كولا ھەققىدە پاراڭلار

كولانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى، بولۇپمۇ يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت، سېمىزلىك، سۆڭەك شالاڭلىشىش، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك دېگەندەك كېسەللىك ۋە سوزۇلما ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش، بەھىس-مۇنازىرىلەر ئ‍ۈزۈلمەيدىكەن. خەقلەرمۇ جىنىغا ئ‍ىچى ئ‍اغرىمايدىكەن. ئ‍اشۇنداق خەۋەر، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ، ئ‍اڭلاپ تۇرۇپمۇ ئ‍ىچىۋېرىدىكەن. ئ‍ۇنداق خەۋەرلەر كولا شىركەتلىرىنىڭ مويىنى تەۋرىتەلمەيدىغان چىراي. چۈنكى خاتا ئ‍ىستىمال، ناتوغرا ئ‍وزۇقلىنىشقا ئ‍ادەتلەنگەن، ھەتتا شۇنى ئ‍ىنتايىن توغرا دەپ ياشايدىغان ئ‍ادەملەر كۈرمىڭ ئ‍ىكەن.
تەتقىقاتچىدىن بىرسى، كولا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ ئ‍ىلان قىپتۇ، ئ‍وووو… ئ‍ەمدى كولانىڭ بازىرى ئ‍ۆلسە كېرەك، خەق كولا ئ‍ىچمەس بولۇپ كېتىدىغان بولدى، دەپ ئ‍ولتۇرسام، كېيىنكى ھەپتىسى كوكاكولامۇ ياكى پەپسى كولا شىركىتىمۇ، ئ‍ىشقىلىپ ئ‍ىككىسىنىڭ بىرسىدىكى ئ‍ىجرائىيە ئ‍ەمەلدارى بايانات ئ‍ىلان قىپتۇ: كولا راستىنلا راك پەيدا قىلىشى مومكىن.

ما گۇيلارنىڭ سەمىمىيتىگە يىغلىغىدەك تەسىرلىنىپ ئ‍ولتۇرۇپ كەتتىم، ئ‍اندىن خەۋەرنىڭ ئ‍اخىرىنى ئ‍وقۇدۇم. ئ‍ۇ گۇي ئ‍ەسلىدە يۇمۇر سۆزلەۋېتىپتىكەن: – دۇرۇس، كولا راك پەيدا قىلىشى مومكىن…
كۈندە مىڭ قۇتا كولا ئ‍ىچسە راستىنلا راك پەيدا قىلىشى مومكىن، دەيدۇ. راستىنلا قاقۋاش گۇيكەن. /::Q
شۇنىڭ بىلەن خەقلەر ئ‍ەمدى كولا ئ‍ىچمەس بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن تەھلىلىم خاتا چىقىپ قالدى.
دۇكانغا بىر ياشبالا كىردى، تەخمىنەن 28 ياشلاردا، قورساق دېگەن باركەنغۇ، 110 كىلو كەلگۈدەك ھەيۋەت ئ‍ىكەن. قولىدا پەپسى كولا.
ئ‍اۋۇ بالىنىڭ بەدەن شارائىتىدا ئ‍ادەتتىكى بىر ئ‍ىچىملىك ئ‍ەمەس، ئ‍ۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان زەھەر ئ‍ىچىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
بىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق قارىشى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئ‍ادىتى توغرا، ئ‍ىلمىي بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇ دۆلەتتە ھەر خىل سوزۇلما ۋە يامان سۈپەتلىك كېسەللىكلەر كۆپىيىپ كېتىپ دۆلەت خەلقنىڭ داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاشقا سەرپ قىلىدىغان مالىيەسى زور بېسىمغا دۇچار بولىشى مومكىن. ئ‍ىلمىي، توغرا بولغان غىزالىنىش ئ‍ادىتى يېتىلسە، ساغلاملىق ئ‍ېڭىمىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئ‍ۆزىمىزگە، ئ‍ائىلىمىزگە، دۆلەتكىمۇ پايدىلىق. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا بۇمۇ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەننى سۆيگەنلىك!
كوچا، مەھەللە كومتىتلاردا ساغلاملىق ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ بەرسىلە دېسە ئ‍اشۇنداق سۆزلەپ خەلقنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە بىر ھەسسە قوشسام دەپ كېتىمەن.
يۇقۇرى قان بېسىمنى ئ‍ەسلىدە كولا تەركىبىدىكى كوفىئىن سەۋەبىدىن ئ‍ۆرلەپ كېتىشى مومكىن دەپ پەرەز قىپتىكەن ھەمدە قەھۋە ئ‍ىچكۈچىلەرنى كۆزىتىپتىكەن، قەھۋە تەركىبىدىكى كوفىئىننىڭ قان بېسىمنى ئ‍ۆرلىتىۋېتىشى بەك كۆرىنەرلىك ئ‍ەمەس ئ‍ىكەن. كوفىئىننىڭ قان بېسىمنى سەل ئ‍ۆرلىتىدىغان تەسىرى بولسىمۇ لىكىن ئ‍اساسلىقى كولا تەركىبىدىكى بەزى خىمىيەلىك تەركىبلەر، مەسىلەن ناترىي دېگەنلەر قان بېسىمنى ئ‍ۆرلىتىۋېتىدىغان ئ‍اساسلىق سەۋەب ئ‍ىكەن.
ئ‍اندىن بىر قۇتا شىكەرلىك كولادىكى قەنت تەركىبى ئ‍ون ئ‍ىككى تال قەنتنىڭ بارابىرىدە دەپتۇ، بىرسى. بۇ گەپنى سەل مۇبالىغە دېسەكمۇ، قەنت مىقدارى زادى ئ‍از ئ‍ەمەس. ئ‍اندىن باشقا خېمىيەلىك تەركىبلەر قوشۇلۇپ ئ‍اشقازان ھەزىم سىستېمىسىغا، ئ‍اشقازان ئ‍استى بېزىغا ئ‍از-ئازدىن كۆرسىتىپ دىئابىتنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئ‍وخشايدۇ. ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۈستىگە كولا كۆپ ئ‍ىچىدىغانلارنىڭ تامىقىمۇ نىسبەتەن كۆپ ئ‍ىكەن. ئ‍اندىن ھەر خىل گازلىك ئ‍ىچىملىكلەر، سودا سۈيى دېگەندەكلەرگىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك ئ‍ىكەن.
ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯘﺭﯗﭼﻼﺭ ﻳﺎﻍ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯩﻠﯘﻛﻮﺯﺍ ﭼﯩﺪﺍﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، Ⅱ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺩﯨﻴﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
سىلەرگە بەش-ئالتە يىل بۇرۇنقى ھېكايىنى سۆزلەپ بىرەي. ھېكايەمنىڭ ئ‍ىسمى: «ئ‍اخىرقى بىر قۇتا كولا »ﻛﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﻣﺎﻳﻠﯩﻘﺮﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﻛﻮﻻ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﭺ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻮﭼﺎ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﭘﻪﭘﺴﻰ ﻛﻮﻻ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻫﯩﺰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭘﺮﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ 30 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺭﯨﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﭺ ﻳﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺗﻮﺳﺘﻰ. <<ﺋﺎﭘﻼ>> ﺩﯦﺪﯨﻢ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ.
ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯘﺭ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﯞﺍﺗﺴﺎﻡ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ: – ﻫﻪﻛﯩﻢ، ﻣﺎ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺋﯩﭽﻤﯩﺴﯩﻠﻪ ﺩﻩﻳﻤﻪ، ﺳﯩﻠﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻤﯩﺴﯩﻼ ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﺩﯗ. ﻣﺎﻧﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﻧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﺎ!… ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﺎﻗﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﻟﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﻩﻗﯩﻖ ﻣﻪﯕﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﺋﯩﻠﮕﺮﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 6 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺗﻮﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺳﻪﻝ – ﭘﻪﻝ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﺘﯩﻢ ﺯﻩﻫﻪﺭﺩﻩﻙ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﻫﺎﺟﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﺋﯩﻠﻨﯩﺸﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﯞﺍﻱ، ﺋﺎﻟﻼ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻏﯘﺩﯗﺭﺍﭖ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ 8-10ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻤﻪﻥ.
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﻪﭼﻘﯘﺭﯗﻥ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍﭖ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻮﻻ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﺴﻪﺭﻩﻣﺠﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺷﻮﺭ ﺗﯘﺯﺩﺍ ﺩﻭﯞﺳﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺑﺎﭼﻜﺎ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﻮﻻ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻛﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﯞﯗ ﻳﺎﺷﻼ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ<<ﻫﻪﻛﯩﻢ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻗﻪﻧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﻝ ﻗﯘﺭﻗﯘﺗﺘﻰ.
ﻫﻪﻳﻴﻴﻲ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﻣﯧﻨﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﻻﻱ…ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ…
ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺮﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺋﯩﭽﺴﻪﻡ ﺭﺍﻫﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺩﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﻳﺎﺵ ﺟﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻱ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﺪﯛﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﭘﯩﻨﻨﻪ، ﻳﺎﻟﭙﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﻛﻮﻻﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ﻳﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ.
– مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
80خالتا بىلوگى «ئ‍ىلمىي ئ‍وزۇقلىنىش» ئ‍ۈندىدار توپىدىكى پاڭلاردىن
تېلىفۇن ھەم ئ‍ۈندىدار نۇمۇرۇم: 13565662787


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...