ھەكىم سۇلتان ئەلىنىڭ قۇۋۋەتلەر ھەققىدىكى بايانلىرى

ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺷﯘ ﺋﻪﺯﺍﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺭﻩﺋﯩﺲ ( ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ) ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ.

sport_and_exercise_physiology
1. ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ
تەبئىي ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﯨﺠﯩﺴﻰ، ﻏﯩﺰﺍﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﯧﺰﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ، ﺗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ، ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ ، ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﯜﭺ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯜﭼﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﺳﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍ ﺋﯚﺯ ﻧﯧﺴﯩﯟﯦﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻳﻠﯘﺱ( ﺑﻮﺗﻘﺎ) ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺷﯘ ﻛﻪﻳﻠﯘﺱ (ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﺗﻘﺎ) ﻧﻰ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻪﻳﻤﯘﺳﻘﺎ * ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﯜﭺ ﻛﻪﻳﻤﯘﺳﻨﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺭﻩﯕﮕﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ؛ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﻪﺯﺍﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ.
* ﻛﻪﻳﻤﯘﺱ: ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﻪﻳﻤﯘﺱ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻳﻤﯘﺱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﻩﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
2. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ (ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ)
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﺍ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﺲ(ﺳﯧﺰﯨﻢ) ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻭﮬ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﻭﮬ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺗﯩﺪﯨﻦ (ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﻰ) ﯞﻩ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﺷﯘ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯞﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ (ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ، ﺳﯧﯖﯩﺸﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ )ﺭﻭﮬ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻏﯩﺰﺍﻧﯩﯔ ﻟﻪﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ( ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ، ﺳﯧﯖﯩﺸﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻥ؛ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﺭﻭﮬ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺭﻭﮬ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺩﯨﻦ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﻪﺯﺍﻧﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﯧﺮﯨﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﭼﯩﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﺎﻟﻪﭼﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﺩﯨﻦ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﻪﺯﺍﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯧﺰﯨﻢ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﺍﻧﺎ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ : << ﺗﺎﻛﻰ ﺭﻭﮬ ﮬﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ>> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰﺍﺟﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺵ. ﺋﺎﯕﻼﺵ، ﺗﯧﺘﯩﺶ، ﭘﯘﺭﺍﺵ، ﺳﯧﺰﯨﺶ، ﺳﯧﺰﯨﻢ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺭﻭﮬﯩﻲ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ ﻣﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﻻﻕ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ، ﺭﻭﮬ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﺰﺍﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
3. ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ
ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ (ﺳﻪﺯﮔﯜ-ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻛﯜﭼﻰ) ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﻛﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﺯگۈ ﻛﯜﭺ-ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺋﺎﯕﻼﺵ، ﭘﯘﺭﺍﺵ، ﺗﯧﺘﯩﺶ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﻛﯜﭼﻤﯘ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﯩﺴﻰ ،ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻩﻙ (ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ)ﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ؛، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﯩﺴﻰ، ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ؛ ﺋﯜﭼﯜﻧﺠﯩﺴﻰ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ،؛ ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ، ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ،؛ ﺑﻪﺷﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ، ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻨﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ، ﮔﯚﺵ ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺕ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﺋﻪﺯﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ، ﺩﻭﯞﺳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭼﯩﻘﺮﯨﻨﺪﯨﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯧﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺑﺎﻟﻴﺎﺗﻘﯘ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭺ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﮬﯧﺴﺴﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻏﯩﺰﺍ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﭺ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻗﻠﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﻴﺎﺗﻘﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﮬﯧﺲ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭼﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺷﯘﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺧﯩﻠﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﻪﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺳﻮﻳﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﻜﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻳﻠﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻏﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻪﻳﻠﯘﺱ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻦ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﺎﻡ ﻛﻪﻳﻠﯘﺱ ( ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﺗﻘﺎ)ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﺰﺍﺝ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﯩﺰﺍﺝ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﻏﯩﺰﺍﻧﻰ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻏﯩﺰﺍﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭼﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺯﺍﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻻﻳﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﯨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯜﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺧﺎﺗﺎﺩﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯜﻳﯜﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺩﺍﭘﯩﺌﻪ (ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ) ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺪﯗ.

قۇۋۋەتى نەپسانىي ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشمۇ بار:
ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ (روھى قۇۋۋەت) –ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ قۇۋۋەتلىرى ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ قۇۋۋەتلىرىدىن ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﺯگﯜ قۇۋۋىتلىرى -ﻛﯚﺭﯛﺵ قۇۋۋىتى(كۆزدە) ، ﺋﺎﯕﻼﺵ قۇۋۋىتى (قۇلاقتا)، ﭘﯘﺭﺍﺵ قۇۋۋىتى(بۇرۇندا) ، ﺗﯧﺘﯩﺶ قۇۋۋىتى (تىلدا)، تۇيۇش قۇۋۋىتى(تىرىدە)دىن ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺳﻪﺯگﯜ قۇۋۋىتلىرىمۇ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﯩﺴﻰ، ئدراك قۇۋۋىتى ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﯩﺴﻰ، تەسەۋۋۇر ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ؛ ﺋﯜﭼﯜﻧﺠﯩﺴﻰ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ؛ ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ، باھا(ھۆكۆم) ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ؛ ﺑﻪﺷﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ، خاتىرە ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻲ، ﭘﺎﺭﯨﺴﯩﻲ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...