ساغلاملىق ھەققىدە تەرمىلەر

ئالىملار ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ئاﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ئۆمۈرىگە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ئاﻣﯩﻞ-ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ ئاﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ 72 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ ؛ 70 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ئاﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ئۆﻣﯜﺭ ﺑﯘﻳﻰ 2 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 500 ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ ، ئەﮔﻪﺭ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻣﯩﻨﯩﯘﺗﯩﻐﺎ 60 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ئۆﻣﯜﺭﯨﻨﻰ ئۇﺯﺍﺭﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﯜﻧﺌﻲ ئۇﺳﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺱ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺎ ، بىئارام ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ئاﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﯩﺴﺎ ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ئۇﺯﯗﻥ ئۆﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ .
&&&&&&&&&&&&&&&&&
ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺳﯩﺘﺎﺳﯩﺘﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﭽﻪ ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ئەﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ئاﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ؛ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ئاﺳﺎﺳﻪﻥ ئۆﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻧﺎﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ؛ ﻣﯘﮔﯩﺪﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ئۈﻧﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ، ﻫﯩﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ .
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
كۆﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئەﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ئاﭺ ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺳﯜﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ئەﻣﻪﺱ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ئاﻗﺴﯩﻞ ، ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۇ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ . ئۇﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯘ . ئەﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ئاﭺ ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺳﯜﺕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، ئاﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ئوﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﯘﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ .ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ، ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ئاﺷﻘﺎﺯﺍﻥ – ئۈﭼﻪﻳﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭽﻘﺎ ، ئوﺯﯛﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﻣﯜﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥ ئەﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯘﺕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ئاﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ئاﺯ ﻧﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻮﻣﺎ ﻳﻪﯞﯨﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯓ ، ئۆﻣﺮﯨﯖﯩﺰ ئۇزۇن ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯧﯖﻪﯕﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪﯓ ئاﺳﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺴﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ئاﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺘﺎﺗﺴﯩﺘﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﯞﻩ ئاﻣﯧﺮﻛﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ئاﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ
ئوﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﮔﻪ ئاﻳﺮﯨﻐﺎﻥ .ئۇﻻﺭﻧﯩﯔ ئاﺭﺳﯩﺪﺍ ئەﯓ ئۇﺯﯗﻥ ئۆﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئوﺗﺘﯘﺭﭼﻪ يېشى 79 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ئاﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ئوﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ،ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ئاﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ “ ئا“ ﻧﯩﯔ ئۈﻧﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﻛﯜﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻳﯩﺴﻪ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ”ئا “ ﻧﻰ ﺗﯘلۇﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . سەۋزىدىمۇ ۋېتامىن ئا مول . ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ “ ﺩ “ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﻖ ، ﺗﻮﺧﯘ ﺟﯩﮕﯩﺮﻯ ، ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...