قەھۋە دەملەشنى ئۈگۈنۈش جەريانلىرىم

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

قەھۋە ياخشى ئايالغا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە بەلكىم ئانچە تېتىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭىزنى، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز.
- تورداشلار ھېكمەتلىرىدىن
قەھۋەنى تۇنجى قېتىم ئىچكەندە تەمىنى ناننىڭ كۆيۈكىگە، چوغدا قاقلاپ پۇشۇرغان كۆكباشقا ئوخشاتمايدىغان كىشىلەر ئاز بولمىسا كېرەك، ھېچبولمىسا مەن ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ تولىسى تۇنجى قېتىم قەھۋە ئىچكىنىدە شۇنداق بىر تەسىراتنى سۆزلىشىدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا ئاكام شەدىكى تاغامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغاندا تۇنجى قېتىم قەھۋە ئىچىپ بېقىپتۇ. ئۇندىن بۇرۇن بىز تىلۋېزۇرلاردىلا كۆرىدىغان قەھۋەنى ئىچىپ باققان ئاكامنىڭ ئاغزىنى تامشىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىشلىرى ماڭا رىۋايەتلەردىكىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاكامغا ھەۋەس قىلىپ كەتتىم، لىكىن ئاكامنىڭ تەسىراتى ئاخىرىغا كىلىپ سۇسلاپ كەتتى. «ۋاي بەك ئازىلاپ كەتكۈچىلىكى يوق نېمە ئىكەن ئۇ، كۆيۈپ كەتكەن كۆكباشتەك تېتىيدىكەن. بىر كېچە ئۇخلاتمىدى. بولمايدىغان نېمە ئىكەن ئۇ». ئاكاممۇ قىززىق. تېلۋىزۇرلاردىكى سېرىق چاچ كىشىلەر ئىچىدىغان، قەھۋە دەيدىغان نەرسىنى ئىچىپ باققىنىدىن بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرسىمۇ لىكىن تەسىراتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن مەن شۇ ۋاقىتتا مەن ئىچىپ باقمىغان قەھۋەنى ئاكامنىڭ ئىچىپ ياراتماي كەتكەنلىكىگە قاراپ بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە يەنە بىر تۇرۇپ ھەسەت ئارىلاش ھەۋەس قىلىپ لېۋىمنى يالاپ قويغان ئىدىم.
كىيىنچە سەل چوڭ بولۇپ ئۈرۈمچىگە چىققان كۈنلەردە تەڭشەكلىك تەييار قەھۋەلەرنى ئىستاكانغا تۆكۈپ قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى ئۈگۈنىۋالدىم. كىتاب ئوقۇشتىن بۇرۇن چەتئەللىكلەردەك بىر ئىستاكان قەھۋە دەملىۋېلىپ كىتاب ئوقۇغاچ ئىچەتتىم. تەمى بەك تېتىپ كەتكەندەك قىلمايتتى، لىكىن مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ قەھۋە ئىچىشىدە بىر ھېكمەت باردەك تۇيۇلۇپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئارىدا تېبابەت ئۈگۈنۈش ئىشتىياقى بىلەن خوتەنگە بېرىپ دورا-دەرمەكلەر بىلەن كۈندە ھەر خىل دېگۈدەك چايلىقلارنى دەملەپ ئىچىپ يۈرۈپ قەھۋە ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالاي دەپتىكەنمەن، يېقىنقى بىرەر يىل مايىنىدا تەييار قەھۋە، ئىرىشچان قەھۋە دېگەندەكلەرنى دەملەپ يېڭىباشتىن ئىچىپ يۈردۈم. ئىرىشچان قەھۋە خالتىلىق تەڭشەكلىك قەھۋەلەردىن سەل ئۈستۈندەك بىلىندى. ئۇنىڭغا فىرىما، شىكەر دېگەندەكلەرنى ئۆزۈم خالاپ تەڭشەپ ئىچىپ يامان ئەمەستەك ھېس قىلدىم. ئەتىياز ئۈرۈمچىگە چانغا تېيلغىلى چىقىپ ئاغىينەم بىلەن ھەر خىل قەھۋەلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچى بولۇشۇپ كاپچىنۇ، موكا، ئامىرىكا قەھۋەسى دېگەنلەردىن بۇيرۇتۇپ ، ئىچىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ سوقۇشقاچ ھەقىقى قەھۋە ھوزۇرىنى سۈرگەن بولدۇق. ئىسىت، تەڭشەكلىك تەييار، ئىرىشچان قەھۋەلەرنى ئىچىپ يۈرگەن ھاياتىمىزغا ئىچىنىشتۇق. قەھۋە ماشىنىسىدا مەخسۇس تەييارلىنىدىغان قەھۋەلەرنىڭ تەمىدىنمۇ ئۆتە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان پۇراقنىڭ پەيزىلىكى…
دۇكانغا قايتىپ كىلىپ قەھۋە دەملەش ئۈچۈن كېرەكلىك بىر يۈرۈش سايمانلارنى، كۆكتاغ ، ئالى دېگەندەك ماركىدىكى قەھۋە پۇرچاقلىرىدىن تەييارلاپ قەھۋە دەملەپ خىلى ئوخشاتتىم. قەھۋە پۇرچىقىنى توك ماشىنىسىدا ئەزمەي، قولدا ئايلاندۇرىدىغان كىلاسسىك ئۈسكۈنىدە ئايلاندۇرۇپ يانجىتىپ، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنى ھىدلاپ رومانتىك ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان بولۇپ كەتتۇق. دۇكانغا كىرگەن خىرىدارلىرىمغا قايسى خىل چاي ياكى قەھۋا دەملەۋاتقان ۋاقتىمدا كىرگەن بولسا خىرىدارغىمۇ شۇنىڭدىن دەملەپ بىرەي دەپ بەزىلىرىگە قەھۋە دەملەپ ئىكرام ئەتسەم، قەھۋە ئىچىپ باققانلار: ئوخشاپتۇ، رەھمەت ئۇستاوووم دەپ دۇئا قىلىپ ماڭىدۇ. پەقەت قەھۋە ئىچىپ باقمىغانلار ئازىراق ئىچىپ بىقىپلا : ھەجەپ كۆيۈك تېتىيدىكىنا، دەپ قويىدۇ. بەزىلەر قايناقسۇ ئىچكەندەكلا ئىچىۋېتىپ ھېچقانداق تەسىرات يوق، «ماقا ئەمىسە» دەپ قويۇپلا ماڭىدۇ. خىلى ئىخلاس بىلەن دەملىگەن قەھۋەرىمنىڭ ھەجەپ ئەتىۋارى بولمىدىيا دەپ غۇدۇڭشىپ قويىمەن.
دەسلەپتا ئادەتتىكىچە دەملەيدىغان ئۈسكۈنە ئەكەلدۈرۈپ دەملىگەن. كىيىن كۆپۈك چىقىرىپ دەملەيدىغانغا ئالاھىدىرەك ئۈسكۈنە ئەكەلدۈردۇق. ئەمما بۇ ماشىنىدا سۈتنى ھەر قانچە قىلىپمۇ سېمىرتىپ كۆپۈكلەندۈرەلمىدىم. بىر مۇنچە پۇلغا قەھۋە ماشىنىسى ئىلىپ مۇشۇنداقلا بىكار بولۇپ كېتەرمۇ دەپ ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھىلىقى تاغام تىلفۇن قىلىپ قالدى. 4000 نەچچە يۈز كويغا قەھۋە ماشىنىسى ئەكەلدۈرگەن ئىدىم، ئۆيگە كەلمەمسە قەھۋە دەملەپ بىرىمەن دەپ قالدى. ھېچبولمىسا ئۈگۈنۈپ كىلەي دەپ باردىم. قارىسام سۈتنى كۆپۈكلەندۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئۈسكۈنە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۆزى ئاددىي، پۇلىسىمۇ ئەرزانلا نەرسە ئىكەن. توردىن ئۇنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ بۈگۈن ئەتىگەن دەسلاپ قىلىپ سىناپ باقسىم خېلىلا قاملاشقاندەك تۇرىدۇ. تەمىمۇ كەپتۇ.
IMG_20150820_102305

ئابدۇللا بىلەن ئىككىمىز ئۆيدىن ناشتىسىز چىقىپ دۇكاندا ناشتا قىلماقچى بولدۇق، يولدا يېرىم كىلو سۈت سېتىۋىلىپ ئىلىپ كىلىپ قەھۋە دەملىمەكچى بولدۇم. ئۆزۈمچە بۇ ناشتىلىق ئابدۇللاغىمۇ ياقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەپسۇسكى ئۇ «سۈتكە قەھۋە سېلىۋىتىپسە ئەمەسما» دەپ باتناپ ئولتۇردۇ.

IMG_20150820_102426

قەھۋە دەملەشكە كەتكەن ئۈسكۈنىلەر:
IMG_20150820_100333

IMG_20150820_100416

سۈت سېمىرتىدىغان (كۆپۈكلەندۈرىدىغان) ئۈسكۈنە
TB2.7IDcXXXXXaOXpXXXXXXXXXX-1819188056


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    ئاۋات تېمىلار

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...