شېكەرسىز كولا ئوخشاشلا دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن

كولادا شېكەر مىقدارى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىككە پايدىسى يوق. شۇڭا شېكەرسىز كولا ئىچكەن ياخشىمۇ؟
coca_cola_tattoo

شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شېكەرسىز كولا ئادەتتىكى كولاغا ئوخشاشلا «خەتەرلىك» بولۇپ، بىر كۈندە ئىككى ئىستاكان ئىچكەندە دىيابېت كېسەللىكى خەۋپىنى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2874 پىدائىينى يىغىپ، ئۇلارغا بىر يىلدا ئىچكەن ئىچىملىك ئەھۋالىنى خاتىرىلەتكەن. نەتىجىدە بىر كۈندە ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن پىدائىيلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىچىملىك ئىچمەيدىغان پىدائىيلارغا قارىغاندا 2.4 ھەسسە يۇقىرى بولغان. تاتلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەر ۋە سۈنئىي تاتلىق خۇرۇچ قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شېكەرسىز كولا ۋە شېكەرسىز شېرىن ھاراق قاتارلىقلار كېيىنكىسىگە تەۋە. بىر كۈندە 5 ئىستاكان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ شېكەرسىز ئىچىملىك ئىچكەن پىدائىيلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 4.5 ھەسسە يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، كۈندە 200 مىللىلىتىر تەركىبىدە شېكەر بولغان گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپى %21 ئاشىدىكەن، كۈندە بىر ئىستاكان شېكەرسىز گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە بولسا خەۋپ %18 ئاشىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شېكەرسىز ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەر ئوخشاشلا «خەتەرلىك» بولۇشىدىكى سەۋەب: شېكەرسىز ئىچىملىكلەر ئىشتىھاغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئىستىكى ئاشىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي تاتلىق خۇرۇچلار ياغ توقۇلمىسى ئىچكى قىسمى ۋە ئۈچەي يولى باكتېرىيەسىنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورگانىزملارنىڭ گىلۇكوزا چىدامچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ياۋروپا ھورمونلار ئىلمى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...