىلەن نازۇك جايلىرىمنى سىيلاپ ھوزۇرلىنىپ كەتتىم. ئويغۇنۇپ بۇ ئەھۋاللاردىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. مەن ئەزەلدىن بۇنداق قىلىپ ھوزۇرلىنىپ باقمىغان ھەم جىنسىي ھوزۇرنىمۇ ئۇنچە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. بۇ ئىشتىن كىيىن كەچلىرى ئۆزۈم يالغۇز بولسام، ئىچىم سىقىلسىلا تورغا كىرىپ سېرىق بەتلەرگە كىرىپ ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى، رەسىملەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ھوزۇر ئالىدىغان بولدۇم. ئىنگىلىزچە بەتلەردە ئانانىزم توغرىسىدا ئۇنىڭ زىيىنىنى سۆزلەيدىغان تور بەتلەرمۇ، پايدىسىنى سۆزلەيدىغان تور بەتلەرمۇ بار ئىدى. مەن كۆپرەپ پايدىسىنى سۆزلەيدىغان ھەم قانداق قىلسا ئوبدان بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بەتلەرگە كىرىپ تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ مەن كۈندە كەچتە شۇ ئىشنى قىلمىسام ئۇخلىيالمايدىغان دەرىجىدە ئۈگۈنۈپ قالدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن خىزمەتكە ئوبدان بىرىلىپ كىتەلمەيۋاتقانلىقىمنى، پۇت-قوللۇرۇم ماغدۇرسىز، روھسىز بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاق خۇنمۇ كۆپىيىپ، بىلىم تىلىپ ئاغرىيدىغان، ھەيز ۋاقتىممۇ قالايمىقان بولىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغاندىن كىيىن بۇرۇن ياخشى كۆرگەن يولدىشىم كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدىغان بولۇپ قىلىپ ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق. دوستلىرىم باشقا لايىقلارنى تونۇشتۇرۇپ باقتى، ئاتا-ئانام نەسىھەت قىلىپ باقتى، لىكىن مېنىڭ پەقەتلا توي قىلغۇم كەلمىدى. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش كۆزۈمگە سىغمايدۇ. مېنى شۇ كۈنگە قويغىنى ئەنە شۇ ئەر كىشى ئىدى. مەن ئانانىزىمنىڭ زېيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلدىم. زېيىنى تارتىۋېتىپ تۇرۇپ يەنە داۋاملاشتۇردۇم. ھازىر بۇ ئىشتىن قول ئۈزەي دېسەم قول ئۈزەلمەيمەن. كۆپ تىرىشىپ باقتىم لىكىن يەنىلا ئامالى بولمىدى. دەسلەپتا ئۇ ئىشنى قىلسام 5 ۋاقىت ناماز ئوقىغاندىكىن يۇيۇنمىسام بولمايتتى. پۇت-قولۇم، بىلىم قاچانلا قارىسا مۇزدەك سوغۇقلا تۇرغان. كىيىن كۈندە يۇيۇنىۋىرىپ سوغۇقۇم ئىشىپ كىتىپ نامازنىمۇ ئوقىماس بولدۇم. شۇنداق چۈشكۈنلۈشۈپ كەتتىم. پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم، لىكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن مېنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. چۈنكى مەن ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قالغۇچىلار ئۆزىدە قانداق پىسخىك تەڭشەش ئىلىپ بىرىش كېرەك، ئۆزىنى قانداق ئاسراش دېگەن مەزمۇندىكى ئىنگىلىزچە ھەر چوڭ پىرافىسورلارنىڭ ماقالىلىرىنى تولا كۆرۈپ كەتتىم. بۇنىڭ ماڭا پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ بوپتۇ، چۈنكى بەزىلەر بۇنىڭ بەدەنگە چوڭ زېيىنى يوق، پەقەت پىسخىك بىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىلا بولىدۇ دەپ شۇلار ھەققىدە كۆپ توختىلىپتۇ. مەن بىر ياقتىن ئانانىزم قىلغاچ بىر ياقتىن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ، قانداق ئاسراش چارىلىرى ئىلىپ بارغاندا ئانانىزىمنىڭ زېيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دېگەندەك ئادەم ئالدايدىغان ماقالىلەرنى تولا كۆرۈپ كاللام زەھەرلىنىپ كەتكەندەك تۇرىمەن.  يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش بىتىنى ئىچىپ 80خالتا بلوگى دېگەن ئىسىمغا كۆزۈم چۈشۈپ قىزىقسىنىپ كىرىپ باقسام ماڭا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك تەبئىي ئىسسىقلىق يېمەكلىكلىرىمىز ھەم تېبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۈتۈنىۋاتىمەن. لىكىن ئۇ ئىشنى يەنىلا تاشلىيالمىدىم. ماڭا بۇ ئىشنى تاشلاشنىڭ ئوبدان بىرەر يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىلىمەن، ماڭا ھازىر نەسىھەت كار قىلماس بولۇپ كەتتى. بىر كىم بىلەنمۇ ئارىلاشقۇم كەلمەيدۇ. مۇشۇ گەپلىرىمنى تور بەت يۈزىدە بولسىمۇ دەۋەتسەم يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك، ئۇ يامان ئىشتىن قۇتۇلۇپ كىتەلەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. ئىنشائاللا، نۇرمال ئايال سۈپىتىدە ياشىسام دەيمەن.

بۇ خانىمنىڭ ماڭا يوللىغان خېتى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئەقىللىق تورداش ئەمدى سىز ئېيتىڭچۇ، نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنى ئويناش(ئانانىزىم) نىڭ ئوتتۇرسىدا قانداق پەرقلەر بار ئىكەن؟




[Birzat بۇنى 2011-04-11 02:37 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانانىزىم ئانانىزم، جىنسىي، شەھۋەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 59 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمامەمەتېلى[2012-05-02 03:29 PM | del]
مەنمۇ بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن ئۇزۇن مۇددەت  شوغۇللانغان ھەم سېرىق مەزمۇندىكى كىنو ،رەسىملەرنى كۆپ كۆرەتتىم  ،ھازىر ،مەنى تېز كېتىش ،سۈيدۈك تېمىش، بەزىدە باشقا خىياللارنى قىلىپ قالسام ،زەكەردىن سۇيۇغلۇق ئېقىپ چىقىش ،جىنىسىي تۇرمۇشتىن لەززەت ئالالماسلىق،ھۇزۇرلىنىش ھىسياتى بولماسلىق ئالامەتلىرى بار ،قانداق قىلسام بۇلار .سىلىنى مالال قىلدىم .545007486بۇچ چ نۇمۇرنى قىتىۋالسىڭز بۇلۇپتىكەن ،ياكى چ چ نۇمرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز
回复قايتۇرماtallax[2012-04-18 02:34 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ياخشىمۇ سىز مەنمۇ بۇ ئىشتىن پەقەت قول ئۇزەلمىدىم ماڭا بەك ئۇزۇن بولدى ......ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز .....مىنىڭ قولدا ئەمەس كۇچەپ بېسىپ تۇرساملا چىكىتىدۇ مەنى
شۇنىڭغا بىر مەسلەھەت بىرىڭ  1114193998 چ چ
回复قايتۇرماazimat[2012-03-21 04:59 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ! بىرزات ئەپەندى :
مەنمۇ 7يىل ئەتراپىدا شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر زەكەر قاتمايدىغان ، قاتسىمۇ مەنى  تېز كېتىدىغان
مەنى تىز كىتىش  سۈيدۈك تامچىلاش، ئۇنۇتقاقلىق، ،چات ئارىلىق تەرلەش،ئىشلار مەۋجۇت،
ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەت ۋاقتىم 1مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى قانداق دورىلار بىلەن داۋالىغىلى بۇلىدۇ؟   ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ؟ مۇمكىن بولسا چ چ دا پاراڭلاشساق1712424792

回复قايتۇرماsansiz531[2012-03-11 04:10 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !مەندە  تۆۋەندىكىدەك ئالامەت بار:
مەنى تىز كىتىش  سۈيدۈك تامچىلاش، ئۇنۇتقاقلىق، ،چات ئارىلىق تەرلەش،
515417349مىنىڭ چ چ   نومۇرۇم ئىغىر كۆرمەي مەسلھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن
رەھمەت سىزگە! سىزنى ئاۋارە قىلدىم!
回复قايتۇرماJin[2012-03-10 08:47 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم   ،     مىنىڭمۇ   شۇ ئىشبىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا خىلى  يىللار  بولدى ..7    -  8  يىل
ماڭىمۇ  مەسلىھەتىڭىزنى  ئايماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد  قىلىمەن..
مەندە  تۆۋەندىكىدەك ئالامەت بار:
مەنى تىز كىتىش  ،  شۇنىڭدىن كىيىنلا  قەتئى،،   ئىككىنجىسىگە  مۇمكىن ئەمەسكەن،،   ئادەتتە چۈش كۆرمەيمەن ،  سۈيدۈك تامچىلاش، ئۇنۇتقاقلىق، ماغدۇرسىزلىق ،چات ئارىلىق تەرلەش،
704030007   مىنىڭ چ چ   نومۇرۇم ئىغىر كۆرمەي مەسلھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن ..  
رەخمەت
回复قايتۇرماALONE[2012-03-07 07:02 PM | del]
مەنمۇ بۇ ئادەمنى زەيىپلەشتۇردىغان ئشقا ئۆگۈنۈپ قالغىلنى 7_8 يىللار بۇلۇپ قالدى .  بۇرۇن بۇنى ئادەمگە زىينى يوق دەپ ئويلاپ بىلىپ بىلمەي ئۈگۈنۈپ قاپتىمەن ئەمدىلىكتە بلسەم تولىمۇ نادان ئىكەنمەن بىر نەچچە قېتىم نىيەت قىلىدىم تاشلاشقا لىكىن ئادەتلىنىپ قالغاچقا تاشلاش تولىمۇ تەسكەن . قانداق قىلسام تاشلىغىلى بولار. مەسلھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن . ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن .   514511339چچ نۇمىرىم  
回复قايتۇرماelyar0997[2012-02-20 01:45 PM | del]
مەنمۇ 8يىل ئەتراپىدا شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ھازىر زەكەر قاتمايدىغان ، قاتسىمۇ مەنى  تېز كېتىدىغان ئىشلار مەۋجۇت، ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ؟ مۇمكىن بولسا چ چ دا پاراڭلاشساق1101153839
回复قايتۇرماkitap[2012-02-01 11:36 PM | del]
چ چ   1979863521
回复قايتۇرماdawer[2012-01-24 08:59 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىر زات ئاكا!  مەندىمۇ مۇشۇ ئەھۋاللار بار ، لېكىن بىرمۇنچە كېسەل تېپىۋالدىم ،داۋالاشقا ھېچ ئامال قىلالمىدىم، ئېغىر كۆرمەي مېنىڭمۇ چ چ نۇمۇرۇمنى كىرگۈزىۋالسىڭىز446791006،رەخمەت!!
回复قايتۇرماdawer[2012-01-24 08:58 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىر زات ئاكا!  مەندىمۇ مۇشۇ ئەھۋاللار بار ،ھازىر قول ئۈزدۈم ، لېكىن بىرمۇنچە كېسەل تېپىۋالدىم ،داۋالاشقا ھېچ ئامال قىلالمىدىم، ئېغىر كۆرمەي مېنىڭمۇ چ چ نۇمۇرۇمنى كىرگۈزىۋالسىڭىز446791006،رەخمەت!!
回复قايتۇرماma[2012-01-21 03:14 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىر زات ئاكا!  مەندىمۇ مۇشۇ ئەھۋاللار بار ،ھازىر قول ئۈزدۈم ، لېكىن بىرمۇنچە كېسەل تېپىۋالدىم ،داۋالاشقا ھېچ ئامال قىلالمىدىم، ئېغىر كۆرمەي مېنىڭمۇ چ چ نۇمۇرۇمنى كىرگۈزىۋالسىڭىز1772021356،رەخمەت!!مۇمكىن بولسا دورىلىرىڭىزدىن ئىشلىتىپ باقسام
回复قايتۇرماپالاكەت[2012-01-18 11:25 PM | del]
مەن 20 يىللىق ئانانىزم تارىخىغا ئىگە. خۇمار بولۇش دەرىجەم خىروئىندىن قېلىشمايدۇ دېسەممۇ بولىدۇ. قانچە قېتىم تاشلاي دەپ ئىرادە قىلىپمۇ تاشلىيالمىدىم. ھازىر مەندە، پۇت - قول مۇزلاش، مەنىي چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، بەش - ئون مىنۇتلاردىن كېيىن يەنە ئازراق ئېختىيارسىز مەنىي كېلىش، كىچىك تەرەتتىن كېيىن  بەش - ئون مىنۇتلاردىن كېيىن سۈيدۈك تامچىلاش، ئۇنۇتقاقلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بار. بىرزات ئەپەندىمنىڭ بەرگەن پايدىلىق مەسلىھەتىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. رەھمەت.
回复قايتۇرماgerman[2012-01-04 01:29 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
مەنمۇ يۇقىردا تورداشلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ بىر 5-6 يىل بولۇپ قالدى تاشلىيالمىدىم. جىنسى مۇناسىرەت قىلسام مەنى بالدۇر كېتىدۇ قارشى تەرەپ ھېچقانداق چوزۇر ھېس قىلماي تۇرۇپلا مىنىڭ ئىشىم تۈگەيدۇ.  زەكىرىممۇ ماڭا ڭىچىكتەك بىلىنىدۇ. مىنىڭ سورايدىغىنىم قانداق قىلغاندا قانداق تاماقلارنى يىگەندە مەنىي بالدۇر كىتىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ؟  ئانانىزىمنى تاشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قانداق ؟  ياردەم قىلغان بولسىڭىز چ چ1041012546[face10]
回复قايتۇرمامۇساپىر[2011-12-22 10:15 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىرزات ئەپەندى، بىزگە مەسلىھەت بەرگەنلىكىڭىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
ماڭا مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن.
مەن 28ياشقا كىردىم. خوتەندىن. توي قىلغىلى 3 يىل بولدى. ھازىر ئىككى بالام بار. مەندە توي قىلىشتىن ئىلگىرى يىنىك دەرىجىدە 2~3يىللىق ئاتاتىزىم تارىخىم بار ئىدى. توي قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشلارنى ئاساسەن تۈزەتتىم. توي قىلغاندىن بۇيان جىنسى ئىقتىدارىم ياخشى بولسىمۇ لېكىن مەنىي بۇرۇن كىتىش كىسەللىكى بارمىكىن دەپ قارايمەن. ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەت ۋاقتىم 2مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى قانداق دورىلار بىلەن داۋالىغىلى بۇلىدۇ؟ جاۋابىنى ئېغىر كۆرمەي 2673819974 نۇمۇرلۇق چ چ دا كۈرۈشكەن بولساق.
回复قايتۇرمامىھمان[2011-12-11 04:32 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن بىر يىلدەك بولدى قىزىمدىن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنۋاتامدىكىن دەپ گۇمىنلىنىمەن  چۈنكى مەن دوستۇمدىن مۇشۇنداق ئىش بارلىقىنى ئاڭلىغىنمدا بەكلا ھەيران قالدىم .دوستۇمنىڭ دىگنى بىلەن قىزىمدىكى روھى ھالەت بىردەك چىقتى ،ئەمما مەن بۇ ئىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىنىق بۈلمىگەچكە قىزىم بىلەن پاراڭلىشالمىدىم .مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم مۇشۇ ئىش تۈپەيلى قىزىمنىڭ ئىنتىھانىسغا تەسىر يىتەرمۇ ؟ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانسا راستىنلا قىزلىق پەردىسى بۇزۇلۇپ كىتەمدۇ؟بىر ئانا بولغۇچنىڭ كۆڭلىنى چۇشۇنۈپ ئىنىق جاۋاپ بەرگەن بولسىلا.
回复قايتۇرماakbar11[2011-11-20 07:13 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى مەنمۇ يۇقىردا تورداشلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ بىر 5-6 يىل بولۇپ قالدى تاشلىيالمىدىم.تاشلايمە دەپ نىيەت قىلمە بېرە ئايدەك تاشلىيالايمەن لىكىن يەنە قىلىپ قالىمەن،زەكىرېممۇ يۇقىردا ئيتىلغاندەك ھالەتتە بوپ قالدى،،..ئىغىر كۇرمەي709461314مۇشۇ چى چى نۇمۇرنى قاچلىغان بولسىللىرى   مەسلىھەت سوراپ دورا قىلاي دىگەن ئدىم..
回复قايتۇرماxadman[2011-11-16 10:28 AM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندى  ؛                                                                            
مەن سىزدىن ئانالىزىمنىڭ ئاسسارىتىنى قانداق داۋالاش توغۇر لۇك مەسلەھەت سوراي دىگەن ئىدىم   ،   خاپا بولماي چچ رىڭز گە   1419068019 بۇنۇمۇرنى قىتىۋالسىڭز بۇلۇپتىكەن  .  ئاللا رەخمەت قىلسۇن !
回复قايتۇرماxukri01[2011-11-03 05:24 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80 خالتا بىلوگى ئارقىلىق تونۇشقىنىمدىن خۇشالمەن ئۇلۇغ ئاللا دىن ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ئامانلىق تىلەيمەن .
ئاللا ئاسان قىلغۇچىدۇر .
مانا يىقىنقى بىر يىلدىن بۇيان بۇ تورنى زىيارەت قىلىپ كەلمەكتىمەن ۋە شىپالىق رىتسىپلاردىن پايدىلانماقتىمەن .
يەنە شۇگەپ بىز نەگىلابارمايلى مەيلى بويتاق بولسۇن مەيلى توي قىلغان بولسۇن يەنە شۇگەپ جىنسىيەت
مەنمۇ توي قىلمىغان بىر ياش ئەمما مۇشتتەك تۇرۇپ بىلگەنلىرىم ئاڭلىغانلىرىم نۇرغۇ ن .مۇشۇنداق تۇرسا تىلىۋىزىيە ئاخبارات تەشۋىقاتى كۇچلۇك تۇرسا كىممۇ بۇ ئىشلارنى ئويلىماي تۇرالىسۇن .
زىنا ھارام قىرىنداشلىرىمىز
دەل گەپ بۇ يەردە نۇرغۇنلار زىنا ھارام دەيدۇ ئەمما بىلمەستىن شەھۋھتنىڭ ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ......دەۋىرىمەن ئەمسە..؟
كوڭلىدە زىنالىقىنى بىلسىمۇ يات جىنىس بىلەن بولمىغاندىن كىين دەپ يوتقان بىلەن قول بىلەن ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى كەلگۇسى ئائىلىسىنى ئەركەكلىكىنى قىزلىقىنى ئۆزىىمۇ بىلمەي نابۇت قىلماقتا .
ئاللا ساقلىسۇن ئاستا كەينىڭلارغا يىنىڭلار ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن .
مۇستەھكەملىدىم ئامال يوق دەيسىلەر ئامال بار ۇ بولسىمۇ ئىماننى ئىتقادنى چىڭىتىڭلار مىللى دورىلار بىلەن داۋالىنىڭلار مانا مەنمۇ ئۈچ ئاي بولدى ئاللا ساقلىدى مانا مەنمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ نادانلىقتىن كىچىكلىكتىن ئەقىلسىزلىقتىن بۇ يولغا ماڭغا ماڭماق ئاسان چىكىنمەك تەسكەن ئەمما ئىرادە بولسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن  .
بىرىنچى داۋاسى نىرۋىنى داۋالاش
ھازىر نىرۋىلىرىمىز قالايمىقان ئىشەنچىمىز ئاجىز تەپەككۇرىمىز ئەستە تۇتۇش قابىليىتىمىز توۋەنلىمەكتە .چىرايىمىز خۇنۈك ھالىمىز زەئىپ .كوڭلىمىزدە بەخىتتىن ئىشەنچتىن ئەسەرمۇ يوق .
مانا بۇ كورۇنمەس قاتىلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدۇق شۇڭا ئاۋال نىرۋىنى داۋالايمىىز .
ئىككىنچى قەتئى ئىرادەبىلەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزىمىز  .مەن كوپ ماتىرىيال ئىزدەندىم  ھەم كوپ ماتىرىيال كوردۇم بىشىمدىنمۇ ئۆتتى .يەنىلا ئىرادە بولمىسا بولمايدىكەن .
ئۈچىنچى بەدەننى داۋالاش .
بەدىنىمىز كۇنسىرى ئاجىزلاشماقتا بىلىپ تۇرىمىز .ئەۋرىتىمىز كۇنسىرى يىگىلمەكتە بىلىپ تۇرىمىز ئاغزىمىزدا شەھەر ئىلىپ .ئەمىليەتتە  غەمكىن يۇرۇمىز چۇنكى بىز ئاللىبۇرۇن قۇل بولغان .شۇڭا بەدەننى داۋالاش ھازىرقى ئەھۋال؛ كىيىنكى كەلگۇسى ئۇچۇن بەك مۇھىم .

داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋامىنى يوللاشقا ۋاقتىم يار بەرمىدى ئاللا خالىسا داۋامىنىۋاقتىم چىقسىلام يوللايمەن  
ئىكران ئالدىدا شۇكرى.1789399675
回复قايتۇرماhasanjan0996[2011-10-12 00:00 AM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم@
تۇتقاقلىق كېسىلىنى تزۈپ يىلتىزڭدڭن داۋالىغىلى بولام دۇ ؟
回复قايتۇرماsulat[2011-10-01 09:50 PM | del]
gttyr5
回复قايتۇرماsulat[2011-10-01 09:47 PM | del]
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكوم توردىكى بارلىك  كىىرىنداشلىىرىم ياخشىموسىىلەر مەن 0999دىن بولىيمەن مەن دەيمەن ياخشى دۇرىسى 5 ۋاخ نامازدىن باشكىسى توسىشى ناتايىىن !دونيادا ساكايماس كىسەللىك يوك ئاللاھكا ھەكىكى يۇرىكىدن ئېىبادەت كىىلسا مىھىربان ئاللاھ خەر چوڭ كىىسەللىك يەنى ئەيدز مو ساكىىيدو چونكى مىىھىرىبان ئاللاھ كورئاندا سەۋەب كىىلىڭلار سەۋەب بولمىسا چامىىڭلار يەتمىگەننى مەندىن تىلەڭلار دىگەن گەپ بار.بىز ئىىنسانلار خەددىمىزدىن بەك ئاشتوك ئاللاھ تونجى كىىتىم ئادەم ئاتىىمىزنىمو ياراتكاندا يىىمە دىگەننى يەپ زىىمىنگا چوشورولگەن بىزگىىمو مىىھىرىبان ئاللاھ ئىزىپ كەتمىسون دەپ كورئاننى چوشوردى بىىز ئوكىميدوك بىىز يەنى كىلدگەننى كىلماي كىىلما دىگەننى كىلدوك يەنى ئاللاھنىنك كورئانى يەنى ياراتكوچىمىز نىمو ئونتىدوك ئەي كىرىنداشلىرىم سىيلەر ئويلاپ بىكىڭلار بىز شونچىلىك ياخشى دورىلارنى يىسەكمو ساكايمايمىز چونكى؛كودىىرەتلىك ئاللاھدىن بىبوروك كىلتەۋرىمەيدو ئاللاھنىنڭ ياردىمىسز يىشكانداك كىل تەۋرىمەيدو شوڭا كىرنداشلىرىم خەربىر ئىش كىلگاندا باشلىىگاندا ئاللاھ يولىدا ئاللاھنىنڭ نامىبىلەن باشلىساك چوكوم ياخشى بولىمز ئازماس ئاللاھ دەپ گوناھلارنى كىلىۋەمەيلىي بو گەپ ئىنسان ئوزى تاپكان گەپ بىگە ئەكىلنى ياراتىتى بەندىلىرىم ئازمىسون دەپ كورئاننى ياراتتى گەپ ئوزىمىزدە ئاخىردا خەممىڭلارگائولوگ ئاللاھدىن شىپاتلىك تىلەيمەن بىرزات سىزگەرەخمەت
回复قايتۇرماanyar[2011-09-29 03:44 AM | del]
ياخشخمۇ سىز بىرزات ئەپەندى  مۇشۇ مىللى تىبابىتمىز ياساپ چىققان مەجۈن دىگەن نەرسىنىڭ ئادەم بەدنىگە زىينى بارمۇ ئاڭلىسا م بۇ نەرسنى جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم موللىلارمۇ ياش باللارمۇ كۆپ ئىستىمال قىلدىكەن ئۇلارنىڭ دىيىشچە مەجۈن ئەرلەرنى يولۋاستەك قىلۋىتەرمىش  مەنمۇ مۇشۇ نەرسىنى دوستۇمنىڭ گىپىگە كىرىپ بىر قېتىم يىگەن ھەقىقىتەن ئۇلارنىڭ دىگىندەك ئكەن  بۇ نەرسىنىڭ ئادەم بەدنىگە زىينى بارمۇ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.