ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋ‍ﯗﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ؟

ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋ‍ﯗﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ؟ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنىڭ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋ‍ﯙﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋ‍ﻩﺧﻠﻪﺕ، ﺯﻩﻫﻪﺭ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ، ﻳﯧﯖﻰ، ﺳﺎﭖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋ‍ﻩﯓ ﺋ‍ﯛﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋ‍ﯗﺳﯘﻟﻰ ﺷﯘﻛﻰ: ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘ﯐ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯩﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ…
ئ‍وزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئ‍ەھمىيەت بەرمەسلىك، ھاياتلىق-ياشام ئ‍ادەتلىرىمىزدىكى ناتوغرا، زىيانلىق ئ‍ىللەتلەر ياشلىقىمىزنى خازان قىلىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدىنىمىزدىكى ئ‍ۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئ‍ورنىغا ئ‍المىشىدىغان ھۈجەيرە – توقۇلمىلارنىڭ قايتا توقۇلۇش جەريانىغا ئ‍ىنتايىن پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەدىنىمىزدىكى كونىرىغان ھۈجەيرىلەر ئ‍ۆلۈپ چۇۋۇلۇپ، تازىلىنىپ ئ‍ورنىغا يېڭى ھۈجەيرىلەر توقۇلۇپ ھاياتلىقىمىز داۋاملىشىدۇ. بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىل ئ‍المىشىش، بىر پۈتۈن ھالەتتە قايتا توقۇلۇپ يېڭى بەدەنگە ئ‍ىگە بولىشىمىز ئ‍ۈچۈن تەخمىنەن بىر يىل ئ‍ەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ قايتا توقۇلۇش جەريانىغا كېرەكلىك بولىدىغان خۇرۇچلار يېتەرلىك، ئ‍ىھتىياجغا ئ‍ۇيغۇن، قانچىكى ساپ بولسا ھەمدە شۇ خۇرۇچلارنىڭ سۈمۈرلۈش، لايىقلىشىش شارائىتلىرى ئ‍وبدان ھازىرلانسا يېڭىدىن پۈتۈپ چىقىدىغان بەدىنىمىز ساغلام ھالەتتە بولىدىغان بولۇپ ، بۇ ياشلىقىمىزنى ئ‍ەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئ‍ۇزاق مۇددەت ياشلىق ھاياتى كۈچىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا ناھايىتى زۆرۈر.
شۇڭا بەدىنىمىزنىڭ تەبىئ‍يتىگە ئ‍ۇيغۇن بولمىغان بارلىق ناچار ئ‍ادەتلەرنى تەلتۆكۈس تاشلاپ ساغلام بەدەنگە ئ‍ىگە بولۇشنىڭ بىر يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ ئ‍ەمەمىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك!
بۇ دەرس مەخسۇس 35 ياشتىن ئاشقان، قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە ۋە كۈچ-ماغدۇرىدىن كېتىشكە باشلىغان، ھەمدە ئۆزىنى ياش دەپ قارىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن يېزىلدى. مەن سىلەرگە ئۈمىد بېغىشلاشنى ئويلايمەن ھەمدە تىرىشىشنى خالىساڭلارلا قامىتىڭلارنى، ئ‍ادەمنى جەلپ قىلىدىغان بوي تۇرقى ۋە ساغلام بەدىنىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئ‍ەۋرىشىملىك ۋە ئىلاستىكىلىققا قايتىدىن ئېرىشتۈرۈپ، ياشلىقتىكى بارلىق ھاياتىي كۈچ ۋە ئېنېرگىيەلەرگە يەنە بىر قېتىم ئىگە بولالايسىلەر!
ئ‍ەسلىدە، چوقۇم سالامەتلىكىمىزدىن بىرەر چاتاق چىققاندىن كىيىنلا، ئ‍اندىن ھۇشىمىزنى تېپىپ ساغلاملىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز شەرت ئ‍ەمەس. بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە ھاياتىي كۈچىمىزدىن ئ‍ايرىلغاندىن كىيىنلا، ئ‍اندىن ئ‍ۇلارنى تېخىمۇ بەك قەدىرلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
بەزىلەر“ ئەسلىگە كېلىش ۋە يېڭىلىنىش قانۇنىيىتى“ گە سەل قارىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى تېزلا قېرىتىۋېتىدۇ. كىشىلەر بۇنى ئىگىلىۋالسا ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇش داۋامىدا ئ‍اشۇ قانۇنىيەتلەر بويىچە ئىش كۆرسە، ئۇلار قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، تەدرىجىي يوسۇندا ياشلىققا قايتا ئېرىشىدۇ. بىر قىسىم قېرىلىق ئالامەتلىرى ئالايلۇق، مۇسكۇل، پەي- سىڭىر بوغۇملارنىڭ قېتىشىشى، يۈز ۋە قول تېرىلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى، چاچنىڭ پارقىراقلىقى يوقاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئ‍وزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، شۇنداقلا چېنىقىشنىڭ كەم بولۇشى قاتارلىق ناچار ئادەتلەر پەيدا قىلغان بولىدۇ. 35 ياشتىن بۇرۇن كىشىلەر كۆپىنچە دىققەت قىلمايدۇ. 35 ياشقا بارغاندا ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقاندا مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بىراق بۇ چاغدىمۇ كېچىككەن ھېسابلانمايسىز. ئەگەر سىز ھازىردىن باشلاپ دىققەت قىلسىڭىز، يېمەك – ئىچمىكىڭىز ۋە چېنىقىشىڭىز مۇۋاپىق بولسا، ھەمدە ھەر خىل ناچار ئادەتلىرىڭىزنى تاشلىسىڭىز، ئوخشاشلا ئىلگىرىكى ساغلاملىقىڭىز ۋە ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. كىشىلەر بەزىدە ئۆزىنى قىرىپ قالغاندەك، ئەمدى ھەرىكەت قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا ھەر قانداق چاغدىكىدىن بەكرەك چېنىقىشقا مۇھتاج بولىدۇ.
تېنىمىزدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلاردا توختىماستىن يېڭىلىنىش ۋە قايتا تۈزۈلۈش بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى ياخشىلىشىڭىزغا پۇرسەت بار، ئەمما سىز ھەمىشە ھەرىكەت قىلماي جىم تۇرىدىغان بولسىڭىز، تېنىڭىزدىكى مېتابولىزمنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تەسكە توختايدۇ.
ئەگەر ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا، ئۇنداقتا سىز، تېنىڭىزدىكى ئەخلەتلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ يېڭى، ساغلام ھۈجەيرىلەرنى، ئەسلىدىكى كونا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلەيسىز. بىز ئالدى بىلەن بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى، ھازىرغىچە كىشىلەر بىلەلىگەن ئەڭ ياخشى ئۈنۈم، ساپ سۇ بىلەن زەيتۇن مېيىنىڭ ئۈنۈمى بولۇپ، سىزنىڭ ھەر كۈنى ساپ سۇ ئىچىشىڭىزنىڭ مۇھىملىقىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىزنى، 35 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىڭىزنى سەمىڭىزگە سالىمەن. سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئ‍ىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ھەمدە كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال سۇ ئىچىپ بېرىڭ. ئەمما تاماق يەۋاتقاندا سۇ ئىچمەڭ.
ئ‍ىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا سۇ ئىچىپ بەرسىڭىز تېنىڭىزدىكى مېتابولىزم ئارقىلىق شەكىللەنگەن ماددىلار بەدەن ئەخلەتلىرىنى ئېرىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىپ، بۇلارنى تېزلا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىچىملىك سۇنىڭ ساپ بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. ساپ سۇ ئادەم تېنىنى ساغلاملىققا ئىگە قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ.
تەبىئىي بولغان غىزالىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان سۇغا ئېرىشىش بولسا ناھايىتى ياخشى بىر ئامال. ھەرخىل يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ بولۇپ، ناھايىتى پاكىز .
مېۋىلەردىن ئ‍ىرىشكەن سۇ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇپلا قالماي يەنە قېرىشنى تىزگىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر مېۋە چېۋە بىلەن يېمەكلىكلەرگە تايىنىپ بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تولۇقلاپ قېرىشنى تىزگىنلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىشكەن سۇ ئارقىلىق، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بىز ھەر كۈنى يەنىلا بىر لىتىردىن ئ‍ىككى لىتىرغىچە بولغان سۇ ئارقىلىق ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا مۇھتاج بولىمىز. ئادەم تېنىنىڭ 80 پىرسەنتىنى سۇ تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سۇنىڭ بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مەن ئ‍ىلگىرى ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش پروگراممىسىنى ئ‍ىجرا قىلىشتىن بۇرۇن كۈندە بىر-ئىككى چەينەك چاي، تەخمىنەن ئ‍ىككى-ئ‍ۈچ لىتىر سۇ ئ‍ىچەتتىم. شۇنداقتىمۇ ئ‍ۇسساپلا تۇرغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئ‍وزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سىلىپ مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپەيتكەندىن كىيىن ئ‍ىلگىركىدەك كۆپ ئ‍ۇسسىمايدىغان بولۇپ قالدىم. زورلاپ بولسىمۇ كۈندە بىر-ئىككى لىتىر ساپ سۇ ئ‍ىچىپ قويىمەن. تاماققا تۇربا سۈيىنى ئ‍ىشلەتكەندىن باشقا ئ‍ىچىدىغان سۇ، چاي-قەھۋەگە تازىلانغان ساپ دەريا سۈيى ئ‍ىچىمەن. بۇلتۇر رىزونانىس ئ‍ۈسكۈنىسى ئ‍الغان بولۇپ سۇنى شۇنىڭغا قۇيۇپ يىرىم سائەت تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئ‍ىچىمەن. بۇ ئ‍ۈسكۈنىنىڭ بەك كۆپ پايدىسى بارلىقىنى دەپ تەشۋىقاتتا ئ‍اشۇرۋەتكەندەك تۇيۇلغان ئ‍ىدى، لىكىن مەن ئ‍ىشلەتكەندىن كىيىن ”سۇنىڭ مالىكولا تۈزۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ سېڭىشچانلىقىنى ئ‍اشۇرىدۇ، مىتابولىزىمنى ئ‍ىلگىرى سۈرىدۇ“ دېگىنىنى خىلىلا ھېس قىلالىدىم.
سۇ ئ‍ىچكەندە ئ‍الدىرماي ئ‍ىچىڭ! چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەدەنگە يېغىلغان زىيانلىق ماددىلارنى-ئەخلەتلەرنى ئ‍ىرىتىپ، تازىلىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ دەل، سۇ ئ‍ىچىشنىڭ مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ.
ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ.ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ، ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ، ﺳﺎﭖ ﻫﺎﯞﺍ ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ، ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋ‍ﯗﯞﯗﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋ‍ﺍﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﯜﺟﻪﻳﺮﻩ-ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﯘﺗﯘﭖ، ﺩﺍﻍ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﺗﯧﺮﻩ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋ‍ﺍﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋ‍ﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﺋ‍ﺍﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ، ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺟﻪﺯﺑﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋ‍ﻩﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. زەيتۇن مېيىنى ئ‍ىشلىتىپ باقمىغانلار بۇلارنى ئ‍اڭقىرالماسلىقى مومكىن، لىكىن زەيتۇن مېيىنىڭ خاسىيەتلىرى ھەققىدە جىق ئ‍اڭلاپ كەتتىم. بىرسىنىڭ بۆرىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ ئ‍اقسىل سۈيدۈك بىلەن ئ‍ېقىپ كېتىدىغان كېسەللىككە دۇچار بوپتۇ، ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۈستىگە ئ‍اشقازان خىزمىتى ياخشى ئ‍ەمەسكەن. يەرلىك دوختۇر زەيتۇن يېغى ئ‍ىچىپ بىرىشنى دەپتۇ. ئ‍ۇ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ ساپ زەيتۇن مېيى ئ‍ىچىپ ، تېنىدىكى ساقسىزلىقلارنىڭ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. ئ‍اڭلىسام ئ‍ۇ كىشى ھازىرمۇ كۈندە بىر بارداق (چاي ئ‍ىستاكانى) زەيتۇن مېيىنى خام ھالەتتە ئ‍ىچىپ تۇرامىش.
يەنە بىرسى ئ‍ۆزبىكىستاندا ئ‍ۆت ياللۇقىغا كۈندە بىر قوشۇق زەيتۇن مېيىنى ئ‍اچ قورساق ئ‍ىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلغان ئ‍ىكەن.
دوكتۇر سىگنو زەيتۇن مېيى ئ‍ىچكەن بىر ئ‍ادەم ھەققىدە مۇنداق دەپتۇ:
مەن ئىلگىرى 55 ياشلىق بىر ئەرنىڭ بىر نەچچە يىل زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلىشمۋە يېتەرلىك سۇ ئىچىش ئارقىلىق، ياشلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ 25 ياشلىق يىگىتتەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مىسال، مەن مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق، ياشلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلەرنى يۈزلەپ مىڭلاپ ساناپ بېرەلەيمەن.
ھازىر زەيتۇن ۋە زەيتۇن مېيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان كۈندىلىك بويۇمغا ئايلاندى، سىز ھەر كۈنى بىر ۋاخ ياكى ئ‍ىككى ۋاخ زەيتۇن ئىستېمال قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز پىششىق زەيتۇن يېيەلمىسىڭىز، داڭلىق ماركىلىق زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېمەكلىك زەيتۇن مېيى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر ۋاخلىق تاماقتا بىر قوشۇق زەيتۇن مېيى بىلەن، ئازراق لىموننى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكىمۇ، لىمون بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۆكتات سالاتلارنىڭ، ئۈستىگە سېپىۋېتىپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئەگەر كىشىلەر دورىلارغا تايىنىپ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دەپ يۈرمەي، كۈندىلىك ئوزۇقلۇقلار ۋە چېنىقىشقا تايانسا بۇ كىشىلەر بۇنىڭ ئ‍ۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە قېرىماسلىقنىڭ ھەقىقىي دورىسى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللانغان كىشىلەر قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ چاققانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مۇسكۇللىرىنىڭ تېخىمۇ ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ئوبدان ھۇزۇر ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. دورا بولسا كىشىلەر ئامال قالمىغاندىلا ئاندىن ئويلىشىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى ھەمدە بەدەنگە زىيىنى بولىدۇ. ئەمما، تەبىئىي ئۆسۈملۈك دورىلار ياخشىراق بولىدۇ.دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەنەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرى بار بولۇپ ئۇلاردىن ساغلاملىقىڭىزغا شىپا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ھەرگىزمۇ دورىغا تايىنىۋالغۇچىلاردىن بولۇپ قالماڭ.
ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ ﻣﻮﻝ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋ‍ﯨﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﯞﯦﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﯩﺮﺍﻝ ﺋ‍ﻭﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﻣﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﯧﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ بەرسىمۇ ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﺵ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﺎﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯘﭘﺮﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺪﯗ.
ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﯧﺘﯩﻜﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯧﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺗﯧﺰﻻ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻮﻏﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﻳﺪﯗ. ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﻳﺘﻰ، ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋﯘﯞﯨﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻫﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺋ‍ﯨﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻟﯜﯕﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺯﻩﻳﺘﯘﻧ مېيىنى ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻮﻏﯘﻣﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﻣﺎﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻟﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻛﯜﭼﻪﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﯜﻣﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯧﺮﻩ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻻﺗﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﯚﯕﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯜﺭﺗﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
بوغۇم ۋە قول بارماقلىرىغا يىغىلىپ قالغان سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرى رېماتىزمنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا سىرتىدىن زەيتۇن مېيىدا، مايلىنىپ ئۇۋۇلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا لىموندىن تەييارلانغان مېۋە سۈيىنى قوشۇۋېتىش كېرەك. بىر قىسىم كۆكتات ، مېۋىلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، بەدەندىكى كىسلاتا ۋە ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
ياشلىقىمىزنى ئ‍ەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئ‍ۇزاق مۇددەت ياشلىق ھاياتى كۈچىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا يەنە قۇياش نۇرىنىڭ ئ‍الاھىدە رولى بولۇپ بۇ ھەقتە ئ‍الدىنقى نۆۋەتتە تەييارلىغان مەزمۇننى بلوگىمغا يوللاپ قويغان ئ‍ىدىم.
بۇلار ”سازتەن 30″ ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش پروگراممىمىزدىكى موھىم مەزمۇنلار بولۇپ ئ‍ەستايدىل ئ‍وقۇپ چۈشەنچەڭلارنى ئ‍اشۇرغايسىلەر!
بۈگۈنكى مەزمۇنلار ئ‍ا. ۋېكتور سىگنونىڭ ”ئ‍ۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ دېگەن كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئ‍اساسىدا ئ‍ۆزلەشتۈرۈپ تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
”سازتەن 30″ ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش ئ‍ۈندىدار توپى
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن 13565662787
www.80halta.com


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...