ئانانىزىمدىن قالغان ئاسارەتلەرنى ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالىغىلى بولامدۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-12
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم.
سىز دىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي مەن بىر ئۇقۇغۇچى قارسام ئانانىزىم دىگەن بۇ نەرسە بىز ياشلاردا ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇتكەن. مەن سىزنىڭ ئانانىزىم توغرىلىق يازغانلىرڭىزنىڭ ھەممىسنى كۆرۈپ چىقتىم. مەنمۇ 4-5 يىل بولدى.ئۆزەم تەنتەربىيەگە بەك ئامراق شۇنۇڭدىنمىكى مەن دىكى ئالامەتلەر بەك ئېغېر ئەمەس. ئەھۋالدىن قارغاندا مەنى تىز كىتىدىغان ئىش بار ئوخشايدۇ. گەرچە مەن ئۇنداق ئش قىلىپ باقمىغان بولساممۇ بۇرۇن خېلى ۋاقىتقىچە ھەپىلشىپ ئاندىن چىقراتتىم.لىكىن ھازىر بىردەمدە چىقىدۇ. يا كۆنۈپ قالغاندىكىن شۇنداقمۇ.ياكى مەنى راس بالدۇر كىتەمدۇ. ئانانىزىمنى ساقىيدۇ دەيدىكەن بىراق يېزىلغان ئىنكاسلاردىن قارغاندا قول ئۈزۈپ 5 يىل 10 يىلدىن كىيىنمۇ يەنىلا تەسىرى چۇقۇم بولدىكەن.
مەن قانداق قىلاي مەندىن چاتاق چىقامۇ ھازىر ئاشۇنداق ئىشلارنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.زەكىرىم دايىم تۇرۋالىدۇ.ياتقاندا بولسا ئازراقلا سۇدەك سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ھازىر بەك تەسىرى بولمىدى. (ئەسلىدە بەدەن سۈپتىم بەك ياخشى ئىدى.تەنتەربىيەدە بەك ياخشى ئىدىم ياكى شۇنۇڭ تەسىرمۇ). بەلكىم يەنە 6-7 يىللاردىن كىيىن توي قىلىپ قالسام ..ئۇنۇڭ ئۈستىگە جىنسى جەھەتتە ئۆزەمنى تازا كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن. مەن 19 ياش ھە راس تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن كۈندە شۇغۇللىنىپ بەرسەم قانچىلىك پايدىسى بار؟دۇرا يىمەي تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئەمدى ئۇنداق ئىشنى قەتئى تاشلىسام ساقىيامەنمۇ؟ لىكىن رۇھى جەھەتتىن بەكلا تەسىرى بولدى،تۇلا خىيال قىلىدىغان بولۇپقالدىم(لىكىن ئۇنداق خىيالنى بەك ئاز قىلىمەن. ئۇقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن پەقەت ئەتگىنى بىر ۋاخ ئاران ناماز ئۇقيالايمەن)
اللەھ ئۆمرۈڭىزنى ئۈزۈن قىلسۇن
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بىز تور بېتىمىزغا يوللانغان ئانانىزىم ئاسارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تورداشلارغا پىسخىك بېسىم پەيدا قىلىشىنى خالىمايمىز. لىكىن راست گەپنى يوشۇرۇپ ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىمۇ خالىمايمىز. تورداشلارنىڭ خەتلىرىدىكى بەزى بىر ئېغىر بولغان ئەھۋاللارنى ئوقۇپ ئانانىزىم ئادىتىگە كۆنۈپ قالغان ياش دوستلارنىڭ ئىبرەت ئىلىپ قول ئۈزۈپ ،توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ تەن ساقلىقىنى ئاسرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بەزى تورداشلاردا ئانانىزمدىن ئىبارەت جىنسىي پائالىيەتنىڭ ئۆزىنى بىر خىل كېسەللىك ئىكەن دەپ ئۆزىگە روھىي بىسىم قىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن. بىز باشتىن دەپ كىلىۋاتقىنىمىزدەك ئانانىزىم ئۆزى كېسەللىك ئەمەس، لىكىن بۇ خىل ناتوغرا جىنسىي پائالىيەت ( ئۆز-ئۆزى بىلەن جىنسىي پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان ) نىڭ ئاستا - ئاستا خۇمار قىلىش، ئاندىن كىيىن جىسنىي ئەزالارنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بۆرەك، مەزى بېزى ، نېرۋا، يۈرەك، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىق چوڭ ئەزالاردىن باشلاپ ئۇششاق نېرىپلارغىچە پەيدىنپەي ئاجىزلاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ كىلىۋاتىمىز. ھەر ئادەمنىڭ گېن تۈزۈلىشى، ئوزۇقلىنىش، تۇرمۇش ئادىتى، روھىي ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئانانىزىم ئادىتىدىن بولىدىغان ئاسارەتلەرنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
بەزىلەردە سىزنىڭكىگە ئوخشىغان 4-5 يىللىق ئانانىزىمغا ئادەتلەنگەنلىك تارىخى بولسا، - ئانانىزىم ئادىتىنىڭ زىيانلىق قىلمىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ قەتئىي قول ئۈزسە، ئوزۇقلىنىش ، بەدەن چىنىقتۇرۇش، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش جەھەتلەردىن بىز كۆرسەتكەن ئۇسۇللاردىن پايدىلانسا، سېرىق -شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش، ئاڭلاشتىن ساقلانسا دورا ئىستىمال قىلمىسىمۇ بەلكىم ئاستا-ئاستا ساغلاملىقى ئەسلىگە كىلىشى مومكىن.
يەنە بەزىلەردە 1-2 يىللىق قىسقىغىنە ئانانىزىم تارىخى بولسىمۇ ھەر جەھەتتىن داۋالانمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىشى مومكىن.
شۇڭا ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قىينايدىغان بۇ خىل زىيانلىق ئادەتتىن يېراق تۇرشى، بىر-ئىككى قېتىم قىلغانغا نېمە بولاتتى دەپ ئۆزىنى ئالدىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز!
بەزى ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە داۋالىماق تەس بولىۋاتقان - جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش ھەتتا زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى ئېقىپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئانانىزىم قىلىشنى ياشلارنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ دەپ كۆپرەك ئىلھام بىرىلىدىغان ياۋرو-ئامرىكا ئەللىرىدە بىر قەدەر كۆپ بولۇپ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شەھۋانىي موھىت ھەم ئانانىزىم ئادىتىگە خۇمار بولۇپ قىلىش بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
___________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: ئانانىزىم 
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مومكىن بولسا 1378093894 نومۇرلۇق QQ نومۇرىنى قوشۇۋىلىپ بىر خەت يېزىۋەتكەن بولسىڭىز،
ئايرىم پاراڭلاشساق بولاتتى . رەھمەت .
مەن يېقىندا توي قىلماقچى ،تورداشلارنىڭ بەزى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم، مەندە سەپرا بار،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم سەل تۆۋەنلەپ كەتتى! ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز !!! زادى قانداق قىلاي؟
مەن بۇ يىل 22ياشقا كىرىدىم . مەن 3-4يىل ئىلگرى باشقىلاردىن ئانانىزىم قىلىشنى ئۇگىنىپ قالغان ئىدىم، ھازىر مەندە مەنى تېز كېتىشتەك كىسەللىك يۇز بەردى ،يەنە جىنسى ئەزايىم تازا دىگەندەك قاتمايدىغان بولۇپ قالدى ،قان تومۇرلىرى پولتىيىپ چىقىپ كىتىپتۇ.مەن قانداق دورىلارنى يىسەم مۇشۇ كىسىلىمدىن ساقىيمەن ؟ يەرلىك دورىلارنى يىسە دورىغا خۇمار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بارمۇ؟ سىلدىن توۋەنچىلىك بىلەن مۇشۇ ھەقتە مەسلھەت بىرىشلىرىنى ئوتۇنىمەن.
دورا يەپ بەرسە تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتا ساقىپ بولغىلى بولا ؟(تەن سالامەتلىك ئەھۋالىم ياخشى،دائىم ھەسەل ئچىپمۇ بىرىمەن)
ئوزلىرىنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.
ماقۇل ، مەن تىرىشىۋاتىمەن. ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!!!
روخمەت.........
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما



قايتۇرما
ياردەملىرىنى ئايىمىغايلا...رەھمەت.