ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

       بۇ ماقالىنى 80خالتا بلوگىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلەھەتچىسى ukar-as خانىم تەييارلىغان.

     ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كىيىن، ئادەم مېڭىسى ئىقتىدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن قېرىلىشىشقا باشلايدۇ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ چېكىنىدۇ، چوڭ مېڭە  قورۇلۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە نېرۋا تالالىرىدا چېكىنىش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ياش چوڭايغانسىرى ئادەم مېڭىسىدە يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، بىراق ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېلاستىكىلىققا ئېگە بولۇپ، بىر قىسىم مېڭىسىنى داۋاملىق ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىتىپ تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان دەرەخسىمان ئۆسۈكچىلىرىنىڭ سانىدا ئازىيىش بولمايلا قالماي، بەلكى ئەكسىچە كۆپىيىش يۈز بېرىدۇ، ياشنىڭ ئېشىشى، بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنىڭ بارغانسىرى موللىشىغا ئەگىشىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئەقلى يەكۈن چىقىرىش ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارلىرى ياشلارنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

       مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۆۋەندىكى 9 خىل ئەھۋالدا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سېگنالى بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دېققەت قىلىش كېرەك.

      1. ئەستە تۇتۇشى توسالغۇغا ئۇچراش. ئۇنتۇغاق، چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىش، ھېلى دېگەننى ھېلى ئۇنتۇپ قېلىش، ئوخشاش بىر سوئالنى تەكرار سوراش.

      2. كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نەرسە- كېرەكلەرنىڭ قويۇلغان جايىغا توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئۆيى، كارىۋىتى قاتارلىقلارنى تاپالماسلىق، كىيىم- كېچەكنىڭ ئالدى- كەينى، ئوڭ- سولىنى پەرىقلەندۈرەلمەسلىك.

      3. تىلدا توسالغۇ پەيدا بولۇش. گەرچە ناھايىتى راۋان سۆزلەۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما، ئاڭلىغۇچى نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالماسلىق، دۇدۇقلاش.

     4. يېزىش- سىزىشتا قىينىلىش. بىر نەرسە يازسا مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك، ئېغىر بولغاندا ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالماسلىق.

      5. روھى خارەكتىرلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ۋە تونۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش. ئەسلىدە ناھايىتى پىششىق بولغان ۋېلسىپىت مىنىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش، يېقىن ئادملىرىنى تونىيالماي قېلىش.

      6. ھېسابات قىلالماسلىق. نەرسە- كېرەك سېتىۋالغاندا ھېسابات قىلالماسلىق، ئېغىر بولغاندا ئاددىي قوشۇش- ئېلىش ئەمەللىرىنىمۇ ئىشلىيەلمەسلىك.

      7. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، دېققىتى ئاسان چېچىلىپ كېتىدىغان بولۇپ قېلىش.

      8. روھى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرى توسالغۇغا ئۇچراش. دائىم سەپرالىق قىلىش، ساختا تۇيغۇ پەيدا بولۇش، مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش.

     9. ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش. نىشانسىز، مەقسەتسىز ھالدا ئۇياق- بۇياققا مېڭىش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى كونتىرول قىلالماسلىق.

       تۆۋەندە ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بىرقانچە پايدىلىق ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:

      1. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك خەتەرلىك ئامىللاردىن ساقلىنىش، ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش. بۇ يەردە ئېيتىلغان خەتەرلىك ئامىللار: ھاراق- تاماكىغا بېرىلىش، كەيپىيات ياخشى بولماسلىق، يالغۇز تۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

      2. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش. يەنى: يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ماددىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، دىئابىت كېسىلى، جىنسى كېسەل، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى قاتارلىقلار.

    3. ئارتىيە تومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋاملىق يوسۇندا تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش. مەسىلەن: پىچەكگۈل، چوڭ چىلان، نىلۇفەر ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلار.

     4. ئەقلى ئىقتىدار ۋە بەدەن فۇنكىسىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا دېققەت قىلىش، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىش، بارماق بوغۇملىرى قاتارلىق بوغۇملارنى داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇش دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، بۇنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى.

     5. روھى جەھەتتىكى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھېسياتنى كونتىرول قىلىشقا دېققەت قىلىش، ئۈمۈدۋار ۋە خوشال كەيپىياتنى ساقلاش، مەيۈسلۈك دىلخەستىلىك ئازايتىىش.

     6. تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ياشانغانلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۈچ ماغدۇرى يېتىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.

     7. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە يېمەك- ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش، ۋاقتىدا بولۇش، نورمىلىق بولۇش، سۈپەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى تويۇنمىغان ماي كېسلاتالىق، ۋىتامىن مول بولغان، مايسىز، تۇزى كام يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ھاراق ۋە تاماكا تاشلاش، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن E تولۇقلاش.

     8. يېقىن كىشىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىش. ئەلۋەتتە بۇ ھەرقانداق تەدبىردىنمۇ مۇھىم، ياشانغانلارنىڭ يالغۇزلۇقى، غېرىپلىقى ياشانغانلاردا بولىدىغان دېۋەڭلىك كېسلىنى تېزلىتىۋېتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىللارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ يالغۇز قېلىشى بۇ خىل ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەر ياشانغانلارنى ئامال بار يالغۇز قالدۇرماسلىق، ياشانغانلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ، ھال- مۇڭ بولۇشۇپ تۇرۇش، جۆرىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياشانغانلارغا ئامال بار بىر ياخشى ھەمراھ تېپىپ بېرىش كېرەك.

     9.  يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. بېلىق مېيى ۋە بېلىق جىگىرى مېيىنى ئىستىمال قىلىش، ئاچچىقسۇ ئىچىپ بېرىش، مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم يېيىش، سۈت، كاپۇسكا، پەمىدۇر، تۇرۇپ، ئاپلىسىن، ئالما، ماندارىن، ئاناناس قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان بولۇپ، يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولغا ئېگە.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      salam0908

      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكا. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز.دادام 6 يىلنىڭ ئالدىدا قىزىل لوڭگۇچتە ئوسمە بۇلۇپ ئۇرۇمچىدە داۋالىنىپ كەلگەن ئىدى.ئاللاھقا شۇكرى خىلى يامان ئەمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى . لىكىن بۇلتۇر ئۇخلاۋاتقان يەردىن چۇراپ چىكىتىپ ،ۋاقىلاپ، ئۆزىنى كونتورول قىلالمايدىغان ،قالايمىقان ئادەمگە تۇكۇرىدىغان بۇلۇپ بىر-ئىككى سائەت ياتقۇزۇۋالساق ئەسلىگە كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .ئەسلىگە كەلگەن چاغدا ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلغىنى بۇلمەيدىكەن.مىڭىنى سىتىگە سالساق نۇرمال، ئوپراتسىيە قىلغان يەردىمۇ چاتاق يوق چىقتى.ھازىر تامىقى خىلى نۇرمال لىكىن شۇ ئۇخلاپ خەلپىك يانماي ،كۆزۇنى ئاچماي ،پۇت-قۇلىنى يەرگە ئۇرۇپ قىلىدۇ .ئانام بىچارە ئىككىمىز دادامنىڭ ئاغزىنى مەجبۇر ئىچىپ چاي ئىچىرىپ قۇيساق بىردەمدىن كىيىن ئەسلىگە كىلىپ قالىدۇ. .لىكىن شۇ ئۆزىنىڭ قانداق بولغىنىنى بۇلمەيدىكەن. بىر يىرىڭىز ئاغرىمدۇم دىسەم بىشىم دەيدۇ . ماڭا مەسلىھەت بىرىڭلار!!

    • #2

    • #3
      turmux

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
      مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، دەم ئىلىش ۋاقىتلىرىنى بىلىق تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كىسىلى بولۇش نىسبىتى بەك تۆۋەن دەيدۇ. سىزنىڭچە بىلىق تۇتۇشنىڭ دېۋەڭلىك كىسىلى بولۇشتىن ساقلىنىشقا مەلۈم تەسىرى بولامدۇ ؟

    • #4

    • #5
      abdullaakbar

      ئاللاھ ھەممىىمىزگە سالامەتچىلىك .ئاتا قىلسۇن!

    • #6

    • #7
      سەلنۇر

      ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تېۋىپ ئاكا مەن سىزدىن بىر ياردەم سورماقچىدىم ماڭا ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلىپ مىنى بولسا بىر داۋالاپ ساقايتىپ قويغان بولسىڭىز. مەن تېخى ئەمدى 34ياش بولساممۇ نىرۋا جەھەتتىن كۆپ چارچاش ۋە ئازار يىيىش بۇلۇپ ھازىر ئۈزەمنى ئۈزەم تازا كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن، مەن 2005-يىلى خۇتەندىن كەلگەن تىۋىپلەرگەتۇمۇر تۇتقۇزۇپ تېپىۋالغان كىسەل بۇ، ئۇلاريۈرۈگىڭىز سەل ئاجىزكەن بۇ دۇرىنى ئىچسىڭىز ياخشى بۇلۇپ كىتىسىز دەپ دۇرا يېزىپ بەرگەن شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇدۇرىنى ئىشخانامغا ئېلىپ كەپتىمەن بىر خىزمەتدېشىم ياخشى دۇرا ئەمما بۇ كىسەلنى كاللىڭىزغا كىرگۈزۋالماڭ دىدى، شۇكۈنسى مەن كىچىچە ئۇخلىماي يۈرۈگۈمنى قۇلقىمنىڭ ئىچىكە قىستۇرۇپ تىڭشاپ ياتتىم شۇنىڭ بىلەن كىچىچە ئۇخلىيالماي يۈرۈگۈممۇ قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، تەرلەپ سۇنىڭ ئىچىدە ياتتىم ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 4،5 يىلغىچە قولقىمنىڭ تۈۋىدە يۈرەك….دىگەن سۈز كاللامدىن چىقماس بولۋالدى، ئىلگىرى يالغۇز ياتساممۇ ھىچنىمە بولمايتىم كىيىنچە 2 بالام بىلەن ياتساممۇ ئوخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم، ئۈزۈمگە ئۈزۈم نەچچە قىتىم بۇنداق قىلساڭ ئۈلۈپ قالسەن ئۈزۈڭگە ئۈزۈڭ ئىش تاپما، بۇ دۇنيادا ئۆلمەيدىغان كىم بار نىمدىن قورقىسەن دىگەندەك سۇئاللارنى قويساممۇ لىكىن بىر تەشۋىش ماڭا سايىدەكلا ئەگىشىگلىك، ھازىرمۇ يولدىشىم ئۆيدە بولمىسلا ئىچىمگە بىر قورقىنىچ كىرىۋالدۇ، كاللام بىر ھادىسىدە ياكى بىرەر يەرگە قاتتىق تىكەتكەن ئادەمدەك بىرخىل ئېغى ھەم گاراڭ، تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالمەن، ھەم تۇرمۇشنىڭ زەربىسىدىنمۇ، ۋە ياكى بىرەر خاپلىق ئىشلارغا ئوچىرسام يۈرۈگۈم ئېغىر تۇرىدۇ، يىلدا نەچچە قېتىم يۈرەك تەكشرۈرتۈپ باقتىم ھىچقانداق چاتاق يوقكەن دەيدۇ دوختۇرلار، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا شونداق يەڭگىللەپ قالمەن ئەمما يەنە ئوزاققا بارماي ئەسلى ھالىتىمگە قايتىپ قالمەن، ھازىر كاللامنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر نەرسە تاراقلايدۇ ئىلگىرى ئانچە ئەمەس ئىدى، ھازىر سەل كۆپيىپ قالدى، بۇنى باللارغا دىسەم ئۇلار چاقچاق قىلىپ سىز كىلونلانغان ئادەممۇ يا دەيدۇ، يولدۇشۇم ئەسلى دوختۇر ئىدى ھازىر باشقا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ماڭا نىرۋىڭىز ئاجىزلاپ قاپتۇ نىرۋا ياخشىلايدىغان دورا ئىچىڭ دەپ دۇرا ئېلىپ بەردى دۇرىنى ئىچىپ تورسام ياخشىدەك شونداق دورىنى توختىتىپ قويساملا يەنە ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىمەن، كاللام توختىماي بىر نەرسىلەرنى قىلماقچى بولغان ، ئىلگىرى ئۈتكەن ئىشلارنى ئويلاپ تۇرىدۇ، ئويلىماي خىيال قىلماي دىسەممۇ ئامال يوق ھازىر كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ تازا ئېنىق ئىسمدە ساقلىيالماس بۇلۇپ قالدىم ، ئەگەر بىرەركىم بىر يىرىم ئاغرىيدۇ دىسە شۇھامان مىنىڭمۇ شۇ يىرىم ئاغىرىغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىمەن شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي سىللەردىن بىر مەسلىھەت ئېلىپ باقاي دىۋىدىم بۇنىڭ قانداق داۋالاش ئۇسۇلى باردۇ، مەن ئۈزەمگە ئۈرۈمچىدىكى نىرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانسىغا بېرىپ داۋالىنىپ بېىقىپ كەلسەم بۇلامدىغاندۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم بەلكىم بۇ مەندىكى پىسخىك كىسەل بولسا كىرەك، مەن ئۈزەمدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسەم يېشىم 50بارا بارماي مەن تۈگۈشۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن، ھازىر بىرەر كىمنىڭ مىنى سىز پالانى كىسەلكەنسىز دىيىشىدىنمۇ، ھەم باشقىلارنىڭ كىسىلىنى مىنىڭ ئالدىمدا دىيىشىدىن قورقىمەن، خوددى مەندىمۇ ئاشۇنداق كىسەل باردەك شۇڭلاشقا قۇلۇڭلاردىن كىلىشچە بىر ياردەم قىلىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

    • #8

    • #9
      سەلنۇر

      مىنىڭ بۇي يازمامغا قارىتا بىر جاۋاپ يېزىۋەتسىېڭىز سىزدىن مەمنۇن بولغان بۇلاتتىم.

      ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تېۋىپ ئاكا مەن سىزدىن بىر ياردەم سورماقچىدىم ماڭا ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلىپ مىنى بولسا بىر داۋالاپ ساقايتىپ قويغان بولسىڭىز. مەن تېخى ئەمدى 34ياش بولساممۇ نىرۋا جەھەتتىن كۆپ چارچاش ۋە ئازار يىيىش بۇلۇپ ھازىر ئۈزەمنى ئۈزەم تازا كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن، مەن 2005-يىلى خۇتەندىن كەلگەن تىۋىپلەرگەتۇمۇر تۇتقۇزۇپ تېپىۋالغان كىسەل بۇ، ئۇلاريۈرۈگىڭىز سەل ئاجىزكەن بۇ دۇرىنى ئىچسىڭىز ياخشى بۇلۇپ كىتىسىز دەپ دۇرا يېزىپ بەرگەن شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇدۇرىنى ئىشخانامغا ئېلىپ كەپتىمەن بىر خىزمەتدېشىم ياخشى دۇرا ئەمما بۇ كىسەلنى كاللىڭىزغا كىرگۈزۋالماڭ دىدى، شۇكۈنسى مەن كىچىچە ئۇخلىماي يۈرۈگۈمنى قۇلقىمنىڭ ئىچىكە قىستۇرۇپ تىڭشاپ ياتتىم شۇنىڭ بىلەن كىچىچە ئۇخلىيالماي يۈرۈگۈممۇ قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، تەرلەپ سۇنىڭ ئىچىدە ياتتىم ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 4،5 يىلغىچە قولقىمنىڭ تۈۋىدە يۈرەك….دىگەن سۈز كاللامدىن چىقماس بولۋالدى، ئىلگىرى يالغۇز ياتساممۇ ھىچنىمە بولمايتىم كىيىنچە 2 بالام بىلەن ياتساممۇ ئوخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم، ئۈزۈمگە ئۈزۈم نەچچە قىتىم بۇنداق قىلساڭ ئۈلۈپ قالسەن ئۈزۈڭگە ئۈزۈڭ ئىش تاپما، بۇ دۇنيادا ئۆلمەيدىغان كىم بار نىمدىن قورقىسەن دىگەندەك سۇئاللارنى قويساممۇ لىكىن بىر تەشۋىش ماڭا سايىدەكلا ئەگىشىگلىك، ھازىرمۇ يولدىشىم ئۆيدە بولمىسلا ئىچىمگە بىر قورقىنىچ كىرىۋالدۇ، كاللام بىر ھادىسىدە ياكى بىرەر يەرگە قاتتىق تىكەتكەن ئادەمدەك بىرخىل ئېغى ھەم گاراڭ، تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالمەن، ھەم تۇرمۇشنىڭ زەربىسىدىنمۇ، ۋە ياكى بىرەر خاپلىق ئىشلارغا ئوچىرسام يۈرۈگۈم ئېغىر تۇرىدۇ، يىلدا نەچچە قېتىم يۈرەك تەكشرۈرتۈپ باقتىم ھىچقانداق چاتاق يوقكەن دەيدۇ دوختۇرلار، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا شونداق يەڭگىللەپ قالمەن ئەمما يەنە ئوزاققا بارماي ئەسلى ھالىتىمگە قايتىپ قالمەن، ھازىر كاللامنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر نەرسە تاراقلايدۇ ئىلگىرى ئانچە ئەمەس ئىدى، ھازىر سەل كۆپيىپ قالدى، بۇنى باللارغا دىسەم ئۇلار چاقچاق قىلىپ سىز كىلونلانغان ئادەممۇ يا دەيدۇ، يولدۇشۇم ئەسلى دوختۇر ئىدى ھازىر باشقا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ماڭا نىرۋىڭىز ئاجىزلاپ قاپتۇ نىرۋا ياخشىلايدىغان دورا ئىچىڭ دەپ دۇرا ئېلىپ بەردى دۇرىنى ئىچىپ تورسام ياخشىدەك شونداق دورىنى توختىتىپ قويساملا يەنە ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىمەن، كاللام توختىماي بىر نەرسىلەرنى قىلماقچى بولغان ، ئىلگىرى ئۈتكەن ئىشلارنى ئويلاپ تۇرىدۇ، ئويلىماي خىيال قىلماي دىسەممۇ ئامال يوق ھازىر كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ تازا ئېنىق ئىسمدە ساقلىيالماس بۇلۇپ قالدىم ، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئوخلاشتىن ئىلگىرى چۈچۈپ ئويغۇنۇپ تەستە ئۇخلايمەن، ئەگەر بىرەركىم بىر يىرىم ئاغرىيدۇ دىسە شۇھامان مىنىڭمۇ شۇ يىرىم ئاغىرىغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىمەن شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي سىللەردىن بىر مەسلىھەت ئېلىپ باقاي دىۋىدىم بۇنىڭ قانداق داۋالاش ئۇسۇلى باردۇ، مەن ئۈزەمگە ئۈرۈمچىدىكى نىرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانسىغا بېرىپ داۋالىنىپ بېىقىپ كەلسەم بۇلامدىغاندۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم بەلكىم بۇ مەندىكى پىسخىك كىسەل بولسا كىرەك، مەن ئۈزەمدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسەم يېشىم 50بارا بارماي مەن تۈگۈشۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن، ھازىر بىرەر كىمنىڭ مىنى سىز پالانى كىسەلكەنسىز دىيىشىدىنمۇ، ھەم باشقىلارنىڭ كىسىلىنى مىنىڭ ئالدىمدا دىيىشىدىن قورقىمەن، خوددى مەندىمۇ ئاشۇنداق كىسەل باردەك شۇڭلاشقا قۇلۇڭلاردىن كىلىشچە بىر ياردەم قىلىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

    • #10

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...